-
چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى 1.دەرس - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]
2009-01-29
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34420697.html
دەرسلىك مۇۋاپىق كېلىدىغان ئوبېكىتلار : ئېنگىلىزتىلىدا دەسلەپكى ئاساسقا ئېگە ، بىراق زامان ئۇقۇمىغا نىسبەتەن مۈجمەللىك ھېس قىلغان ياكى گىرامماتىكا ئۆگېنىش دېسىلا بېشى ئاغرىيدىغان ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىش سەۋىيسى ئۇزاق ۋاقىتلارغىچە بىر جايىدا توختاپ قالغان ئۆگەنگۈچىلەر ۋە زامان ئۇقۇمى ھەققىدە قايتا ماتېرىيال ئاقتۇرۇپ يۈرمەي بىر قېتىمدىلا پىششىق ئۆگېنىپ كېتىشنى ئىختىيار قىلغۇچىلار .
بىرىنجى دەرسئاددىي ھازىرقى زامان
ئېنىقلىمىسى : ئىش – ھەرىكەت ياكى ۋەقەنىڭ قائىدىگە ئايلىنىپ كەتكەن ، ياكى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە يۈز بەرگەن ئىشنى ئاددىي ھازىرقى زامان دەيمىز . (ئادەم ۋە نەرسىنىڭ خاراكتېرىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ )
چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى
1 — چىشى پېئىلنىڭ يەرشارىدىن قوغلانغانلىقى
يەرشارىدا بىر توپ پېئىللار ياشايدىكەن ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە be پېئىلى ناملىق پېئىلنى باشقا بارلىق ئەركەك پېئىللار ئانى تېپىپ زادىلا تۇرغىلى قويماپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن be پېىئىلى بۇ يەردە كۈن كەچۈرۈشكە ئامالسىز ھالدا ، بۇ جايدىن ئايرىلىپ ، ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن پىلانىت مارسقا كەپتۇ . ۋە ئۇزاققا قالماي ، بۇ يەردە ئۈچ بالىلىق بوپتۇ . بالىلىرىنىڭ ئىسمى am ، are ، is ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ بالىلار ئاددىي ھازىر زامان شەخىسلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىشنى تەقسىملىشىپتۇ . بىرىنجى شەخىس I غا am ئىگىدارلىق قىپتۇ ، ئىككىنجى شەخىسكە ئوتتۇرانجى بالا are ئىگە بوپتۇ ، كەنجى بالا is ئۈچىنجى شەخسىتىكى ئەرلەر ، ئاياللار ۋە نەرسىلەرگە قارىتىلىدىغان بارلىق شەخىسلەرگە ئىگىدارچىلىق قىپتۇ ، كۆپلۈك شەخىسلىرىگە بولسا چوڭ بالا am ۋە كەنجى بالا is ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى ئارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپتۇ .
ئەسكەرتىش : كۆپلۈك ئۈچىلى شەخىسكە ۋەكىللىك قىلىپ ئۈچىنجى شەخىس كۆپلۈك ئېلىندى .
يۇقىرىقىسى بايان شەكىلىدىكى جۈملە بولۇپ ، بولۇشىسىز شەكلىگە be پېىئىنىڭ ئالدىغا not قوشۇلىدۇ .
سوئال شەكلىنى سوراش ئۈچۈن ، ئەسلىدىكى بايان جۈملە ئاساسىدا be پېئىللىرى جۈملىنىڭ بېشىغا چىقىدۇ . جۈملە ئاخىرىدىكى چېكىت بەلگىسى سوئال بەلگىسىگە ئۆزگىرىدۇ .ئەمدى ئەركەك پئېىللارغا كەلسەك ، ئۇلار پەقەت شەخىسكە باغلىنىپ ،ئېگىنىڭ كەينىدىن كېلىپ ئىش – ھەرىكەتنى ئىپادىلەۋېرىدىكەن . ئۇلار ئۈچىنجى شەخىسنى ھۆرمەتلىگەچكە ئۇنىڭغا يولۇقسا s قوشۇلغان ھۆرمەت شەكلىدە كېلىدىكەن .
جۈملىنىڭ بولۇشسىز ۋە سوراق شەكىللىرىگە ئۆزگىرىش شەكلى be پېئىلىنىڭ قائىدىسىگە ئوخشاپ قالىدۇ . ھەم روشەن پەرقمۇ بار . بۇنىڭدا بولۇشسىز شەكلى ئۈچۈن ئەركەك پېئىلنىڭ ئالدىغا do not قوشۇلىدۇ .
ئۈچىنجى شەخىسنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئالاھىيدە دىققەت قىلىڭ !
سوئال شەكلى تۆۋەندىكىچە :be پېئىلىنىڭ سوئال شەكلىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەركەك پېئىلنىڭ بايان شەكلىدىن سوئال شەكلىگە ئۆزگىرىش قائىدىسىنى يىغىنچاقلاپ چىقىڭ .
تاپشۇرۇق : 108 جۈملە تۈزۈش .
تاپشۇرۇق ئىشلەشنىڭ ئەھمىيتى : ئايرىم توختىلاي .历史上的今天:
چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى تەييارلىق دەرسى 2009-01-29سەبورى تور ئېنگىلىزتىلى 1. لېكسىيە 2009-01-29ئاناتىلىم بلوگىنىڭ تېما تۈرلىرىگە ئىزاھات 2009-01-29ئاناتىلىم بلوگىغا مۇشتەرى بولۇڭ! 2009-01-29ئۇيغۇرتىلى ئېلىپبەسى ۋە ئېلىپبە ناخشىسى 2009-01-29
收藏到:Del.icio.us
