نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Windows دىكى ئەڭ قەدىمىي دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە نامى ھەققىدە

[ ئاتالغۇلار ]

تۆۋەندىكى بۇ دېتاللارنىڭ ئىسمىنى قانداق ئاتىساق تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ مەن بۇلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىسەممۇ، Windows ئىشلىتىۋاتقان بولساڭلار، بىر قاراپلا بىلەلەيسىلەر. بۇ دېتاللار Windows 3.0 دىن باشلاپ ھازىرغىچە مەۋجۇت، ھەتتا كېيىنكى Windows دىمۇ بار. ئۇ 20 يىلدىن ئاشقان پىشقەدەم دېتال (ئۇنىڭ يېشى ھازىر كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقان بەزى بالىلارنىڭ يېشىدىنمۇ چوڭ). شۇڭا، ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىلگىرى سىلەر بۇنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاپ باققان؟

1. NotePad (خەنزۇچە: 记事本)
2. WritePad (خەنزۇچە: 写字板)
3. Paint (خەنزۇچە: 画图)

پىكىرنىڭ بىر يەرگە مەركەزلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مەن ھازىرقى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئوتتۇرغا تاشلىماي تۇراي. ناۋادا، تېخىمۇ ياخشى، پاكىتلىق پىكىر بولسا، ئالماشتۇرىلىدۇ، كۆپچىلىككە رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
193 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 8
  • 1. NotePad خاتىرە
    2. WritePad پۈتۈك
    3. Paint بوياق تاختا

    بۇ قېرىلارنى مەن مۇشۇنداق ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەنغۇ (*_^)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 18:54
  • مەن ئادەتتە «NotePad – خاتىرە دەپتەر»، «Paint – رەسىم تاختىسى» دەپ ئىشلىتەتتىم.
    لېكىن NotePad نى ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى يوق (چۈنكى، Office بار ئەمەسمۇ) ئىدى. دەماللىققا نېمە دەپ ئاتاشنى بىلەلمىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:26
  • NotePad خاتىرە
    Paint بوياق تاختا

    wordpad ئىش قەغەز [ھەرقايسى ئىدارە ئورگانلارنىڭ ئىشقەغەزلىرى بولىدىغۇ ، ماڭا مۇشۇ ئازراق يېقىشلىق تۇيۇلدى ]
    _______________________

    رەسىملەر ئارىسىغا قالدۇرغان WritePad دىگىنىڭىز wordpad شۇمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 20:14
  • 1. NotePad (دەپتەر)
    2. WritePad (پۈتۈك)
    3. Paint (بوياق تاختا)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:36
    • شۇنداق، NotePad نىڭ چىرايىدىنلا بىر دەپتەر تۇرمامدۇ؟ 2-، 3-سىنى يەنە ئويلىنىپ بېقىڭلار

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 22:12
      • خاتىرە دەپتەر
        يېزىش تاختىسى
        سىزىش تاختىسى

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 19:40
    • . WritePad (پۈتۈك) مانى پۈتۈك دېسەك بولمايدۇ … پۈتۈك پەقەت خەت-چەك ئالاقىىسسدىلا قوللىندۇ …
      . WritePad— بولسا بىز كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق بەرگەن يېزىق بۇيرۇقىنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ …

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 23:44
    • WritePad (پۈتۈك) مانى پۈتۈك دېسەك بولمايدۇ … پۈتۈك پەقەت خەت-چەك ئالاقىىسسدىلا قوللىندۇ …
      . WritePad— بولسا بىز كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق بەرگەن يېزىق بۇيرۇقىنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ …

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 23:45
  • 1. NotePad (دەپتەر)
    2. WritePad (پۈتۈك)
    3. Paint (بوياق)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 22:55
  • 记事本– دەپتەر
    写字板–خەتكۈچ
    画图—رەڭلىك داسكا

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 23:39
  • ئالىم مۇئەللىم ( ئالىمكا دىسەم مىنى قىرى دىدىڭ دەپ بىزنىڭ پىكىرلەرگە قۇلاقمۇ سالمايدىكەنلا ) بىزمۇ يېڭى ئۈگەنچە بولساقمۇ، سوتسىيالىزىمنىڭ داغدام يولىدا سىلەرگە يىقىندىن ئەگىشىپ كىلۋاتقانلار ..گەرچە يالاڭ ئاياغ بولساقمۇ .. ئالىم مۇئەللىم يالاڭ ئاياغ سۇدىن قوقماپتۇ !! دەپىتىكەن…سەل قاغشاپ قويدۇم كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 23:54
  • wordpad -ئش قەغەز ،دىگىنى خېلى بوپ قويامدۇنىمە

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى am 00:55
  • 1.مەشق دەپتەر 2.چورنىۋاي3.ئوماچ دەپتەر دەمدۇق يا! ھى ھى ھى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى am 00:58
  • بۇلارنىڭ دىگىنىنى بىز نىمە دىسەك بولا ئەمەس بىزنىڭ نىمە سۆزلىرىمىزنى بۇلار نىمە دەۋالغان دىسەك قانداق بولا ئالىمجانكا؟چۈنكى يېزىق ئىجاد قىلىپ ئۆزگىلەرگە يېزىق ئۆگەتكەن مىللەت ئەمەسمۇ بىز.
    ئۇيغۇرچە خاتىرە نى بۇلار 记事本دەپ ئاتايدىغان ئوخشايدۇ.
    ئەمدى 画图 غا كەلسەك رەسىم سىزىدىغان دىتالنى بۇلار شۇنداق ئاتىۋالغان،بىزنىڭ تىلىمىزدا رەسىم سىزىدىغانلارنى رەسسام دەيمىز،ئەلۋەتتە بۇ بىر كىشىگە قارىتىلغان.ئەمما كومپىيوتىر تېخنىكىسى بىزگە شۇنداق بىر ئادەمنىڭ ئورنىنى مەلۇم دەرىجىدە ئالغان دېتالنى بەردى،شۇڭا ئۇنى رەسسام دەۋالساقمۇ بولىۋېرەرمىكىن دەيمەن.
    ئادەتتە جىددى ئىشقا ئۇچرىغاندا شارتلا قىلىپ بىر ۋاراق قەغەزنى ئېلىپلا يېزىۋالىمىز،كومپىيوتىردىكى写字板 مۇشۇ خىل رولنى ئۆتەيدۇ،شۇڭا بىزنىڭ ۋاراق دىگىنىمىزنى ئۇلار شۇنداق دەۋالغان،،ھى ھى ھى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى am 09:30
    • توغرا دەيسىز، ئەرەبلەر ئۇنى «الرسام» (ئەلرەسسام يەنى رەسسام) دەپتۇ، بىرسىنى «دەپتەر»، «خەت يازغۇچ»، «رەسسام» دېسەكمۇ خاتا ئەمەس.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 13:12
    • ئالىمكا مىنىڭچە «رەسسام» دىسەك كىشىگە بىر قەدەر كەسىپلەشكەندەك تۇيغۇ بىرىدىكەن، ئۇنداق دىمەي «رەسىم سىزىش» دەپ ئالساق مىنىڭچە بۇ كىين چۇقۇم بىزگە «رەسىم سىزىش پروگراممىسى» دەپ ئۆزلىشىدۇ! بۇ مىنىڭچە بىرقەدەر توغرا. 记事本 غا كەلسەك مىنىڭچە بۇنى «دەپتەر»، 写字板 نى «خاتىرە» دىسەك قانداق بولار!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:19
  • پەقەت ئۆز مىللىتىمدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى جۇمۇ قېرىنداشلار قۇسۇر تېپىپ،تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ يۈرگىنىم يوق..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى am 09:32
  • كومپىيوتىر تۇرمۇشقا بارغانسېرى ئوموملىشىپ كېتىۋاتىدۇ،بۇنداق بولىشى تەبىئى. شۇڭلاشقا يوقىرىدا بەزى قېرىنداشلار تىلغا ئالغان ۋە ياكى تېخى ئالمىغان رايون چەكلىمىلىكى،شىۋە چەكلىمىلىكى بار ۋە بەكراق كىتابى ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىپ، ئامال بار ئاممىباپ،نىسبەتەن ئاسان قوبۇل بولىدىغان سۆزلۈكلەرنى ئىشلەتسەك مۇۋاپىق بولارمىكىن دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى am 09:36
    • «ئۇنداق قىلىش لازىم، بۇنداق قىلىش كېرەك»-دېگەن سۆزنى كۆپ ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز، 10 ئاغزاكى ياردەمدىن بىر ئەمەلىي ياردەم كېرەك، قېنى ئۇنداقتا كونكىرىت پىكىر بەرمەمسىز؟ رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 13:08
  • 记事本–خاتىرەك
    写字板–دەپتەر
    画图—رەسىم قەغىزى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى am 09:37
  • تىزگىنلەش ئۈچۈن لازىملىق نەرسىنى تىزگىنەك دىدۇق ئەپلەشتى. خاتىرلەش ئۈچۈن لازىملىق نەرسىنى خاتىرەك دىسەكمۇ ئوخشاش ئەپلىشىدۇ. 记事本 نىڭ دەپتەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى – ئاددىي ۋە تىز خاتىرلەش قۇرالى. شۇڭا -ەك دىگەن ئىسىم ياسىغۇچى تازا ماس كېلىدۇ.
    画图 نى سىزغاق دىسەك مېنىڭچە بۇمۇ ناھايىتى بەلەن ئىسىم. ئاسان قوبۇل قىلىدۇ مىللەت. چاچ تاراش قۇرالى تارغاق، رەسىم سىزىش قۇرالى سىزغاق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى am 09:51
    • «سىزغاق»دىگەن سۆزگە قۇشۇلىمەن.بۇ خۇددى«كىشى-يىمىش»نى«كىشمىش»،«گازىر»نى «چاقمىش»دىگەندەك دەل جايىدا بولۇپتۇ.كەچۈرۈڭ-ھە!ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:08
    • مېنىڭچە،ئاتالغۇلارنى ئاددىي سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىسەك،XXدەپتىرى، XXخاتىرىسى دىگەندەك قۇشما ئىسىملارنى ئاز قوللانساق.خەنزۇ تىلىدا نۇرغۇن ئاتالغۇلار ئاددىي ئىپادىلىگەچكە،ھېلىمۇ كۈنىۋالغان ئاتالغۇلىرىمىز ئاز ئەمەس.مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىيىتى ئۈچۈن جاپا چېكىۋاتقان كىشىلىرىمىزگە كۆپ تەشەككۈر!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:19
    • راس بەك ياخشى كەپتۇ …

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 12:35
  • 1. NotePad خاتىرلەش دەپتىرى(دوسكىسى)
    2. wordpad يىزىق دەپتىرى (دوسكىسى)
    3. Paint رەسىم دوسكىسى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى am 10:04
    • بورە تېگىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار

      1. NotePad خاتىرلەش دەپتىرى(دوسكىسى)
      2. wordpad يىزىق دەپتىرى (دوسكىسى)
      3. Paint رەسىم دوسكىسى
      1.خاتىرلەپ 2.يىزىقدوس3.رەسىمدوس

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 15:34
باھا بېتى: 1 2 3 8