<<  ئاناتىلىم بلوگىنىڭ تېما تۈرلىرىگە ئىزاھات | باش بەت | چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى تەييارلىق دەرسى  >>
  • سەبورى تور ئېنگىلىزتىلى 1. لېكسىيە - [سەبورى تور ئىنگلىز تىلى]

    2009-01-29

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34410293.html

    بىرىنجى لېكسىيە


    ئېنگىلىزتىلى سۆزلۈك ئۆتكۈلى


    تىل ئۆگېنىشتە سۆزلۈك بىرلىكىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم ، مەيلى ئاساسىي گىرامماتىكىلىق مەسىللەرنى چۈشىنىش بولسۇن ، ئېغىز ئېچىپ سۆزلەش مەشىقىگە كىرىشىش بولسۇن ، سۆزلۈكىمىز مەلۇم مىقدارغا يەتمەيدىكەن ، سۈپەتكە كاپالەت قىلىشتىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس . ھەركىمنىڭ ئوخشىمىغان سۆزلۈك ئۆگېنىش ئۇسۇلى بار ، مەسىلەن ، ئۆزۈمنى مىسالغان ئالسام ، ئىلگىرى ئوقۇشلۇق ئارقىلىق سۆزلۈك ئۆگېنىشنى ناھايىتى توغرا دەپ قارايتىم ، ھەقىقەتەنمۇ ئۇ سۆزلۈك ئۆگېنىشنىڭ ئەڭ توغرا ، تەبئىي ئۇسۇلى لېكىن ھەرگىزمۇ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ تېز ئۈنۈم يارىتىدىغان ئۇسۇل ئەمەس . ئەگەر بىزنىڭ ئۆگېنىش ۋاقتىمىز يېتەرلىك ، سەۋر – تاقىتىمىز يەتكۈچە بولسا ئىدى ، ئۇنداقتا ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان ئېنگىلىزچە ئوقۇشلۇقلارنى تېپىپ كېلىپ ، بىلمىگەن سۆزلۈكلەر ئۇچرىسا ئاستىغا سىزىپ ، شۇ ۋاقىتىتىكى مەنىسىگە قوشۇپ ئۆگەنسەك ، ئەستە ساقلىساق ناھايىتى ياخشى بولاتتى . لېكىن بىز تېز ھەم تولۇق ئۆگەنمەكچى شۇڭلاشقا يۇقىرىقى مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن سۆزلۈك قوللانمىسى يادلاش بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تاللايدىغان بىردىنبىر تاللىشىمىز ، ئەمەلىيەتتە بۇ ناھايىتى ئاسان ئۇسۇل ، بەزىلەر تەرىپىدىن بۇ ئۇسۇلنىڭ قوبۇل قىلىنماسلىقى پەقەت شۇ سۆزلۈك قوللانمىسىنى قانداق ئۆگېنىشنى بىلمىگەنلىكىدە .
    بىر سۆزنى قايتا – قايتا ئوقۇش ، بولسا بىر نەچچە رەت يېزىپ ئۆگېنىش ؟ ياق ،ياق مەن بۇنداق قىلىشنى ئانچە توغرا تېپىپ كېتەلمەيمەن .مەن ھېسابلاپ بېرەي ، بىر ئايلىق ئۆگېنىشنى نىشان قىلغان دۆلەتلىك ئالىي مەكتەپ 4– دەرىجە ئېنگىلىزتىلى سەۋىيەسىدىكى بىر سۆزلۈك قوللانمىسى 30 دەرس بولسا ھەربىر دەرستە 150دىن 180گىچە سۆزلۈك بار دېسەك ، قائىدە بويىچە بىر كۈندە بىر دەرس ئۆگېنىپ مېڭىشىڭىز كېرەك ، بۇنى سىناپ باقمىغانلارنىڭ كاللىسىدىن ھازىرلا تۈتۈن چىقىپ كەتتى . شۇنداق ، يۇقىرىقىدەك ئوقۇپ ، يېزىپ ئۆگەنسىڭىز بىر سۆزگە تەخمىنەن 3 مىنۇتتىن سەرىپ قىلسىڭىز يۇقىرىقى مەزمۇننى ئۆگېنىپ بولۇشقا بىر كۈندە 7.5 سائەتتىن 9 سائەتكىچە ۋاقىت سەرپ قىلىسىز دېگەن گەپ  ، لېكىن سىزدە بۇنچىلىك سەۋىرچانلىق يوق ، شۇنىڭ بىلەن ئاۋۋال سۆزلۈكنى بۆلىۋالىسىز ، بىر كۈندە 5 بەتتىن ئۆگېىنەي (بىر دەرس تەخمىنەن 16 بەت) ، بىراق بۇنداق بولغاندا ۋاقىت بەكلا سوزۇلۇپ كېتىدۇ . سىزنىڭ داۋاملاشتۇرىشىڭىز بىر مەسىلە ، ماتېرىيالنىڭ ئەسلىدىكى تۈزۈلۈش ئالاھىيدىلىكىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆگەنگىنىڭىز تېخىمۇ چوڭ مەسىلە بولۇپ سۆزلۈك قوللانمىسى ئارقىلىق ئۆگېنىشنىڭ توغرا ئۇسۇل ئەمەسلىكىگە بولغان گۇمانىڭىزنى تولۇق ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىغان بولىسىز .
    ئاۋۋال يۇقىرىدا سانلىق مەلۇمات كەلتۈرگەن كىتابنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي . خەنزۇ يولداشلار بىر قەدەر كۆپ ئىشلەتكەن ، بىلىدىغان سۆزلۈككە قوشۇپ بىلمەيدىغان سۆزلۈكلەرنى سۆز تومۇرى بويىچە ئۆگېنىدىغان ، مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش قۇرۇلما ئالاھىيدىلىكىگە ماس ھالدا تۈزۈلگەن ، ئۇچقۇن ئەستە ساقلاش تەتقىقات مەركىزىدىن مادېگاۋ مۇئەللىمنىڭ ئۇچقۇن سۆزلۈك ئۆگېنىش قوللانمىسى .
    全新大学英语词汇星火式巧记速记1-4级ئەسلى ئىسمى :     
    رەسىمى :

    星火式背单词手册
     
    بۇ سۆزلۈك قوللانمىسىنىڭ ھەرخىل نەشىرى بار 2004 – يىلىدىن كېيىنكى يۇقىرىقى رەسىمگە ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان خالىغان بىرسىنى ئالسىڭىز بولىۋېرىدۇ ، دېمەكچىمەنكى بولسا كونا كىتاب يايمىلىرىدىن ئالسىڭىز خېلى پۇل تېجەيسىز .
    بۇنى ئۆگېنىش سىزدىن خەنزۇتىلى سەۋىيەسى تەلەپ قىلىدۇ ، ئەلۋەتتە .
    قوللانمىدىكى قارا قېنىق خەتلەر ئەستە ساقلاش تەلەپ قىلىنىدىغان خەتلەر . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى بىر خەتنى كۆرۈشكە ، يەنى ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مەنىسىنى ئوقۇشقا يېرىم مىنۇتتىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلماڭ ، سىز ئۇنى قانچە ئۇزاق كۆرمەڭ ، سىز يەنە نۇرغۇن سۆزلەرنى ئۆگېنىسىز ئۇلار ئۆز ئارا كاشىلا قىلىپ سىزنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ، ھامان ئۇنتۇيسىز ، نورمال ئادەملەرنىڭ مېڭىسى شۇنداق ئۇنتۇش ، قايتا كۆرۈپ ئەسكە ئېلىش ۋە يەنە ئۇنتۇش ، يەنە قايتا كۆرۈش ئارقىلىق ئەستە ساقلايدۇ ، سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز مۇشۇ ئۇنتۇش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ ئەستە ساقلاش مەقسىتىگە يېتىش . يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن بويىچە ، بىر كۈندە بىر دەرس ، بىر ئاي ئىزچىل ئۆگېنىش كىتاب تۈزگۈچىلەرنىڭ تەلىپى . ئالدىرىماي تۇرۇڭ ، قىززىق نۇقتىغا ئەمدى كەلدۇق .
    ھەركۈنلۈك مەلۇم بىر ۋاقىتنى بەلگىلەڭ ، بۇ دەل سىزنىڭ ئۆگەنگەن ئۆگەنمىگەنلىكىڭىزنى تەكشۈرىدىغان ۋاقىت بولۇپ ، ئېنگىلىزتىلى ئۇقىدىغان بىر ھەمراھنى تېپىڭ ، ئۇ سىز ئۆگېنىپ بولغاندىن كېيىن ، ئۈچ قېتىمدىن ئوقۇپ بەرسۇن ، تەخمىنەن 15مىنۇت ئىچىدە . سىز يادقا يېزىپ چىقىڭ . ھەمراھ تاپالماسلىقىڭىزدىن ئەنسىرىمەڭ . بۇ سۆزلۈك ئۆگېنىش قوللانمىسىنىڭ يەنە بىر ئالاھىيدىلىكى ھەربىر دەرسنىڭ سۆزلۈكنى ئوقۇپ بېرىش ماسلاشتۇرما ئاڭلاش ماتېرىيالى بار ، كىتابنى ئالغاندا سوراپ كۆرسىڭىز ياكى تور بەتلەردىن ئىزدىسىڭىز ئاسانلا تاپالايسىز ، پەقەت بولمىسا مېنىڭدە بار ، م پ 3 شەكلىدە بولۇپ سىزگە مۇۋاپىق ئۇسۇلنى تاللاپ يوللاپ بېرەي . بۇ ئاڭلاش ماتېرىيالىدا ئۆلچەملىك قىلىپ ئوقۇپ بېرىدۇ ، تەلەپپۇز خاتالىقىدىن ساقلىنىسىز . شۇنى ھېس قىلدىڭىزمىكىن يۇقىرىقى ئۆگەنگەننى تەكشۈرۈشتە پەقەت ئاڭلاپ سۆزنى يېزىشلا تەلەپ قىلىنىدۇ ، مەنىسىنى يېزىش تەلەپ قىلىنىدۇ . ئالدىرىماڭ ، بۇنىڭغىمۇ ئۆلچەم بار ، يازغان سۆزلىكلىرىڭىزنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ خاتا يازغانلىرىڭىز 15 تىن ئېشىپ كېتىپتىمۇ ، دېمەك لاياقەتسىز دېگەن گەپ . سىز 15تىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك ئۈچۈن تەبئىي ھالدا سۆزلەرنىڭ ئۆزئار باغلىنىشى ۋە مەنىسىنى ئۆگەنمىسىڭىز بولمايدۇ ، بۇ ھەقتە كۆپ توختىلىشنىڭ ئورنى يوق .
    نېمىشقا بۇنداق قىلىش ھەقتە سورىسىڭىز ، سىز خەنزۇتىلى ئۆگېنىپ باققان بولسىڭىز ، شۇنى مىسال كەلتۈرەي بىر خەتنىڭ ئوقۇلىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قانداق يېزىلىشىنى ئەستە ساقلاش ناھايىتى قېيىن . ئېنگىلىزتىلىمۇ ئوخشاش ، بىر سۆزلۈك ئاۋۋال ئوقۇلۇش ، ئاندىن يېزىلىش ، ئاخىرىدا مەنىسىنى ئۆگېنىش ئارقىلىق سىزگە ئۆزلىشىدۇ .
    ئەڭ مۇھىمى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشتا ، چۈنكى ئاز بولمىغان ئوقۇغۇچىلار كۇرسقا قاتنىشىپ مۇئەللىمنڭ يېتەكچىلىكىدە يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئۆگېنىپ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوقتەك ھېس قىلغان لېكىن ، كۇرس ئاخىرلىشىپ قايتىدىن ئىلگىرىكى ماتېرىياللارنى قولىغا ئالغاندا ئۆز سەۋىيسىنىڭ ئاشقانلىقىنى يەنە كېلىپ شۇ خىل سۆزلۈك ئۆگېنىشنىڭ پايدىسى تەرىپىدىن ئاشقانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يەتكەن . بۇ دەل تىل ئۆگېنىشتىكى يوشۇرۇن ئېنىرىتىسيە ھادىسىدۇر .
    كۇرس جەريانىدا دەسلەپتەئوقۇغۇچىلارغا بېسىم ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرىدە يۇقىرىقى ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئۇلاردا مۇشۇ خىل سۆزلۈك ئۆگېنىش ئۇسۇلىنى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزلەشتۈرىۋېتەتتۇق ، بۇ يەردە ماقالە شەكلى ئارقىلىق بىرلا قېتىمدا يېزىپ چىقىشنىڭ باشقىلارغا قانچلىك تەسىر قىلىدىغانلىقى ۋە قانداق ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقى ماڭا نامەلۇم ، پىكىر – تەكلىپىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر !

     

    كۆۋرۈك ئېنگىلىزتىلى سالونى (http://www.kuruk.cn/bbs) دىن ئېلىزانىڭ ئىنكاسى:

    سالام ئانا تىلىم،

    سىزنىڭ بۇ قىممەتلىك ئەمگىكىڭىزدىن سويۈنىش بىلەن بىرگە كاللامغا بىر نەچچە سۇئاللار كىلىۋاتىدۇ. سىزنىڭ ئېنگىلىز تىلىنى ئۈگۈنىش توغرىسىدىكى تەۋسىيلىرىڭىز ياخشى ئىكەن. بىراق بۇ  خەن مىللىتىگە بەكرەك ماس كىلەمدىكىن دەيمەن. چۇنكى سىزنىڭ دەۋاتقان سۆزلۇك ئۈگۈنىشنى ئالساق، پۇختا ئاساسى بولمىغانلار ئۇچۇن شۇ سۆزلۇكنى يادقا ئالدى دىگەندىمۇ ئۇنى ئەمىل تۇرمۇش، ئۆگىنش ۋە خىزمەتلاردە ئەركىن قوللانمىقى قىيىن. ئەلۋەتتە ئىمتىھاننىڭ تەلىۋىگە قىسقا ۋاقىتتا يىتىش ئۇچۇن ئولوك يادلاشقا توغرا كىلىدۇ، بىراق يەنە بىر نوختىدىن ئالغاندا ھازىرقى ئمتىھاملارنىڭ ئەمىليەتچانلىغى بۇرۇنقىغا قارغاندا كۆپ يۇقۇرى بولۇپ كەتتى. مەن ئىنگىلىز تىلى سۆزلۇكنى ئاشۇرۇشقا نىسبەتەن سىزنىڭ سەۋىيىڭىز مەلۇم باسقۇچغا يەتكەندە تىز سۇرئەتتە ئۆزلىگىدىن كۆتۇرلىدۇ (بۇ دىگىنىم، سۆزلۇككە نىسبەتەن سەزگۈرلىگىڭىز ئاشىدۇ دە تىز ئەستە تۇتۇلايسىز) دەپ قارايمەن.

     

    مەن ئېنگىلىز تىلىنى ئۇگۇنىشتە يەنىلا گرامماتىكا قىسمىنى مۇھىم دەپ قارايمەن. گەرچە ئىمتىھامنىڭ مۇھىم نوقتىسى بولمىغىنىدەك كۆرۇنگىنى بىلەن بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتمەي بۇ تىلنىىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق قىيىنمىكىن دەپ قارايمەن. بۇ نۇختىلارغا قانداق قارايسىزكىن؟  بۇ تۇغرىسىدىكى قارالىرىڭىزنى ئاڭلارپ باققوم بار.

    بۇنداق دىسەم كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن، خىلى يىللار ئىلگىرى مەن بىر داڭلىق خەن ئېنگىلىز تىلى ئوقۇتقوچىسىنىنىڭ لىكسىيىسىنى ئاڭلىغان ئىدىم تۇرۇپلا شۇ ئىسىمگە كىلىپ قالغان، پەرىزىمچە كۆپلىرىمىز تازا دىگەندەك نەتىجە قازىنالمىغان. كىيىن مەن چاتاقمۇ يا دەپ سەل كۆڭلۇممۇ يىرىم بولغان كىيىن قارسام ئىش ئۇنداق ئەمەسكەن. ئۇقۇغۇچىڭىنىڭ ئەھۋالىنى كۆپ ئويلاشمايلا نەتىجىگە ئالدىرغاننىڭ ئىشىكەن دەپ ئويلىغان ئىدىم. چەتئەللاردە بىرەر كورۇسقا كىرمەكچى بولسا چوقوم سىزدىن ئىمتىھان ئىلىپ ئاندىن قوبول قىلىدۇ، ھەم ئەمىليىتىڭىزگە ئاساسەن دەرس بىرىدۇ. مەن نۇرغۇن توفۇدىن ئۆتكەن خەنلەرنىڭ چەتئەلگە بىرىپ قايتا تۆۋەن سەۋىيەدىن باشلاپ ئۆگىنىۋاتقىنى كۆرگەن. شۇڭا بۇلارنى سەمىڭىزدە بوپ قالسىكەن دىگەن ئۈمىتتە.

    سىزگە ئۇتۇق يار بولغاي!

     

    ئاناتىلىمنىڭ جاۋابى:


     ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!

    سىزنىڭ تېمامغا ئەستايىدىللىق بىلەن ئىنكاس يازغىنىڭىزىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىللەر ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، مەن ئېنگىلىزتىلىنى ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن خەنزۇ يولداشلار بىلەن بىرلىكتە ئۆگەندىم، شۇڭا ئەمەلىي ئەھۋالىمغا ئاساسەن مەن تونۇشتۇرغان ئۇسۇللارنىڭ مەلۇم دائىرىدە چەكلىنىپ قېلىشى تەبئىي.

    سىزگە نېمە ئۈچۈن سەبورى ئېنگىلىزتىلى دىگەن نەرسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقىم ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بەرسەم:

    مەن ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنجى يىللىقىدىكى چاغدا مەۋسۇملۇق ئىمتاھاندا 70 تىن يۇقىرى نۇمۇر ئالدىم. بۇ نۇمۇرنى يۇقىرى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ سىنىپىمىدىكى مەن بىر ئۇيغۇردىن باشقا  100 خەنزۇ ساۋاقدىشىمدىن ئۈچتىن بىرى بۇنىڭدىن تولۇقلىما ئىمتاھانغا قېلىپ قالدى. پۈتۈن مەكتەپتىكى مەن بىلەن ئوخشاش يىللىقتىكى 20 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىدىن پەقەت ئۈچىلا بۇ ئىمتاھاندىن ئۆتتى. ھازىر ئاز كەم ئىككى يېرىم يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ، شۇ ئوقۇغۇچىلاردىن ھازىرغىچە تولۇقلىما ئىمتاھان بېرىپ كېلىۋاتقان ساۋاقداشلىرىم بار. بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرۇشنى خالىمايمەن.

    ئۆتكەن يىلى قىشلىق تەتىلدە مەكتەپتە قېلىپ كۇرسقا قاتناشتىم ۋە ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئىلـگىرىلىشىم ناھايىتى تېز بولدى دەپ ئويلايمەن. تەتىل يىغقاندا 6 ئۇيغۇر ساۋاقدىشىم بىلەن توختاملىشىپ مۇنتىزىم ھالدا بىر يېرىم ئايلىق كۇرس ئېچىلدى. بۇلار ئۆگىنىشىمىزگە تەسىر يەتمىگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك،ئەلۋەتتە. شۇ چاغدا دەرس ئۆتۈش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىمنى ئازدۇر-كۆپتۇر يېزىپ ماڭدىم. مەن بۇلارنى يازغاندا پەقەت بىر ئۆگەنگۈچى ، ھەۋەسكار سۈپىتىدە بولغاچقا كەمچىلىكلەردىن خالىي بولالمايمەن.

    سىز ئېيىتقاندەك گىرامماتىكا ئۆگېنىشىنى مۇھىم دەپ قارىغاچقا زامان ئۇقۇمى ھەققىدىكى <چىشى پېئىلنىڭ ساياھىتى>، ئەمەلىي ئۆگېنىش مۇھىم بولغاچقا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقان <ئېنگىلىزتىلى مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىقى> قاتارلىقلارنى داۋاملىق كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئويۇم بار. مەقسىتىم پەقەت بىر، بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ ماتېرىياللار تەمىنلەنسە دېگەن ئۈمىدتىمەن.

    ئېنگىلىزتىلى ئۆگېنىشتە ئۇسۇللار، كۆز قاراشلارمۇ كۆپ، ھەرخىل ئادەمگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇسۇللارمۇ ئوخشاشمايدۇ، شۇڭا سىزگە ماس كەلگىنى ماڭا ماس كەلمەسلىكى، مەن ئۆگەنگەن ئۇسۇلدا سىز ھېچقانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلالماسىلىقىڭىز مۇمكىن. شۇڭا قايسى ئۇسۇلنىڭ كىمگە مۇۋاپىق كېلىدىغىنىنى ھەركىم ئۆزى تاللىسۇن، يۇقىرىدىكى تېمىدا تىلغا ئېلىنغىنى پەقەتلا شۇ نۇرغۇنلىغان ئۇسۇللار ئارىسىدىكى بىرى، مەن ياخشى دەپ قارىغان بىرسى، ھەرگىزمۇ ھەممە ئادەمگە، ۋە ياكى كۆپ سانلىق ئادەملەرگە ماس كېلىدىغان ئەڭ ياخشىسى ئەمەس.
     
    شۇڭا كونىلار <تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز>، <بىلگىنىڭنى ئەلدىن ئايىما.> دەپتىكەن، دەپ ئويلاپلا كالتە-كۆسەي بولسىمۇ بۇلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردىم. كۆۋرۈك ئېنگىلىزتىلى سالونىدا ئېنگىلىزتىلىنى تىرىك تۇرۇپ سويىۋېتىدىغان ئۇستازلىرىمىز بار، سىزمۇ شۇلارنىڭ بىرى ئەلۋەتتە.

    كۆپرەك تەكلىپ-پىكىرىڭلارنى بەرسەڭلار، مەنمۇ يېڭى نەرسىلەر، يېڭى كۆز قاراشلار بىلەن ئۇچراشسام ئەگرى يولنى ئازراق مېڭىشىمغا كۆپ ياردىمى بولىدۇ. سىزگە سەمىمىي تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن.

     


    收藏到:Del.icio.us

Uyghur key board ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى

    评论

  • ھازىر لىيۇ يى سۆزلىكىنى ئۈگىنىۋاتىمەن. ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ نەپكە ئىرىشتىم. قالغان ماتىرىيال ھەققىدە مەن سىزگە ئېلخەت قالدۇرىمەن، ئەمما 5- فىۋىرالدىن كېيىن بۇلىدۇ، سالات بۇلۇڭ!... سىزگە خۇرسەنلىك تىلەيمەن!.
    م.ئە.سەبۇرى回复دىلئۇز说:
    لىيۇ يى سۆزلۈكى ھەققىدە ئاڭلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. كۆپ نەپكە ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە بولسا كۆپرەك تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىىشنى ئىزدەيمەن. سىزنىڭ ئالدىراشلىقىڭىزنى بىلىمەن. 5.فېۋرال مېنىڭ ئۇلانمىلار بلوگىنى يېزىشقا كىرىشكىنىمنىڭ بىر ئايلىق خاتىرە كۈنى بولىدۇ، ماڭا قوش خوشاللىق بولغۇدەك ئەمىسە.
    مۇبارەك تېنىڭىز ئامان، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن.
    2009-01-31 22:55:07
  • سالام سىزگە، بۇ مەۋھۇم دۇنيادا سىزدەك تىرىشچان بىر ئادەم بىلەن تۇنۇشۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغىنىمدىن چەكسىز خۇرسەنمەن. ئۈنۋېرسىتتى چاغدا مەنمۇ دەل سىز كۆرسەتكەن شۇ ماتىرىيالدىن ئۈگەنگەن ئىدىم. ھازىرغىچە نۇرغۇن ماتىرىيال كۆردۈم، ئاساسەن ئەمىلىيىتىمگە ماس كىلىدىغىنىنى تاللاش مېنىڭ ماتىرىيال تاللاشتىكى پىرىنسىپىم بۇلۇپ كەلدى. ئەمدى سىزنى يەنە بىر ئاۋارە قىلاي، شۇ ماتىرىيالنىڭ م پ 3 شەكلىدىكى ئاڭلاش ماتىرىيالىنى كىيۇكىيۇ ئېلخەتكە يوللاپ بەرسىڭىز.... سىزگە كۆپ رەھمەت.

    چەكسىز سۈيۈنۈش بىلەن:
    دىلئۇز
    م.ئە.سەبۇرى回复دىلئۇز说:
    مەنمۇ سىز بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن ناھايىتى خوشالمەن.
    بولسا سىزنىڭ ئەمەلىيتىڭىزگە ئاساسەن تاللانغان ماتېرىياللارنىڭ قانداق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئايرىم بىر پىكىر ئالماشتۇرۇپ كۆرسەك، ماڭا پايدىسى تېگەر ئىدى.
    بۇ ماقالىنى يېرىم يىل ئىلگىرى يازغان بولغاچقا، ئۇ ماتېرىيالنى مەن ئاللىبۇرۇن بىر نەچچە قېتىم ئۆتكۈزۈپ ئۆگېنىپ بولدۇم، شۇڭا ساقلاپ قويمىغان ئىكەنمەن. توردىن ئىزدەپ كۆرسەم ھېچبىر چۈشۈرۈش ئادرېسى باردەك ئەمەس. ئەپۇ قىلغايسىز. باشقا ياردىمىم تېگىدىغان ئىشلار بولسا قولۇمدىن كېلىشىچە ، سىز ئۈچۈن ھەرۋاقىت قولۇم كۆكسۈمدە!
    شەخسىي تورتۇرايىمغا داۋاملىق كېلىپ تۇرۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!
    2009-01-30 21:28:03