-
«ئانا تىل»ناخشىسىنى چۈشۈرىۋېلىڭ - [چۈشۈرۈش مەخسۇس رايونى]
2009-01-29
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34401579.html
دۇتتار شاھى، تالانتلىق ناخشىچىمىز ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ ئورۇنلىشىدىكى «ئاناتىل» ناملىق ناخشىنى كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە دوستلارنىڭ چۈشۈرىۋېلىشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئادرېسمۇ قوشۇپ يوللاندى، تۆۋەندىكى ئادرېستىن چۈشۈرىۋالغايسىز!
ئاناتىل
قۇتلۇق ھاجى شەۋقىئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىن قىلغۇم كىلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بىرىپ ئالغۇم كىلۇر.
بۇ ئانا تىل بولساگەر ئامرىكايۇ ئافرىقىدا-،
سەرپ ئىتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كىلۇر.
ئەي ئانا تىل بىزگە سەن قالغان ئۇلۇغلاردىن نىشان،
سەن بىلەن روھى زىمىندا ئىپتىخارلانغۇم كىلۇر.历史上的今天:
چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى 1.دەرس 2009-01-29چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى تەييارلىق دەرسى 2009-01-29سەبورى تور ئېنگىلىزتىلى 1. لېكسىيە 2009-01-29ئاناتىلىم بلوگىنىڭ تېما تۈرلىرىگە ئىزاھات 2009-01-29ئاناتىلىم بلوگىغا مۇشتەرى بولۇڭ! 2009-01-29
收藏到:Del.icio.us

评论
بىلوگىڭىز تىخىمۇ روناق تاپسۇن، رەھمەت!
ناخشا كودىنى يان سەھىپىگە قويسىڭىز بولىدۇ. مەن ئىشلەتكەن، قويغۇچنىڭ كودىنى www.91china.net تور بېكىتىدىن ھەقسىز ئىلتىماس قىلالايسىز، يەنە باشقا نۇرغۇن ھەقسىز قويغۇچلارمۇ بار.
ئۇلۇغ ئاللاھ سىزگە ئىككىلا دۇنيا بەخىت ئاتا قىلسۇن!
ئانا تىلىم!
ئابدۇلخەمىد يۈسۈپ ھاجىم
ئەي تىلىم --- ئۇيغۇر تىلى، سەن ئانا تىل ئەلنىڭ تىلى،
سەن بۈيۈك تىل، سەن يېتۈك تىل --- بارچە تىللار سەرخىلى.
سەن گۈزەل تىل، سەن سۈزۈك تىل، سەن ھوزۇرۇم، تاتلىقىم،
سەن ياۋاش تىل ھەم ئاسان تىل، سەندە نۇسرەت، شاتلىقىم.
ئەۋۋەلى "ئىڭڭە"دە سىڭدىڭ جانغا، دىلنى لال قىلىپ،
كەينىدىن بۇلبۇلغا ئوخشاتتىڭ زۇۋاننى بال قىلىپ.
سەندە چىقتى پۇشتى ئۇيغۇرنىڭ تىلى ئۇيغۇرچىلاپ،
سەن بىلەن تارقالدى ئۇيغۇر لەۋزىدىن خۇشبۇي گۇلاب.
سەندە ھازىرلاندى، "مىللەت" شەرتىنىڭ بىر ماددىسى،
سەن بىلەن بىخ سۈردى "مىللەت" شاھلىرىنىڭ قالدىسى.
مىللەت مەۋجۇت "ياران"، مىللىتىڭ يوق بولمىسا،
نەدە ئۇ مىللىي شەرەپ، ئىززەت تىلىڭ "توق" بولمىسا.
تىل دېگەن ئەجداد بىلەن ئەۋلادنى باغلار --- رىشتە --- بىل،
رىشتە چىڭلىقتا توقۇلغاي نە ئېسىل ئۇز كەشتە، بىل.
ئانا تىل --- مىللىي تىلىڭ بولغاچقا ئۇيغۇرلۇق سېنىڭ،
ئانا تىل بىرلە جاھان ئىچرە يۈزۈڭ نۇرلۇق سېنىڭ.
ئانا تىل --- تىل خەزىنىسىدە قىپتۇ باي بىلسەم مېنى،
ئەرەب، پارس ھەم --- ئۆگەندىم --- ئوردۇچە، خەنزۇچىنى.
ئەي ياران! مەن "ھاجى" لىقتا قايسى يۇرتنى كەزمىدىم،
ئانا تىل --- ئۇيغۇر تىلىدەك تەمدە بالنى سەزمىدىم
.
بۇ ماقالە شاھ ئۇيغۇر بلوگىدىن كۆچۈرۈلدى ، ئەسلى ماقالە ئادرىسى : http://shah.blogbus.com/logs/34497833.html
مەن بۇ ئېسىل سوۋغىڭىزنى ئايرىم تېما قىلىپ يوللاپ قويدۇم. كۆپتىن كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم. ئاناتىلىم بلوگىغا بۇنىڭدىنمۇ بەك ئېسىل سوۋغا بولمىسا كېرەك.
ئاللاھ مۇبارەك تېنىڭىزنى ئامان، ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن.
بلوگىڭىزنى كۆزىتىشىمچە بلوگ تۇغىڭىز ئازراق ئاددى بولۇپ قاپتۇ، خالىسىڭىز مەن سىزگە بىرنى لاھىيلەپ بېرىپ باقسام، كۆرۈپ بېقىپ يارىسا قوبۇل قىلسىڭىز، يارىمىسا قىممەتلىك تەكلىپلىرىڭىزنى ئايىمىسىڭىز.