نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Microsoft Skydrive (ئۇيغۇرچە)نى ئىشلىتىپ بېقىڭ

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

Skydrive بولسا Microsoft شىركىتى يولغا قويغان بۇلۇت ساقلىغۇچ مۇلازىمىتى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر Windows Live ھېساباتى ئارقىلىق تىزىملاپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ رەسىملىرىنى، ھۆججەتلىرىنى Skydrive غا ساقلاپ قويالايدۇ. ھەرقانداق كۆچمە ئۈسكۈنە ۋە تورغا ئۇلانغان ھەرقانداق جايدا ھۆججەتلىرىڭىزنى زىيارەت قىلالايسىز، باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايسىز.

تور يۈزىدە Word, Excel, Powerpoint ھۆججەتلىرىنى قۇرالايسىز. سىزگە 25GB ھەقسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلاش ئۈچۈن بارماق دىسكا ئىشلىتىپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ھەرخىل پاراڭلىشىش دېتاللىرىدىكى دوستلىرىڭىزنى بۇ يەرگە سۆرەپ كىرىپ، ئۇلار بىلەن ئەركىن سۆھبەتلىشەلەيسىز. ئۇنى يەنە «خەت»، «كالېندار»، «كىشىلەر» ئەپى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايسىز. ئۇنداقتا دەرھال ئىشلىتىپ «بۇلۇت» ھۇزۇرىنى سۈرۈڭ.

يەنە ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، تەرجىمە سۈپىتى ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان باشقا مەھسۇلاتلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشىلاندى، ئەمما بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش بولغاچقا بەزى يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بولۇشى ئېنىق، «ئەلنىڭ كۆزى 50» دەپتىكەن، قېنى ئىشلىتىپ بېقىڭلار، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بولسا بەرگەيسىلەر ياكى يول كۆرسەتكەيسىلەر، رەھمەت!

ئادرېسى: Skydrive
ئۇيغۇرچىگە تەڭشەش ئۇسۇلى يەنىلا outlook.com غا ئوخشاش بولۇپ، ئاۋۋال ئۇ يەردە ئۇيغۇرچە تەڭشىۋېلىپ، ئاندىن skydrive.live.com نى بېسىپ كىرسەڭلارمۇ بولىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
86 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • قېنى مەن بىر ئشلىتىپ باقاي!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى am 09:39
  • outlook تىن كىيىنكى يەنە بىر خوشاللىق

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى am 10:05
  • سېغىمى چوڭ ئىكەن، بەك ياخشى بوپتۇ………..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى am 10:52
  • سۇرئىتى سەل ئاستا شۇ…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى am 11:43
  • سىغىمى بەك چوڭمۇ ياكى تور سۈرئىتى بەك ئاستىمۇ بىلمىدىم ، چۈشۈرەلمىدىمغۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 13:14
  • ئالىم مۇئەللىم، سىزنىڭ ئەجرىڭىز ھەرگىز يەردە قالمايدۇ!!!
    ئالىمكا، ئەسلى بۇ يەردە قۇرۇق گەپ قىلىپ،قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئالغۇم ،بۇ تىما بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان گەپلەرنى قىلىپ سىزنى ئاۋارە قىلغۇم يوق ئىدى، لىكىن بىر ئىش كۆڭلۈمنى بەكلە چۇمغىۋالىدى، ئاشۇ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزدىن بولسا 2مىنۇت 5 سكۇنت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ مۇشۇ سۆزلىرىمنى ئوقۇپ قويسىڭىز،سىزگە رەھمەت
    ئادەم بەزىدە تۇيۇقسىز بەكلا غەلىتە چۈش كۆرىدىكەن،غەلىتىلىكىدىن ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ ئىتراپ قىلىشقاجۈرئەت قىلالمايدىكەن.2012-8-28 مۇشۇ كۈنى كەچتە شۇنداق غەلىتە چۈش كۆرۈپتىمەن، مۇئەللىم،(مىنى يەنىلا ئالىمكا دەپ چاقىرىشقا رۇخسەت قىلسىڭىز). ئالىمكا، ئۇكام قانداق چۈش كۆرۈپسىز دەپ مەندىن خىيالى سورىدڭىزمۇ؟ ئالىمكا شۇ كۈنى چۈشۈمدە سىزنى كۆرۈپتىمەن ھەم سىزنى كۆرۈپلا ئالىمكا ماڭا ++C ئۈگۈتۈپ قويۇڭ دەپ سىزگە تەلمۇرۈپ قاراپ تۇرغۇدەكمەن. ئالىمكا، راسلا مۇشۇنداق چۈش كۆرۈپتىمەن.مەن سىزنى ئەزەلدىن يۈز تۇرانە كۆرۈپ باقمىغان، پەقەتلا سۈرىتىڭىزنى يىراقتىن تۇرۇپ كۆرگەن .لىكىن سىز چۈشۈمدە ئاشۇ كاستىيۇم-بۇرۇلكىڭىز،ئاشۇ كۆزئەينىكىڭىز بىلەن كۆز ئالدىمدا تۇرغۇدەكسىز.ئەتتىگەنلىكى ئاشۇ خۇشاللىقىمدا ئۆزۈمدىن ئۆزۈمگە ۋىلىقلاپ كۇلۈپ كىتىپتىمەن، ئەزەلدىن ئۇنداق ئۇزاق كۈلمەيتتىم. لىكىن ئاشۇ ئاخشامدىكى چۈش مېنى كۈلدۈردى ، يەنە كىلىپ مەن راسلا ++C غا ئامراق ھەم سىزدىن ++C دىن بىلىم ئالغۇم بار ئىدى ھەم نەچچە قىتىم سىزگە تىلىفۇن قىلىپ ،سىزگە دېگۈم بار ئىدى، لىكىن سىز ئالدىراش ھەم بىز ئۈچۈن جاپا چىكىۋاتىسىز،شۇڭا بۇ ئويلىرىمنى كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر جايلىرىغا ۋاقتىنچە باستۇرۇپ قويدۇم.ھازىر شۇ تىلنى ئۈگىنىۋاتىمەن.ئادەمنىڭ ھاياتىدا مۇشۇنداقمۇ ئۇدۇل كەپ قىلىش بولىدىكەن. بولدى ، ئالىمكا ،ۋاقتىڭىزنى ئالماي. ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 13:45
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !ئالىم مۇئەللىم.ئەجىرىىڭىزگە كۆپ رەھمەت.سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.مىللىتىمىز سىزنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمايدۇ.سىزنىڭ خىزمەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق،تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن.
    بوشلۇقنى 7GBدىن ئاشۇرالمىدىم(ھەقسىز).پۇل تۆلىمەي ئاشۇرغىلىمۇ بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 18:27
    • رەھمەت، پەقەت سىلەر ئىشلىتىپ بەرسەڭلار مەن بەكمۇ خۇشال بولىمەن. ئىشلىتىپ بېقىشنى ئارزۇ قىلمىغانلارمۇ ھېچبولمىغاندا بىرەر قېتىم ئۇيغۇرچىگە تەڭشەپ، نەچچە سائەت ئۇ يەر بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈپ بېقىڭلار. ئىشلىتىدىغان ئادەملەرمۇ بار ئىكەن دەپ قالسۇن.
      2012-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن بۇرۇن تىزىملاتقان Microsoft ھېساباتى بار كىشىلەر SkyDrive مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشنى تاللىغان بولسا، 25GB بوشلۇق بېرىدىكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا بىردەك 7GB ئىكەن، شۇڭا ۋاقتىدا تىزىملىتىپ ئىشلىتىڭلار. كېيىن يەنە ئازىلاپ كەتمىسۇن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 19:35
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم كۆزنەك 8گە زاكاس قۇبۇل قىلىش قاچان باشلىندۇ مىنىڭ بەكمۇ بىلگۈم بار.بەلكىم بۇ ھەممە تورداشلارنىڭ ئارزۇسى بولسا كېرەك!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 18:35
    • بايراقدار ۋە كەسپىي نۇسخىسىنىڭ باھاسى 1000 يۈەندىن ئاشىدىكەن، باشقا نۇسخىلىرىنىڭ باھاسى تېخى چىقمىدى، 500 يۈەنگە شۇ ئائىلە نۇسخىسى كېلىشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىنمۇ ئەرزان نۇسخىسىنى تورداشلار يارىتامدۇ-بىلمەيمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 19:29
  • ئالىم مۇئەللىم!سىزدىن بىر ئەخمەقلەرچە سوئال سوراي!يېقىندا outlookئېلان قىلىنغاندىن بۇيان كۆڭلۈمدە بۇنىڭدىن كېيىن،hotmailبىلەنliveيوقاپ كېتىپ،outlookئۇلارنىڭ ئورنىنى باسامدىغاندۇ؟دېگەن گۇمان شەكىللىنىپ قالدى.سىزنىڭچە راست شۇنداق بولامدۇ؟ۋاقتىڭىزنى ئېپ قويغانلىقىمدىن خىجىلمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 18:35
    • outlook نىڭ hotmail نىڭ ئورنىنى باسىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا، ئۇنداق ياكى مۇنداق گۇمان بىلەن بولماي ئىشلىتىۋېرىڭ، نەرسىلىرىڭىزنى ئۇلار ھەرگىز يوقىتىۋەتمەيدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 19:28
  • https://skydrive.live.com/options/Upgrade بۇ بەتتە ئازراق خاتالىق بارمۇ يا ؟
    $10.00 ياكى يىل

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 19:33
    • قانداق خاتالىق دەيسىز؟ تەرجىمە خاتالىقى ياكى باشقىلارمۇ؟…

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 19:36
      • تەرجىمە خاتالىقى .ئاۋۇ باھاسى …«$10.00 ياكى يىل » بۇ يەردە « ياكى»نى ئىشلەتمەسمىز.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى am 07:59
      • شۇنداق بۇ ئۆزگەرتىلدى، لېكىن بەزى جايلاردا «/» نى «ياكى» بويىچە ئالىمىز، رەھمەت!

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى am 09:49
  • مىنىڭ كومپيۇتېرىمدا ھىچقايسىسى ئىچىلمىدى. outlook بۇمۇ باشتا ئىچىلغان ئۇيغۇرچە تەڭشەپ ئىشلىتىپ شۇنداق خوش بولغانتىم. كىيىن ئىچىلماي قويدى. Skydrive بۇمۇ ئىچىلمىدى. گوگىلنىڭ تور كۆرگۈسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن بولمىسا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 20:28
  • مەن سىز خەۋەر بەرگەن Skydrive نى ۋە outlookنى ئىشلتىپ باقتىم . ئالدى بىلەن سىزنىڭ بۇ خوشاللىقتىن بىزنىمۇ خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. مەن ھەممە يەردە بۇ خوشاللىقتىن باشقىلرنىمۇ خەۋەردار قىلدىم. ناھايتى ياخشى پوزىتسىيەدە بولدى. بىز چۇقۇم تىل بايلىقىمىزنى قوغدايمىز..!!! رەھمەت ئالىم مۇئەللىم كەلگۈسىدە خەلقىمىز چۇقۇم سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتمايدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ. ھارمىغايسىز !!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 20:37
  • بۇنىڭغا تىزىملىتىدىغان ئۇيغۇرچە كۆزنەك ئىچىلغان بولسا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 21:36
  • ئايفون نۇسقىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتىمەن،ھەم كومپىيۇتىردا ھۆججەت يۈكلەۋاتىمەن.سۈرئىتى يامان ئەمەس. بولسا ئەپنىڭمۇ تىل تاللايدىغان يېرى بولسا شۇنى تاللىساقلا ئۇيغۇرچىگە ئۆزگەرسە ياخشى بۇلار ئىكەندۇق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 22:16
  • مەن ئىككىلىسىنى سىناپ كۆردۈم ھەم ناھايتىن خوش بولدۇم ،ئالىم مۇئەللىم ، ئەجرىڭىزگە ۆۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن !
    سورايدىغان بىر سۇئالىم بار ئىدى:مەن ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ بولغاندىن كېىن خەت كىرگۈزسەم، ھامزەلىك ھەرىپلەر باشتا كەلگەندە ھامزەسى يوقاپ كېتىۋاتىدۇ ،بۇ مېڭنىڭ تور كۆرگۈچۈمنىڭ مەسىلسىمۇ ياكى تەەڭشەكلەرنى ياخشى تەڭشىيەلمىگەنلىگم سەۋەبىدىننمۇ ؟ ھېچ بىلەلمىدىم ، كۆرسەتمە بىرەسىزمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى am 09:40
باھا بېتى: 1 2 3 4