-
-
-
ئانا تىلىم- ئۇيغۇر تىلى - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]
2009-02-19
ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار
ئانا تىلىم- ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇرنىڭ قېنى.
قېنى نېمە؟ ھاياتلىقى، بارلىقى، جېنى.مىنىڭ تىلىم مېنى تەۋەللۇت قىلغان، تەمتەم قەدەملىرىمدە مۇزىكا كۈيلىرىدەك زۇۋان ۋە ھېس-تۇيغۇ، ئىزگۈ ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلغان خاسىيەتلىك تىل. ئۇ ئانام روھىدەك پاك ۋە غۇبارسىز تىل. ئۇنىڭ مەنە كەڭلىكىدە خۇددى دېڭىزدىكى يەلكەندەك ئەركىن ئۈزگىنىمدە، ئۆزۈمنى گويا كۆكتىكى قىران بۈركۈتتەك چەبدەس ۋە غالىب ھېس قىلىمەن. ئۇنىڭ بىلەن نەپەسلىنىمەن، ئوزۇقلىنىمەن. ئۇنىڭ بىلەن ئۈزۈمنى ۋە كەڭ دۇنيانى كۆرىمەن. خىيال يىپلىرىمنى كەشتە قىلىپ توقۇيمەن. چۈنكى ئۇ مىنىڭ سۆيۈملۈك تىلىم ۋە دىلىم.
... ...بۇ تېما پەلسەپە بلوگى(http://palsapa.blogbus.com) باشقۇرغۇچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن يۆتكەپ كېلىندى، ماقالە ئەسلى مەنبەسى: http://palsapa.blogbus.com/logs/35379901.html#cmt
-
ھەممە باسمىخانىلار ئۇيغۇرچە قوللىسۇن! - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-02-14
توردىكى بەزى نادىر ماقالىلەرنى ئۇچراتقىنىمىزدا ساقلاپ قويۇپ ئايرىم تەتقىق قىلغۇمىز كېلىدۇ . پېقىر ئىچىكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغاچقا مەكتەپتىكى باسمىخانىلاردا ئۇيغۇرچە فونىتلار يوق . ئۇلارنىڭ كومپىيۇتېرىغا قاچىلاپ قوياي دېسە بەزى يولداشلار قوشۇلمايدۇ ، شۇڭا ھەممىلا باسمىخانىدا ياقتۇرىدىغان ماقالىلىرىمنى باستۇرۇپ ئېلىپ قويۇشۇم قولايلىق بولىدىغان بىر ئۇسۇلغا ئېھتىياجلىق بولغىنىمدا «كومپىيۇتېر مەستانىلىرى» ئېلىكىتىرونلۇق ژورنىلىدىن ئۆزۈمگە كېرەكلىك تېخنىكىنى تاپقان ئىدىم(ئۇنى كۆرگىنمگە ئۇزاق بولۇپ كەتكەچكە قانچىنجى سانىدىن كۆرگىنمنى ، كىم يازغان تېما ئىكەنلىكىنى ئەسلىيەلمىدىم ،ئەپۇ قىلغايسىلەر !) ، ھەم بىر يىل ئىلگىرى شىئەندە بىر سان چىقىرىپلا توختاپ قالغان «ياشلىق چەشمىلىرى» ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى گېزىتىنىمۇ مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق باسمىخانىدىكى باسما تىزىش يۇمتالىنىڭ ئۇيغۇرچە فونىتنى قەتئىي قوللىماسلىق قېيىنچىلىقىدىن ئۆتۈۋالغان ئىدۇق . بىر يېرىم يىلدىن بېرى بۇنى ئاز بولمىغان دوستلارغا ئۆگەتتىم ، تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قايتىدىن تېما قىلىپ يوللاپ قويۇشنى قارار قىلدىم . ئاۋۋال خەت نۇسخىسىنى ۋورد ھۆججىتىگە باغلىۋېتىش تېخنىكىسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان .
... ... -
ئۇيغۇرچە خەتلەر رەتلىك كۆرۈنسۇن! - [تور بەت ياساش تېخنىكىلىرى]
2009-02-14
-
قاردىكى ئايرىلىش - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-12
تونۇش ئاياق ئاۋازى ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىن بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلدى. قار ئاياق ئاستىدا ئېزىلگەندە چىقارغان غىچىلدىغان ئاۋاز ئۇنىڭغا شۇنچىلىك تونۇش بىلىنمەكتە ئىدى. ئاياغ ئاۋازى ئۇنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ توختىدى. ئۇ بېشىنى ئىككى قولىنىڭ ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ مۇز قاتقان دەرياغا قاراپ مىدىرلىماي ئولتۇراتتى. قىزنىڭ ئارقا تەرەپتە ئۆزىگە قاراپ تۇرغىنىنى بىلدىيۇ، لېكىن ئارقىسىغا ئۆرۈلمىدى. قىز سۈكۈت ئىچىدە خېلى ئۇزاق تۇرغاندىن كېيىن ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:
_سەردار...... -
ئانا - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-09
جاھاندا ھەممىدىن پاك ۋە نۇقسانسىز،
نە ئالتۇن، بىباھا گۆھەر،تەڭداشسىز.
بارلىقىنى پەرزەنتچۈن ئاتاپ مىننەتسىز،
بارمىدۇر سېنىڭدىن ئۇلۇغ زات ئانا.... ...
-
بەلكىم بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا سەل ھەيران قېلىشىڭىز، دەرھال ئاچچىقلىنىشىڭىز، زادى قانداق يەردە مۇشۇنداق ئىش باركەن، مۇشۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؟ دەپ ئۆز-ئۆزىڭىزگە سۇئال قويۇشىڭىز مۇمكىن. لىكىن ھەرگىز ھەيران قالماڭ، ئاچچىقلانماڭ. مەن سىزگە بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى قىسقىچە سۆزلەپ بېرەي.
مەكتىپىمىز جەنۇبىي شىنجاڭ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قوش تىل بويىچە تەربىيەلەش مەركىزى قىلىپ قۇرۇلغاندىن كىيىن مەكتەپ رەھبەرلىكى بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، قىلمىغان ئامالى ئاز قالدى. تىرىشچانلىق كۆرسەتكىنىگە يارىشا بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ... ...
بۇ تېما لوپنۇرى بلوگى باشقۇرغۇچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن كۆچۈرۈپ كېلىندى، ئەسلى ماقالە ئادرىسى: http://lopnuri.blogbus.com/logs/33853466.html
-
ياشلىق نىداسى - [ياشلىق چەشمىلىرى گېزىتى]
2009-02-08
ئېھ، ياشلىق !!! ياشلىق سەن ھېچنىمىگە پىسەنت قىلمايسەن، سەن خۇددى پۈتكۈل كائىناتتىكى ھەممە بايلىقلارنى ئۆزۈڭگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، قايغۇمۇ ساڭا تەسەللىي بېرەلەيدۇ، ھەسرەتنىڭمۇ ساڭا ياردىمى بار، سەن ئىشەنچكە تولغان، يۈرەكلىك. سەن ئېيتىسەنكى: قاراپ تۇر، مەنلا ھايات. لېكىن سېنىڭ كۈنلىرىڭمۇ ئاستا- ئاستا ئۇچۇپ كېتىۋاتىدۇ. ئازراقمۇ ئىز قالدۇرماستىن ، ... ...
-
خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]
2009-02-07
تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.
خەلقئارالىق ئانا تىل بايرىمى خاتىرلەش پائالىيتى ئېچىلىش مۇراسىمى، ئاۋسترالىيە، سېدنىي، 2006.يىلى 19.فېۋرال