ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدە ئىراق، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى ئۇرۇشلار ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپدىن قىلىنغان چىقىمنىڭ تۆت تىرىليون دوللارغا يېتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بىروۋن ئۇنىۋېرسىتېتىگە قاراشلىق ۋاتسون ئىنىستىتۇتىنىڭ «ئۇرۇشنىڭ بەدىلى» تېمىسى ئاستىدىكى تەتقىقات لايىھەسىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھېسابلارغا ئاسلانغاندا، ئۇرۇشنىڭ ئومۇمىي چىقىمىنىڭ ئېلان قىلىنغاندىن تېخىمۇ يۇقىرى بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرىلىكى ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش چىقىمىنى بىر تىرىلىيون دوللار دەپ، ئېلان قىلغان ئىدى.
ۋاتسون ئىنىستىتۇتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، ئۇرۇشنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا 3 تىرىلىيون 700 مىليارد دوللارغا توختىغانلىقىنى، بۇنىڭ ھەتتا 4 تىرىلىيون 400 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
دوكلاتتا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنسىتىرلىكىنىڭ قىلغان ھېسابلىرىنىڭ باشتىنلا ئۆزىنى قاچۇرۇش بولغاندىن سىرت، توغرا، ئېنىق بولمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئىقتىسادىي چىقىمنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەسلىشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە تىرىلىيونلارچە دوللار چىقىم قىلىپ زادى نېمىگە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە سوئال قويۇلدى