
جۇڭگو ھاۋا ئارمىيە ئاخبارات باياناتچىسى شېن جىنكې 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدا جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 6-ئاۋغۇست شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىدا ھاۋادا چارلاش ئېلىپ بېرىپ، ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش پەرقلەندۈرۈش رايونى ئىچىدىكى ھاۋا نىشانىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، شەرقىي دېڭىزنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇش تەرتىپى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
6-ئاۋغۇست كۆپلىگەن ياپونىيە ھاۋا ئارمىيە ئۆزىنى قوغداش ئەتىرىتىنىڭ ئايروپىلانى جوڭگونىڭ شەرقىي دېڭىز ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىدا ئۇزۇن ۋاقىت رازۋېتكا قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى ئەگىشىپ نازارەت قىلغان. ياپونىيەنىڭ F-15 كۈرەشچى ئايروپىلانى ئىككى قېتىم جۇڭگونىڭ چارلاش ئايروپىلانىغا يېقىنلاشماقچى بولغان، جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى مۇۋاپىق، يوللۇق بولغان تەدبىر قوللىنىپ، ھاۋا تەھدىدىگە تاقابىل تۇرغان.
