شىنخۇا تورىنىڭ 10-ئاۋغۇست خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن، تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ نىمۇ ناھىيەسى ئىچىدىكى 318-دۆلەت تاشيولىنىڭ 4740-4741 بۆلكىدە پەۋقۇلئاددە ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، بىر ساياھەت ئاپتوبۇسى بىلەن ئۇدۇلدىن كەلگەن بىر دالا ماشىنىسى، بىر يۈك ماشىنىسى ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كەتكەن. ئۈچ ماشىنىدا جەمئىي 55 ئادەم بولۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 44 ئادەم قازا قىلغان، قالغان 11 ئادەم يارىدار بولغان. يارىدارلار پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇلىۋاتقان بولۇپ، ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان ئەھۋال يوق.
ۋەقە يۈز بەرگەن يول بۆلىكى يارلوڭ ساڭپو دەرياسى يېنىدىكى تاغ جىلغىسى بولۇپ، ساياھەت ئاپتوبۇسى سوقۇلۇشقاندىن كېيىن يول بويىدىكى 10 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قىيادىن چۈشۈپ كەتكەن، ئاپتوبۇسنىڭ شەكلى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتكەن.
مۇخبىر تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 55 كىشىلىك ئاپتوبۇستا شوپۇر يولۇچى بولۇپ جەمئىي 50 ئادەم بار ئىكەن. دالا ماشىنىسىدا 4 ئادەم، يۈك ماشىنىسىدا 1 ئادەم بار ئىكەن.
تەرجىمان: ئوكيان