ئالىم ئەھەت بىلوگى بىر ياشقا كىردى
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بۈگۈن ئالىم ئەھەت بىلوگى ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى، بۇ بىر يىلدا، تورداشلارنىڭ يامان ئەمەس باھاسىغا ئېرىشتى، ھەتتا تورداشلار تەرىپىدىن «2010-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 مۇنەۋۋەر بىلوگ» بولۇپ باھالاندى. بىلوگىمنى قوللاپ كەلگەن بارلىق تورداشلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن.
بايا alexa.com دىن تەكشۈرسەم، دۇنيادىكى دەرىجىسى 1,411,378 ئورۇنغا، جۇڭگودىكى دەرىجىسى 137,926 غا ئۆتۈپتۇ. ھالقىلىق سۆز Windows8 ئىكەن. ئەمما، بۇ يەنە بىر جەھەتتىن ماڭا بەلگىلىك روھى بېسىممۇ ئېلىپ كەلدى، چۈنكى، بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قىلىۋاتقان ئىشلىرىم كۆپىيىپ كەتتى، ھەتتا ئۆزەمنىڭ ئارام ئېلىش ۋاقتىغىمۇ كېپىل بولالمايمەن، كۈندە 10 نەچچە سائەت كومپيۇتېر ئالدىدا مۈكچىيىپ ئىشلەش ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى. ئەسلىدە شىركەتنىڭ مەسئۇلى بولغان كىشى ئۆزى ئاز ئىشلەپ، باشقىلارنى كۆپرەك ئىشلەتسە بولاتتى. ئىشلىرىم كۆپ بولسىمۇ، بىلوگىمغا بىر نەرسىلەرنى يازغۇم كېلىدۇ، بۇ بىر جەھەتتىن يېزىقچىلىق قابىلىيىتىمنى ئۆستۈرىدۇ، ئەمما، ئاتالغۇ توغرىسىدىكى تېمىلار بەك كۆپىيىپ كەتتى، بەزىلەر بۇنداق تېمىدىن زېرىكىشكە باشلىدى، يەنە بەزىلەر مۇنبەر ئاچساڭ بولمامدۇ؟-دەيدۇ. لېكىن، مېنىڭ ئۇنداق قىلغۇم يوق. شۇڭا، قانداق مەزمۇندا يېزىش توغرىسىدا باشقا تورداشلاردىنمۇ سەمىمىي پىكىر ئېلىپ باقماقچى، سىز ئالىم ئەھەت بىلوگىدا قانداق تېمىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈشنى خالايسىز؟ رەھمەت!
- يازما كۆرۈلۈشى: 10,140 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 04-ئاينىڭ 10-كۈنى am 9:12
- ئالدىنقى يازما :Messenger دىكى بۇ ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ
- كېيىنكى يازما :شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرسوفت،…قاتارلىق دىيارىمىزدىكى شىركەتلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى
ئالىم مۇئەللىم، ئۆزىڭىز يوللاشنى ئويلىغان ھەر قانداق تېمىنى يوللاۋىرىڭ،لىكىن سالامەتلىگىڭزنى چۇقۇم ياخشى ئاسراڭ، مەن سىزدەك تالانتلىق ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ داۋاملىق ساغلام تۇرىشىنى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،كۈندە كومپىيوتۇر ئالدىدا ئون نەچچە سائەت ئولتۇرۇپ قانداق چىدايسىز؟سىزگە سالامەتلىك ۋە ئۇتۇق يار بولسۇن!
مەن يەنىلا يېڭى ئاتالغۇ ۋە ئۇلارنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپرەك بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
مۇبارەك بولسۇن.
بەزى تىلىمىزغا بىرۋاستە كىرگەن ئىسىملارنى ئۆزتىلمىزغا مۇۋاپىق كىلدىغان ،ئىسىم قويساق قانداق بولار؟
مەسىلەن :qq بۇنى بەزىلەر ‹‹موڭداشقۇم››مۇ دەپ تۇ؟
بەزىلەر‹‹ كوت كوت ›› دەپ تۇ؟
يانا باشقا ئىسىملار مۇ بار…
بلوگىڭىزنىڭ بىر ياشقا كىرگىنىنى مۇبارەكلەيمەن. ئەگەر تورداشلارنىڭ كومپيۇتېر ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارنى بىلگۈسى بولسا، سىزنىڭ ۋاقتىڭىز بولمىسا، بىرەر تەكلىپلىك يازغۇچى يازسىمۇ بولىدۇ. سىز ئۆزىڭىز خالىغان يازمىلارنى يېزىۋەرسىڭىز بولىدۇ. كومپيۇتېر مېنىڭ كەسپىم بولمىسىمۇ، داۋاملىق 电脑报دېگەندەك گېزىت نى كۆرۈپ تۇرىمەن. ژورناللارنى كۆرۈپ تۇرىمەن. شۇغۇنىسى مېنىڭ ۋاقتىممۇ قىسراق. بولمىسا پىدايى بولۇپ بېرەتتىم.
ئالىم ئاكا بلوگىڭىزنىڭ بىر ياشقا كىرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. مەن سىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن چەككەن جاپالىرىڭىزدىن تولىمۇ پەخىرىلىنىمەن. مەن windows8 ھەققىدىكى تېمىلىرىڭىزغا تىخىمۇ بەكرەك قىزىقىمەن.