5-ئاۋغۇست، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى 260 يولنى ئۇنىۋېرسال تۈزەيدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە، پىلاننىڭ %65ى ئورۇندالغان.
بىر مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يوللارنىڭ كونىرىشى، قار-يامغۇر ۋە نورمىدىن ئارتۇق يۈك باسقان ئاپتوموبىللارنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن يول يۈزى ئويمان-دوڭغۇل بولۇپ كەتكەن، بۇنىڭدىن سىرت يول بويلىرىغا تىزىپ قويۇلغان گۈللەر ئازلاپ كېتىش، قۇدۇق قاپقاقلىرى بۇزۇلۇپ كېتىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلگەن، بۇنىڭغا قارىتا، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ خىل ئەھۋال بىر قەدەر كۆپرەك بولغان 260 يولنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش پىلانىنى تۈزۈپ، ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.
نۆۋەتتە، تەڭرىتاغ رايونى، سايباغ رايونى، تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى يوللار ئاساسىي جەھەتتىن ئوڭشالغان، باشقا رايوندىكى يوللارمۇ 25-ئاۋغۇستتىن بۇرۇن ياخشىلىنىدىكەن.