بىرلەشمە سەھەر تورىنىڭ 8-ئاۋغۇست خەۋىرى: مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ چوڭ پايچېكى جاكارلىشىچە، مالايسىيە ئاۋىياتسىيەسىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.
مالايسىيانىڭ ھوقۇقلۇق بايلىق فوندى، مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ چوڭ پايچېكى دۆلەت غەزىنىسى پاي كونترولى (Khazanah) جاكارلىشىچە، ھەر بىر پېيىنى 27 سېنت (ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 1 مىليارد 400 مىليون رىڭگىت) تىن مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قالغان بارلىق پېيىنى سېتىۋېلىپ، شىركەتنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇپ، كۇئالالامپۇر پاي بېرژىسىدىن ۋىۋىسكىسىنى ئېلىۋېتىدىكەن.
دۆلەت غەزىنىسى پاي كونترولى ئوتتۇرىغا قويغان سېترىۋېلىش باھاسى مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ پېيى سودا قىلىنىشتىن توختاشتىن بۇرۇنقى پاي باھاسى (24 سېنت) دىن %12.5 يۇقىرى بولىدىكەن.
مالايسىيە مېدىيەلىرى خەۋەر قىلىشىچە، مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى ئېلىۋېتىش پىلانى يەنىلا مالىيە مىنىستىرلىكى ھەمدە باشقا ئورۇنلارنىڭ تەستىقلىشى كېرەك بولۇپ، دۆلەت غەزىنىسى پاي كونترولى 6 ئايدىن 12 ئايغىچە بولغان مەزگىلدە مالايسىيا ئاۋىيەتسىيەسىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلىدىكەن.
3-ئايدا مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ MH370 نۆۋەتچى ئايروپىلانى ۋەقەگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، مالايسىيا ئاۋىيەتسىيەسىنىڭ سودىسى كاساتلاشتى. ئالدىنقى ئايدا، مالايسىيا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ MH17 يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇكرائىنادا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن ئەھۋالى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى.