-
مەخسۇس ئۇيغۇرچە بلوگلاردىن ئىزدىگۈچ - [بلوگ ھەققىدە ئۇچۇرلار]
2009-01-28
ئىزچىل تۈردە خەلىقئارالىق ئىزدەش ماتورلىرىدىكى ئۇيغۇرچە بلوگلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشۇرىدىغان بىرەر ئامال بارمىدۇ دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم. چۈنكى گوگېلغا ئوخشاش ئۇچۇر ئىزدىگۈچ ئىزدەش ماتورلىرىدا بلوگ ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىزدىلىشى بلوگ بەتلىرىنىڭ ئىزدەش ئۇچۇر ئامبىرىدا بولغان قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان ئاناتىلىم بلوگىغا ئاتاپ مەخسۇس ئىزدەش ماتورى تۈزۈپ چىقىلدى، بۇ ئىزدەش ماتورىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچۇر ئامبىرى بلوگلىرىمىز بلوگىغا سىتاستىكا قىلىپ توپلانغان 144 ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى بلوگدۇر.
گوگېلىدىن ئاجرىتىپ بەرگەن بەت ئادرېسى :
http://www.google.com/coop/cse?cx=005056213345391191149:-aseflj3ksm&hl=zh-CN -
رۇجەك مەرىپەت كۇلۇبىنى ئەسلەيمەن - [كۆرگەن- بىلگەنلىرىمدىن]
2009-01-25
باشقا مۇنبەرلەردىن كۆچۈرۈپ چاپلىنىپ ئېلان قىلىنغان مۇنبەرلەرنى ئىزدەپ ئازابلىق كۆڭلۈمگە مەلھەم ئىزدەي دەپ ئۇيغۇرچە ئىزدىگۈچتىن سەبورى دەپ ئىزدىسەم ئاينۇرى ئېنگىلىزتىلى بلوگى چىقتى ، ھەي ھەجەپ ياخشىكىنا ، دېدىم ئىچىمدە، ئارتۇق ، تۆشۈك بىرمۇ گەپ يوق ، ھەممىسى پايدىلىق ئۇچۇر ، ھەممىسى بىلىم ، پاھ ، مۇشۇنداق بىر بلوگىم بولغان بولسا ھەجەپ ياخشى بولار ئىدى – ھە ! ؟ئىلگىرى ھەجەپ دىققەت قىلىپ قارىماپتىكەنمەن ما بلوگقا نەچچە كىرگەن بولمىسا ، بىر يەرلىرىمدە خوشال بولاتتىم ، چۈنكى مەن ئالدىنقى قېتىملاردا بۇ بلوگدىن تاپالمىغان بىر يېڭى نەرسىنى تېپىۋالغان ئىدىم ، ئۇ دەل بلوگ ياساشنىڭ ئۇرۇقى ئىدى ، ئۇنى قاچان پەرۋىش قىلىپ ، سۇغۇرۇپ ئۆستۈرىدىغىنىم ئۆزۈمگە نامەلۇم ، لېكىن چوقۇم بلوگىم بولىدۇ مېنىڭ