• ياشلىرىمىزنىڭ ئۈلگىسى، قەلبىگە ئۇلۇغ ئارزۇلارنى پۈككەن ۋە شۇ ئارزۇسى يولىدا توختىماي تىرىشىۋاتقان جاسارەتلىك ئوغلان نۇرئەلى ياسىن 2008- يىلى ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن كۈتىۋېلىش، شۇنداقلا دۇنيا جىنىس رىكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا غالتەكلىك ئاياغ بىلەن مېڭىشنى پىلانلىدى ۋە دادىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ سەپەرگە ئاتلاندى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي لىنىيە ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغىچە، ئومۇمىي مۇساپە 5000 كېلومېتىر بولۇپ، سائىتىگە 10~15  كېلومېتىرغىچە، كۈنىگە 80~ 100 كېلومېتىرغىچە، كۈندىلىك ئارام ئېلىش ۋاقتى 10 سائەت، پائالىيەت ۋاقتى 10 سائەت، تاماق ۋاقتى 4 سائەت بولۇپ، مۇشۇ پىلان بويىچە 65 كۈن ئىچىدە پۈتكۈل مۇساپىنى تاماملاپ چىقىش پىلانلانغان .

  • غەربىي شىمال سانائەت ئۇنۋېرسىتتى مەملىكىتىمىزدىكى بىردىنبىر ئاۋىئاتسىيە، ئالەم ئىشلىرى،دىڭىز قاتنىشى قۇرۇلۇشى مائارىپى ۋە تىخنىكا تەرەققىياتىنى ئاساسى گەۋدە قىلغان، سانائەت پەنلىرىنى ئاساس، باشقۇرۇش،فىلولوگىيە،ئىقتىساد- قانۇن پەنلىرىنى قوشۇمچە قىلغان، تەتقىقات خاراكتېردىكى كۆپ پەنلىك، ئېچىۋىتىلگەن ئىلىم- پەن تىخنىكا ئۇنۋىرسىتتى.
       دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە «985 قۇرلۇشى» ۋە «211 قۇرلىشى» غا كىرگۈزۈلۈپ، نۇقتىلىق قۇرۇلغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىرى.
       مەزكۇر مەكتەپ تارىخى، مەدەنىيىتى دۆلىتىمىز ئىچى- سىرتىغا داڭلىق بولغان قەدىمىي ئاستانە شىئەن شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ھازىر «دۆلەت مۇداپىئە پەن- تىخنىكا سانائەت ھەيئىتى» گە بىۋاستە قاراشلىق.

  • سەن مېنى دەريا ساھىلىدە ئۇچراتقان ، ئاق لىباسلىق پەرىشتە دەپ ئويلىمىغىن ،سەن يېقىن كەلسەڭ ئىدىڭ ، قان تامچىۋاتقان يۈرىكىمنى كۆرەتتىڭ ، مۇدھىش جۇدۇن تىلغىغان قەلبىم تالاي ئىزتىراپلار بىلەن چاك - چاك بۇزۇلۇپ يېرىلدى .باھار ئاپتىپى مېنى گويا مەڭگۈ تەرك ئەتكەندەك مۇدھىشلىقتا تۇرساممۇ ، يەنىلا تىك تۇرغان تۇرقۇمغا ئالدانما . مېنىڭ ئىچكى دۇنيايىمدىكى ئازابلار مېنى تۈگەشتۈردى . مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇڭدىكى پەرىشتەڭدەك ساڭا ئۇزاق ھەمراھ بولۇشۇم ناتايىن .
    سەن مېنى ئۇنتۇپ كەت !!!

  • يوپۇرماقلار تۆكۈلگەندە  ئالتۇن كۈز كېلىپ ،
    يېڭى نوتا بىخ ئەيلىدى سېنىڭدە كۆكلەم .
    قاغجىرىغان دىل چۆلىگە ياغدۇرۇپ يامغۇر ،
    گۈزەل ئەتە ئۈچۈن داۋام كۆكلىگىن كۆكلەم .

      ياشلىق كىشى ھاياتىدىكى ئەڭ جۇشقۇن ۋاقىت، ياشلىق مىلودىيسىدىن ئۇرغۇپ چىققان سىمفونىيە ھەر ۋاقىت قەلبىمىزنى لەرزىگە سېلىپ بىزنى گۈزەل ئەتىگە ئىنتىلدۈرىدىغان مۇڭلۇق كۈي. ۋەتەننى مەدھىيىلەش، خەلقىنى كۈيلەش شۇنداقلا ھەم بىزنىڭ ئۇنتۇلماس بۇرچىمىز.

  • جىبران خېلىل جىبران(1931~ 1833) دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر شائىرلاردىن بىرى. ئۇ قىسقىغىنە ئۆمرىدە ئەرەب رومانتىزىم ۋە سىمۋولىزىم ئىلمىنى بەرپا قىلدى. ھەمدە يىڭى ئەدەبىيات يولىنى ئاچتى.ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. يېقىندا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگېتۇنداجىبراننى خاتىرلەپ، زۇڭتۇڭ بۇش ئۆزى لىنتا كەستى ۋە نۇتۇق سۆزلەپ «پۇتۇن دۇنيا جىبرانىڭ ئەينى يىللاردا كۆرسەتكەن نىشانىنى بويلاپ ئىلگىرلىمەكتە» دەپ كۆرسەتتى. تەرمىلەر سەھىپىمىزدە ئۇنىڭ «مۇھەببەت» ناملىق ئەسىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

  • ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىلىرى:
    http://www.jilwe.cn/post/107.html

    ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇزىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇشى:
    http://www.jilwe.cn/post/111.html

    ... ...

  •  «ياشلىق چەشمىلىرى» گېزىتى تۇنجى سانىدا شىئەندە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىپ بەرگەندىن باشقا ئېنسىكىلوپىدىك ئالىمىمىز ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ تەرجىمھالى، غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا پۈتۈن دۇنيانى زىل– زىلىگە سالغان شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنىڭ ئىش – ئىزلىرى، غالتەكلىك ئاياغ بىلەن ئۆز يۇرتىدىن يولغا چىقىپ 97 كۈندە بېيىجىڭغا يېىتپ بارغان باھادىر ئەزىمەت،  يېشىللىق ئەلچىسى– نۇرئەلى ياسىن، مەملىكەتلىك تەبئىي ئاۋازدا ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسدە «يارۇ» ناملىق ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى بىلەن ئالتۇن مىدالغا  ئېرىشكەن ئايشىگۈل مۇھەممەدلەرنى مەتبۇئات ئارقىلىق تونۇشتۇرۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى. ئاللاھ خالىسا كۆكلەم  قايتىدىن كۆكلىگۈسى!  

  • كېچە ناھايىتى تىنچ. پەقەت تىنچلىنالمىغىنى مېنىڭ سىزگە تەلپۈنگەن قەلبىم بولسا كېرەك ، مەنمۇ سىزنى نېمە ئۈچۈن بۇنچە سېغىنىدىغانلىقىمنىڭ سىرىنى بىلمەيمەن .
    كۆڭلۈمدىكى مىڭلىغان سۆزلىرىم ئىچىدىن ئېسىمگە ئالالىغىنىم :سىز بىلەن تونۇشقانلىقىم مېنىڭ بەختىم .
    سىز مېنىڭ بەختىم بولۇش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يەنە مېنىڭ ئازابىم ، شېرىن ئازاب دېسەم تېخىمۇ توغرا بولار .
    زېمىندا 7 مىليارد نوپۇس بار ، لېكىن مەن سىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ، بۇ تاساددىبىيلىقتىنمۇ ياكى تەقدىر - قىسمەتتىنمۇ  ؟

    سابىق« ياشلىق چەشمىلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان شۇ ناملىق ماقالىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ يوللاندى

  • ئابدۇرېھىم زۇنۇن


    بىل شۇنى، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،
    مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى،
    بىپايان تىل كۆكىدە چولپان، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى،
    مەنىلەرگە باي، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى،
    بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى.

    ... ...
    بۇ ئەسەر جىلۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتى بلوگى(http://www.jilwe.cn) باشقۇرغۇچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن يۆتكەپ كېلىندى. ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسىگە يېزىڭ.
    تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى: http://www.jilwe.cn/post/102.html

  • ھېچقانداق نەرسە پۇلغا ئوخشاش قورقۇنۇچلۇق دۈشمەن بولالمايدۇ. نامراتلىق بىر كىشىنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى، ئىشەنچىسى، ساغلاملىقى ۋە بارلىق گۈزەل نەرسىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتالايدۇ. مۇستەقىل ياشاشقا باشلىغان سىز پۇلنىڭ مۇھىملىقىنى ناھايىتى تېزلا تونۇپ يېتىسىز، يەنە كېلىپ خىزمەتكە چىققان چېغىڭىز بىلەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدىكى پۇلغا بولغان ھېسسىياتىڭىز ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ.

    مېنىڭ تەجىرىبەمگە ئاساسلانغاندا، ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە پۇل تېپىش ئانچە تەس ئەمەستەك بىلىنىپ كېتىدىغان چاغلىرى بولىدۇ، مەسىلەن: قوشۇمچە خىزمەتلەرنى قىلىپ ئاز– تولا پۇل تاپقىلى بولىدۇ. لېكىن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بولسا، ناھايىتى تېزلا پۇل تېپىشنىڭ ھەقىقەتەن قېيىنلىقىنى ھېس قىلىسىز. نېمە ئۈچۈن بۇنداق پەرق كېلىپ چىقىدۇ؟

    ئادەتتىكى ئەھۋالدا كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئاتا– ئانىسىنىڭ ئەۋەتىپ بەرگەن تۇرمۇش پۇلىغا تايىنىدۇ، شۇڭا قوشۇمچە خىزمەتلەرنى قىلىپ تاپقان پۇل ھېساباتتىن ئارتۇق پۇل بولغاچقا خەجلەپ كېتىلسىمۇ ئانچە ئىسراپچىلىق بىلىنىپ كېتىلمەيدۇ. يەنە كېلىپ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇلىدىن باشقا كۆپ مىقداردىكى پۇل خىراجەت قىلىدىغان يېرى يوق. بىراق، سىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىشىڭىز بىلەنلا تۇرمۇشتىكى ھەرخىل مەسىللەرگە ئارقا – ئارقىدىن دۇچ كېلىسىز، كىچىكلىكتە سەرەڭگە، گۈرۈچ، ماي ، تۇز دىن، چوڭلۇقتا ئۆي، ئائىلە، بالا، ماشىنا دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى پۇلغا چېتىلىدۇ، تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىدە پۇل ئىشلىتىمىز.