<<  سەبورى تور ئېنگىلىزتىلى 1. لېكسىيە | باش بەت | چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى 1.دەرس  >>
  • چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى تەييارلىق دەرسى - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]

    2009-01-29

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34418529.html

    دەرسلىك مۇۋاپىق كېلىدىغان ئوبېكىتلار : ئېنگىلىزتىلىدا دەسلەپكى ئاساسقا ئېگە ، بىراق زامان ئۇقۇمىغا نىسبەتەن مۈجمەللىك ھېس قىلغان ياكى گىرامماتىكا ئۆگېنىش دېسىلا بېشى ئاغرىيدىغان ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىش سەۋىيسى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە بىر جايىدا توختاپ قالغان ئۆگەنگۈچىلەر ۋە زامان ئۇقۇمى ھەققىدە قايتا ماتېرىيال ئاقتۇرۇپ يۈرمەي بىر قېتىمدىلا پىششىق ئۆگېنىپ كېتىشنى ئىختىيار قىلغۇچىلار .

    ئېنگىلىزتىلىدىكى زامان ئۇقۇمى

    دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ 4– دەرىجە ئىمتاھانىنىڭ تەلەپ قىلىدىغان گىرامماتىكا قائىدىسى 12 زامان دائىرىسىدە بولۇپ ، قالغان 4 زامان قېيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىلا ئۇچرايدۇ .

    ئۇيغۇرتىلىدا ئۈچ زامان يۇقىرىقى بارلىق ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ ، خەنزۇتىلىدا بولسا زامان ئۇقۇمى مەۋجۈت ئەمەس ، شۇڭلاشقا بىر قىسىملىرىمىزغا زاماننى ئۆگېنىش بىر قەدەر قېيىن توختايدۇ . لېكىن بىز نۆۋەتتە سۆزلىمەكچى بولغان دەرىسىمىزدە ئۇيغۇرتىلىدىكى ئۆتكەن ، ھازىرقى ، كەلگۈسى ئۈچ زامانغا ئاساسەن باغلاپ تۇرۇپ ئېنگىلىزتىلىدىكى قالدى زامانلارنى تۈرلەندۈرۈپ تېزلا ئۆگېنىش مەقسىتىگە يېتىمىز . شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ كېتەيكى ، ئۆز ئانا تىلىڭىزنىمۇ تۈزۈك ئۆگەنمەي تۇرۇپ ، باشقا تىلنى ئۆگېنىمەن دېسىڭىز بەك جاپا تارتىپ كېتىسىز . ئۇيغۇرتىلىمۇ ئاسان تىل ئەمەس ، دۇنيادىكى گىرامماتىكىسى قېيىن ئالدىنقى تۆت تىلنىڭ بىرى . شۇڭلاشقا ئۆز ئانا تىلىمىزدا ساۋادىمىز ياخشى چىققان بولسا باشقا ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگېنىشتە بىزنى تۇغما ئىقتىدارغا ئىگە دېسە ئارتۇق كەتمەيدۇ .

    دەرسلىكىمىزدە زاماننى پەرق ئېتىشتىكى ئاساسلىق ئۆلچەم پېئىل بولۇپ ، ئەستە تۇتۇش ۋە پەرقلەندۈرۈشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن چىشى پېئىل ۋە ئەركەك (ئىش – ھەرىكەت) پېئىل دەپ ئايرىۋالىمىز .

    چشى پېئىل دېگىنىمىز دەل be بولۇپ ، جۈملە ئىچىدە خەنزۇچە 是 دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ ، ئۇيغۇرچىدا بولسا ئېنىق بولۇشى ئۈچۈن «بولسا» دەپ تەرجىمە قىلىپ ئالغان،لېكىن ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىز ئۇنداق ئىشلەتمەيمىز .  چىشى بولۇشىدىكى سەۋەبمۇ دەل ئۇيغۇرچىدا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل مەنە بېرىپ كېلەلمىگەنلىكىدە .

    ئەركەك پېئىللار بولسا ئۆز ئالدىغا ئايرىم مەنە بىلدۈرۈپ كېلەلەيدۇ . مەسىلەن : قىلىش(do) ، كۆرۈش(see) ، ئۇچۇش(fly) ، يېيېىش(eat) دېگەندەك .

    كېيىنكى سائەتلىك دەرسىمىزدىن باشلاپ be نىڭ سەككىز پىلانىتىدىكى ساياھىتىنى رەسمىي باشلايمىز .يۇقىرىقى مەسىللەر ھەققىدە ئېنىقسىز بولۇپ قالغان جايلىرى بولسا سوئال سوراڭلار . سوئالىڭلار ئىلمىي بولسۇن ، ئېسىڭلاردا بولسۇنكى بىز گىرامماتىكا تەتقىق قىلغۇچىلار ئەمەس ، بەلكى ئۆگەنگۈچىلەرمىز ، شۇڭا نېمىشقا 16 زامان بولىدۇ ، نېمىشقا پېئىللارنى ئۇنداق تۈرگە ئايرىيمىز دېگەندەك سوئاللىرىڭلارغا قانائەتلەنگۈدەك جاۋاب بېرىشكە ئاجىز كېلىشىم مۇمكىن ، چۈنكى ئېنگىلىزلارمۇ بۇنداق سوئاللارغا«ئاتا– بوۋىلىمىز شۇنداق ئىشلەتكەچكە شۇنداق.» دەپ ئۆتۈپ كېتىۋېرىدۇ .

     


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى