ياپونىيە ئارمىيەسىگە يادرو بىئو-خىمىيەلىك قورالدىن مۇداپىئەلىنىش رازىۋېتكا برونۋىكى سەپلەندى
يېقىندا ياپونىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ئۆزىنى قوغداش ئەتىرىتىگە ئالتە دانە يادرو بىئو-خمىيەلىك قورالدىن مۇداپىئەلىنىدىغان رازۋېتكا برونۋىكى (NBC رازۋېتكا برونۋىكى) سەپلەندى، بۇ ماشىنا 96 تىپلىق چاقلىق برونۋىك ئاساسىدا ئىلغارلاشتۇرۇلغان، ياسىلىش تەننەرخى 700 مىلىيون ياپونىيە يىنى ( تەخمىنەن 42 مىلىيون 170مىڭ يۈەن) بولغان.
ياپونىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ئۆزىنى قوغداش ئەتىرىتىگە ئىلگىرى 2012-يىلى سايتاما شەھىرىدىكى خىمىيەلىك قورالدىن مۇداپىئەلىنىش مەكتىپى تۇنجى قېتىم مىدىئالارغا يادرو بىئو-خىمىيەلىك قورالدىن مۇداپىئەلىنىش رازىۋېتكا برونۋىكى (NBC رازىۋېتكا برونۋىكى) نى كۆرگەزمە قىلغان.
بۇ خىل رازىۋېتكا برونۋىكى يادرو ھۇجۇمىغا ئۇچىرىغان نەق مەيداندىكى بۇلغانما ماددىلاردىكى سانلىق مەلۇماتنى يىغىدۇ ھەمدە مۇداپىئە ۋازارىتىگە يوللاپ بېرىدۇ.
NBC رازىۋېتكا برونۋىكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 8 مېتىر، ئېغىرلىقى 20 توننا، تۆت ئادەم سىغىدۇ، ماشىنا ئىچىدە مۇداپىئە نىقابى تاقاش ھاجەتسىز.