-
ئۇيغۇر تىلى (مۇخەممەس) - [ئاناتىلنى ئۆگەيلىمەيلى]
2009-02-03
ئابدۇرېھىم زۇنۇن
بىل شۇنى، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى،
مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى،
بىپايان تىل كۆكىدە چولپان، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى،
مەنىلەرگە باي، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى،
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى.... ...
بۇ ئەسەر جىلۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتى بلوگى(http://www.jilwe.cn) باشقۇرغۇچىسىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن يۆتكەپ كېلىندى. ئىنكاس يازماقچى بولسىڭىز تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسىگە يېزىڭ.
تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى: http://www.jilwe.cn/post/102.html -
«ئانا تىل»ناخشىسىنى چۈشۈرىۋېلىڭ - [چۈشۈرۈش مەخسۇس رايونى]
2009-01-29
دۇتتار شاھى، تالانتلىق ناخشىچىمىز ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئورۇنلىشىدىكى «ئاناتىل» ناملىق ناخشىنى كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە دوستلارنىڭ چۈشۈرىۋېلىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئادرېسمۇ قوشۇپ يوللاندى، تۆۋەندىكى ئادرېستىن چۈشۈرىۋالغايسىز!
ئاناتىل
قۇتلۇق ھاجى شەۋقىئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كىلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بىرىپ ئالغۇم كىلۇر.
بۇ ئانا تىل بولساگەر ئامرىكايۇ ئافرىقىدا-،
سەرپ ئىتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كىلۇر.
ئەي ئانا تىل بىزگە سەن قالغان ئۇلۇغلاردىن نىشان،
سەن بىلەن روھى زىمىندا ئىپتىخارلانغۇم كىلۇر.