Windows 8 (ئۇيغۇرچە) كەسپىي نەشرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمىدە Windows 8 (ئۇيغۇرچە) كەسپىي نۇسخىسىنى خېرىدارلارغا كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتىمەن، ۋاقتى: 9-ئاينىڭ 8-كۈنى (شەنبە) چۈشتىن كېيىن 3:00 دىن 5:00 گىچە (ئۈرۈمچى ۋاقتى). بۇ رەسمىي ئېلان قىلىش ياكى كۆرگەزمە قىلىش ئەمەس، پەقەت قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىغا بارىدىغان ھەمدە بۇ ئىشقا قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ مۇنداقلا كىرىپ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
=============================
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن كىرگەن بىرنەچچە خېرىدارلار Windows 8 (ئۇيغۇرچە) كەسپىي نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ كۆردى. مەنمۇ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم، بۇ 10-ئايدا ئېلان قىلىنماقچى بولغان نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاخىرقى نۇسخىسىدۇر. بارلىق ئەپلىرىنى تولۇق ئىشلەتكىلى بولىدۇ. خېرىدارلار ئۇيغۇرچە خەرىتە، ھاۋا رايى،….دېگەندەك نۇرغۇن ئەپلەرنى كۆرۈپ باقتى. تۆۋەندىكى رەسىمدە مەن ئۇيغۇرچە ھاۋا رايى ئەپىنى ئېچىپ ئۈرۈمچى، قەشقەر،…نىڭ ھاۋا رايىنى كۆرسىتىپ قويدۇم.
6-ئاينىڭ 1-كۈنى تارقىتىلغان نۇسخىسىدا ئۇيغۇرچىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇم قىلىنغان قۇلۇپ ئېكرانى ۋە ھىجرىيە كالېندار ئاي ناملىرىدىكى خاتالىقلار تۈزىتىلگەن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 9,608 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 09-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 14:37
- ئالدىنقى يازما :بانكا ئۈسكۈنىلىرىدە ئەلكاتىپ داۋاملىق ئومۇملاشماقتا…
- كېيىنكى يازما :Microsoft Visual Studio 2012 ئېلان قىلىندى
ھە راسىت ئالىم مۇئەللىم ۋىندوۋىس8تە ئۈرۈمچى ۋاقتى ئېلىنغانمۇ ئايرىم ئېلىنغانمۇ(يەنى ئۈرۈمچى ۋاقتى دەپ تاللىساق ھەقىقى مەنىدىكى ئۈرۈمچى ۋاقتى كۆرۈنەمدۇ) ياكى بېيجىڭ ۋاقتى بىلەن بىر تۇتاش قىلىنۋېتىلدىمۇ؟ مۇشۇ جۇغراپىيەلىك ۋاقىتنى زورلاپ 2سائەت پەرقلىق رايوندىمۇ پايتەخىت بىلەن بىردەكلىك ساقلايدىغان ۋاقىتنى ئويلىسام كاللامدىن قەتئى ئۆتمەيدۇ دىسە.
ئەسلىي تېكىستتە ئۈرۈمچى يەنىلا بېيجىڭ بىلەن بىر يەردە، شۇڭا باشقا بارلىق تەرجىمىلەرمۇ شۇ بويىچە بولىدىكەن.
ئەجىبا بۇ ئۈرۈمچى ۋاقتى كۈرۈنمەيدۇ دىگەن گەپما؟
ئەسلىي تېكىستە ئۈرۈمچى ۋاقتى يەنىلا بېيجىڭ بىلەن بىر يەردە، سىز GMT +6 نى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
ئالىم مۇئەللىم مەن كۆزنەك 8 نى تۈنۈگۈن ئىگە تەرەپ تورىدىن چۈشۈرۈپ سىناپ ئىشلەتكەن ئىدىم ، ئۇلار تەمىنلىگەن سېستىما مەخپى نۇمۇرىدا كۆزنەك 8 ئاكتىپلانماۋاتىدۇ ، ئىكران قارىيپ قاراپ تۇرىدۇ ، مەخپى نۇمۇر توغرىكەن لىكىن ئاكتىپلىنىدىغان يەردىن ئۆتمىدى بۇ نىمە سەۋەپتىندۇر ئەمدى ؟
رەسمىي نۇسخىسى تېخى چىقمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە RTM نۇسخىسىنى ئۆزىنىڭ ئەزالىرىغا ياكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ، ئۇنداق بولمىغان باشقا مەنبەلەردىن كەلگەن Windows نى ھازىرچە ئاكتىپلىيالماسلىقىڭىز مۇمكىن
ئالىم مۇئەللىم، ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام چوقۇم بېرىپ بىر كورەركەنمەن. ئەگەر ئىغىر كۆرمىسىڭىز،ۋاقتىڭىز يار بەرسە،خەت ساندۇقىمغا كەسمە سۈرەتلەردىن بىر پارچە بولسىمۇ يوللاپ قويسىڭىز!
ھەي …. ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام كۆرگىلى باراتتىم….
ئالىم ئۇستاز، ئۇيغۇرچە نەشىرىنىڭ ئۈستەل يۈزى كۆرىنىشلىرىدىن بىر نەچچە پاي رەسىمنى بۇيەرگىمۇ يوللاپ بىزگە ئوخشاش ئۈرۈمچىگە بارالمايدىغانلارنىمۇ خۈش قىلىپ قويسىڭىزچۇ!!!
رەھمەت
بۇ ئاخىرقى پۈتكەن نۇسخىسى بولغاچقا، كېلىشىم سەۋەبىدىن ھازىرچە خالىغانچە ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ، كەچۈرۈڭ، يەنە بىر نەچچە ئاي ساقلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
بۈگۈن «شەنبە» بىر كۈنلا ئەمەستۇ؟
مەن تىخى ئەتە «يەكشەنبە» كۆرۈپ باقاي دېگەن ئىدىم
ھازىرچە پەقەت ئىككى سائەت، بەلكىم كېلەر شەنبە كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە شۇنداق بولۇشى مۇمكىن.
كىلەركى قېتىم ھەرقانداق مۇھىم ئىشىم چىقسىمۇ بارىمەن !
كۈن تەرتىپىمنى خاتا تەڭشەپ قويۇپتىمەن .
بولسا كىلەركى قېتىملىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز .
ۋاقتىم چىقسا كېلەر شەنبە كۈنى مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا خەۋەر قىلارمەن.
مۇمكىن بۇلسا كەسمە رەسىمىنى يۇللاپ قۇيغان بۇلسىڭىز
قېنى نەق مەيداندا كۆرۈش پۇرسىتىگە نائىل بولغانلار، زۇۋانىڭلارنى چىقارمامسىلەر دەيمەن؟
ئالىم مۇئەللىم ئەگەر ئىمكان بولسا بىزدەك ئۈرۈمچىدە بولمىغان لېكىن Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىغا قىزىقىدىغان ھەم كۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغان يىراق يېزىلاردىكى بىزدەك كىشىلەرگە كەسمە رەسىمى بولسىمۇ تور يۈزىدە بولسىمۇ كۆرسۈتۈپ قويۇشقا بۇلارمۇ ؟ مۈمكىن بولسا بىزمۇ بىر كۈرۈپ باقساق دىگەن ئۈمىدتە .
ياخشى خەۋەركەن..
بىراق ۋاقىت چىقىرىپ، ئاقسۇغا كېلىپمۇ كۆرسىتىپ قويغاچ، كۈزنىڭ ئۈزۈملىرىدىن يەپ كەتسىڭىز بولاتتى…
ھېلىمۇ ئۈرۈمچىدىن چىقماي زېرىكىپمۇ قالمايدىكەنسىز..
سىزمۇ تەتىلدە دېمەيدىكەنسىز، ئەمدى تەتىل يىغدى، دەرس باشلىنىدۇ. چاقچاق قىلىپ قويدۇم، ياخشى كۆڭلىڭىز ماڭا تېگىل بولدى، رەھمەت!
ئالىم ئەھەت دىيىشىچە350يۆن ئەتراپىدا ئەرزان باھالىقنىمۇ بازارغا سالدىغان ئوخشايدۇ!
قالغىنى 10ئاينىڭ 26كۈنى قۇربان ھىيىتتا كۆرىمىز
لېكىن، مەن كېسىپ ئېيتمىدىم-جۇمۇ، بۇ پەقەت ئەرزان نۇسخىلىرىنىڭ پەرەز قىلىنغان باھاسى.
ئۇيغۇر سوفت دىن سېتىۋىلىشقا مۇمكىن بولارمۇ ؟
ھەم سېلەرمۇ زاكاز قوبۇل قىلامسىلەر ؟
مۇمكىن بولۇپ قالار، تىرىشىۋاتىمىز.
مانا 2 دىسكا سېتىۋىلىش ئۈچۈن تۇنجى ئاتلىنىپلا 300 كوي تاپتىم ئاللا خالىسا قالغىننى يەنە يىغىمەن، ئەمما قىممەت ئالساممۇ مەيلى سېتىش باشلانغاندا تۇنجى دىسكىنى مەن ئالالامەنمۇ قىممەت ئالساممۇ مەيلىتى؟
پات يېقىندا زاكاز باشلىنىپ قېلىشى مۇمكىن،
توغرا سىزمۇ بىلمەيسىز ئەرزان باھالىقنىمۇ بازارغا سالدىغان ئوخشايدۇ!
ئاللا خالىسىلا مەنمۇ رەسمى نەشىرىدىكى Windows 8 نىڭ ئائىلە نۇخىسىدىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئۇيغۇر ئانا تىلىمنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىمەن .
زاكاس باشلانغان ھامان خەۋىرىنى بىرىۋىتىڭ ئالىم مۇئەللىم .
windows8 نىڭ سىناق نەشىرى چىققان ۋاقىتتا سىناق قىلىپ ئىشلىتىپ باققان ئىدىم، ھەقيقەتەن بەك ياخشىكەن، شۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىم….
widows8 نىڭ تېزرەك بازارغا سېلىنىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتىمەن، كومپىيۇتىرىمىزدا ئۆز ئانا تىلىمىزدىكى مەشخۇلات سىستېمىسىنى ئىشلىتىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ باقساق بولاتتى…..
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
بۈگۈن، يەنى شەنبە كۈنى ئۆيدىن چىقمايلا كۈننى كەچ قىلىۋېتىپتىمەن. ئەتە (يەكشەنبە) كۈنىمۇ بارمۇ؟ مەن يەكشەنبە كۈنى يەنى، 9- ئاينىڭ 9- كۈنى بېرىپ كۆرۈپ باقاي دېگەن.
بۈگۈن بەك جىددىي ئىشلەپ كەتتىم.
بۈگۈن يەكشەنبە مەن ئىشلەيمەن، قىزىلبايراققا بارالمايمەن. مەن دەم ئالغان كۈنلىرى يەنى كېلەر شەنبە كۈنى بىر گەپ بولار، لېكىن مەن ئېنىق خەۋىرىنى بەرگەندەك كەلسىڭىز بولىدۇ