ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  ئىقتىساد

خەلقئارادا پۇل پاخاللىقى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوخشىمىغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللاندى

ۋاقتى : 2011-02-22  مەنبەسى : finance.sina.com.cn  يوللىغۇچى : لەيلىگۈل كۆرۈلىشى : قېتىم


 


 

رۇسىيە
    ئۆتكەن يىلى يازادا رۇسىيەدە ئاز كۆرۈلىدىغان قۇرغاقچىلىق ۋە ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، بىر قىسىم زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتتى. مەسىلەن كۆكتات ۋە ياڭيۇنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئىمپورت قىلىنغان يىمەكلىكلەرنىڭ باھاسىدىنمۇ قىممەت بولدى.
     سانلىق-مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە: ئۆتكەن يىلى دىكاربىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان رۇسىيەدە ياڭيۇنىڭ باھاسى نەچچە ھەسسە ئۆسۈپ كەتكەن بولۇپ، ھەر كىلوسى 25 رۇبلى يەنى 85 ئامېرىكا پۇڭىدىن 40 رۇبلىغا ئۆسكەن. چىياۋمەينىڭ باھاسى بۇلتۇر يازدىن بۇيان  3 ھەسسە ئۆۈپ كەتكەن. خەلقئارادا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى بىلەن، ئۆتكەن يىلى رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئاشلىق ئىكىسپوتنى چەكلەشنى ئېلان قىلغاندى. تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بازار يېڭى بىر تۈركۈم ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىش دولقۇنىغا دۇچ كەلمەكتە ئىكەن. رۇسىيە زۇڭتۇڭى مىدىۋىدىف ئالدىنقى كۈنى ئىقتىسادىي خىزمەتلەر يىغىنىدا ھۆكۈمەتنىڭ مالباھاسىنى بولۇپمۇ ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئۆنۈملۈك بولىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    بەزى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى كۆلىمى 5 مىلىيات رۇبلىغا يىتىدىغان دۆلەت يىمەكلىك فودى قۇرۇيدىكەن ھەم ئاشلىق قاتارلىق ئاساسلىق يىمەكلىك باھاسىغا چەك قويىدىكەن. مىدىۋىدىف يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئاشلىق زاپىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، بازارنى تەڭشەيدىغانلىقىنى ئاشكارلىدى.

ياۋرۇپا
    بارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش
   يېقىندىن بۇيان، بازاردا ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن قەرىز ئۆسۈمىنى ئۆستۈرىدىغانلىق خەۋىرى بارغانسېرى كۈچەيدى. ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى تېلىس 20-فېۋىرال ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسنىڭ بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ياۋرۇ ئىشلىتىدىغان رايونلارنىڭ مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرىدىغانلىقىنى، پۇل پاخاللىقىنىڭ ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى ئاساسلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
     ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي كىرزىستىن قۇتۇلىشىغا ئەگىشىپ، پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمى گىرمانىيە قاتارلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرى مائاشنى ئۆستۈرۈش بېسىمىغا دۇچ كەلدى. بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن تېلىس مۇنداق دىدى:« مائاشنى ئۆستۈرۈش ئەڭ ئاقىلانە بولمىغان بىر ئۇسۇل. بۇ ئۇسۇل ياۋرۇ ئىشلىتىدىغان رايونلاردىكى پۇل پاخاللىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋىتىدۇ». نۆۋەتتە، ياۋرۇ ئىشلىتىدىغان رايونلارنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %2.4 پىرسەنىت بولغان. ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى كومتىتىنىڭ ئەزاسى ئوفېلىياندىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« ئاشلىق ۋە ئاسالىق يىمەكلىك باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشى، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئېشىشى نىسبىتىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل %2 پىرسەنىتتىن يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسى مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، ياۋرۇ ئىشلىتىدىغان رايونلارنىڭ مال باھاسىنى مۇقۇملاشتۇرماقچى».
كورىيە
    مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى بارلىق ئىشلارنىڭ ئاساسىي قىلىش
   كورىيە مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى رېنجۇڭلوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« كورىيە دۆلىتىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، 2011-يىلى پۇل پاخاللىقىنى %3 پىرسەنىت تىزگىنلەش ئۇنچىلىك ئاسانغا توختىمايدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا كورىيە ھۆكۈمىتى سىياسىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسى مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش بولۇپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا ھۆكۈمەت ئۇچۇرايدىغان مال باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىش بېسىم يىنىكلەيدۇ».
     سانلىق-مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاشلىق ۋە ئاساسلىق يىمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىنىڭ تەسىرىدە، يانىۋاردا كورىيەنىڭ ئاساسلىق ئىستىمال بويۇملىرىنىڭ مال باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.1 پىرسەنىت ئېشىپ، ئۆتكەن يىل ئۆكتەبىردىكى %4 پىرسەنىتلىك ئۆتكەلدىن ئېشىپ كەتكەن. رېنجۇڭلوڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« كورىيە ھۆكۈمىتى بارلىق پايدىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلقنىڭ يۈكىنى يەڭگىلىتىدۇ. مەسىلەن، ئاساسلىق يىمەكلىكلەرنىڭ تاموژنا بېجىنى كېمەيتىپ، تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىغان ئاساسلىق يىمەكلىكلەرنىڭ ئىمپورت مىقدارىنى كۆپەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ».



 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا