ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى بەش خىل كىشىلەر ئۆز ئىختىيارى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ

ۋاقتى : 2014-08-08  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق

 7-ئاۋغۇست، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشچە، 16 ياشقا توشمىغانلار؛ ئولتۇرۇشلۇق جايدا كېسەل داۋالاتقان، تۇغقان يوقلىغان، ساياھەت ۋە كوماندروپكا ۋاقتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمىگەنلەر؛ پۈتۈن كۈنلۈك مائارىپ ئاپپاراتىدا ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلار؛ مېھمانخانىدا ياتاق ئېلىپ يېتىشقا تىزىملىتىپ بولغانلار ؛ قۇتقۇزۇش پونكىتىدا قۇتقۇزۇش ياردىمىنى قوبۇل قىلىۋاتقانلار ئۆز ئىختىيارىي بىلەن ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.

ئىگىلىنىشچە، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ۋاقىتلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك دەپ ئايرىلغان بولۇپ، ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىش كىنشكىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى يېرىم يىل، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئولتۇراقلىشىش كىنشكىسىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئىككى يىل بولىدىكەن.
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولۇپ ھەم ناچار  ئىناۋەت خاتىرىسى بولمىغان ئىلتىماس قىلغۇچى مۇددىتى ئىككى يىل بولغان ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن، يەنى، ئۆي سېتىۋالغان ياكى بىر يىلىدىن ئارتۇق ئۆي ئىجارە ئېلىش توختامى ئىمزالىغان ھەمدە ئەمەلىي  شۇ ئۆيدە ئولتۇرغان بولسا؛ بەلگىلمە بويىچە ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق تاپشۇرغان ياكى بىر يىلدىن يۇقىرى ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان بولسا؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن مەبلەغ سېلىپ قۇرۇلغان كارخانا شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە؛ ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن باشقا ئەھۋاللار؛ بەلگىلىگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلسە، ئۆزى بىلەن بىللە ئولتۇرۇشلۇق بىۋاستە قانداش ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ ئوخشاش مۆھلەتلىك ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن.
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىش چارىسى» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى تۇنجى قېتىم ئىلتىماس قىلغاندا، ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتكەندە، مەزمۇنى ۋە قىياپەت ئۆزگەرتىپ قايتىدىن كىنىشكە ياساتماقچى بولغاندا ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدۇ.
ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا