Windows 8 (ئۇيغۇرچە) كەسپىي نەشرىنى كۆرۈپ بېقىڭلار
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمىدە Windows 8 (ئۇيغۇرچە) كەسپىي نۇسخىسىنى خېرىدارلارغا كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتىمەن، ۋاقتى: 9-ئاينىڭ 8-كۈنى (شەنبە) چۈشتىن كېيىن 3:00 دىن 5:00 گىچە (ئۈرۈمچى ۋاقتى). بۇ رەسمىي ئېلان قىلىش ياكى كۆرگەزمە قىلىش ئەمەس، پەقەت قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىغا بارىدىغان ھەمدە بۇ ئىشقا قىزىقىدىغان كىشىلەرنىڭ مۇنداقلا كىرىپ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
=============================
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن كىرگەن بىرنەچچە خېرىدارلار Windows 8 (ئۇيغۇرچە) كەسپىي نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ كۆردى. مەنمۇ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم، بۇ 10-ئايدا ئېلان قىلىنماقچى بولغان نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاخىرقى نۇسخىسىدۇر. بارلىق ئەپلىرىنى تولۇق ئىشلەتكىلى بولىدۇ. خېرىدارلار ئۇيغۇرچە خەرىتە، ھاۋا رايى،….دېگەندەك نۇرغۇن ئەپلەرنى كۆرۈپ باقتى. تۆۋەندىكى رەسىمدە مەن ئۇيغۇرچە ھاۋا رايى ئەپىنى ئېچىپ ئۈرۈمچى، قەشقەر،…نىڭ ھاۋا رايىنى كۆرسىتىپ قويدۇم.
6-ئاينىڭ 1-كۈنى تارقىتىلغان نۇسخىسىدا ئۇيغۇرچىگە مۇناسىۋەتلىك مەلۇم قىلىنغان قۇلۇپ ئېكرانى ۋە ھىجرىيە كالېندار ئاي ناملىرىدىكى خاتالىقلار تۈزىتىلگەن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 9,600 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 09-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 14:37
- ئالدىنقى يازما :بانكا ئۈسكۈنىلىرىدە ئەلكاتىپ داۋاملىق ئومۇملاشماقتا…
- كېيىنكى يازما :Microsoft Visual Studio 2012 ئېلان قىلىندى
خۇدايىم بۇيرىسا ھېيت كۈنى مەن توردىن بىر نۇسخا ئالاي، بولسا ئالىم مۇئەللىم تاۋباۋ ياكى باشقا يەرلەردە بىرەر دۇككان ئېچىپ قويغان بولسىڭىز، مېنىڭچە توردىن ئالىدىغانلارمۇ خېلى كۆپ، دۇككان ئېچىپ قويسىڭىز ۋاقتى كەلگەندە توردىن ئالىدىغانلارمۇ پوچتا ھەققىنى قوشۇپ سېستىما پۇلىنى ۋاقتىدا، توردىلا تۆلەپ، تىز سۈرئەتتە ئۆز تىلدىكى سېستىمىغا ئېگە بولالايتتۇق، بۇ ھەم مەندەك ئىچكىرىدىكى ۋە باشقا يۇرتتىكى سېتىۋالغۇچىلارغا قولايلىق ئېلىپ كېلەتتى.
ئاۋار قىلىۋىرەمىزمۇ . . . مەن ئۇيغۇر سوفتتىن باشقا يەردىن سېتىۋالمايمەن . . ھېلمۇ ئالم ئاكىمىزنىڭ تارتقان جاپاسى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس . .
ئالدى بىلەن ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن.
ئەلۋەتتە سېستىما دىسكىسىنى پوچتىدىن سېلىش ئىشىغا ئالىم مۇئەللىم ئۆزى ماڭسا بولمايدۇ، ئۇنىڭغا ئالىم مۇئەللىمنىڭ باشقا ئىشلىرى قېلىپ قالىدۇ ھەم بىزنىڭمۇ ئالىم مۇئەللىمنى ئاياش مەجبۇرىيىتىمىز بار. ئەمما، مەندەك ئۆزى ئۈرۈمچىدە ئەمەس دېسكىنى سېتىۋېلىش قولاي بولمىغان كىشىلەرگە ئاشۇ قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرىدىكى باشقا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر سېلىپ بەرسە، بىزمۇ دەل ۋاقتىدا سېستىما دىسكىسىغا ئېگە بولساق دەپ ئويلىدىم.
شۇ مەنمۇ ئۈرۈمچىدىن ئىككى يۈز كىلومېتىر يىراقتا. مەن چۇقۇم بارىمەن.
شۇنداق قىلىڭ ئالىم مۇئەللىم، تاۋباۋدا بىر دۇكان ئېچىپ قويۇڭا بىر.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم…
بۇ تېمىنى كۆرۈپ ئۈمىدلىرىم يەنە بىر گەز ئاشتى، ئەلۋەتتە، ھازىرقىدەك كۈچلۈك رىقابەت ۋە خىرىسقا تولغان زامانىمىزدا ئۆز ئانا تىلىمىزنى پەن-تېخنىكىنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا كۆرۈش نەقەدەر ئىپتىخارلىق ئىش ھە…
ئالىم مۇئەللىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تىرىشچانلارغا، جاپاكەشلەرگە ئالىي ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. شۇنداقلا Windows8 ئۇيغۇرچە نەشىرىنىڭ رەسىمىي ئېلان قىلىنىشى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمەن….
ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم ، رەھمەت سىزگە ، قولىڭىزغا دەرىت كەلمىگەي ! ۋېسىتا سېستىمىسىغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈك قوشۇلغاندا مۇشۇنداق بىر كۈننىڭ ھامنى كىلىدىغنىدىن گۇمان قىلمىغان ئىدىم . مەن بىر تەكلىپ بىر سۇئال سورىماقچى :
تەكلىپ : كۆزنەك سېستىمىسىنىڭ تولۇق ئۇيغۇرچىلىششى بىر كاتتا خوشاللىق ئىش . بۇ چوقۇم دۆلەت دەرىجىلىك ، ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە ئېلان قىلىنىشى ، تەشۋىق قىلىنىشى كېرەك . كومىپوتېر دىسە ئويۇن ئوينايدىغان ، كىنو كۆرىدىغان نەرسە دەپ چۈشىنىدىغان نۇرغۇن ياشلىرىمىز ھەتتا ۋىندۇېىس يەتتىنىڭ نىملىكىنى بىلمەي ئۆتۈپ كەتمەكتە . مەن نۇرغۇن كومىيۇتېر سېتىۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كومپىۇتېرغا زاۋۇت تەرەپ قاچىلاپ بەرگەن ۋىندۇۋىېس يەتتىنى يۈيۋېتىپ ئەكىس پىنىڭ قانۇنىسز نەشىرىنى قاچىلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم . يەنە بىر جەھەتتە نۇرغۇن يولداشلارنىڭ نەزىرىدە كومپىيۇتېر دىگەندە ئۇيغۇرچە ئىشلەتكىلى بولماسمىش . شۇڭا جاھان ئەھلىگە بۇ خەۋەرنى بىلدۈرۈپ قويماق زۆرۈر .
سۇئالىم : مەن كومپىيۇتېر سېتىلىۋاندا كومپىيۇتېرغا ۋىندۇۋېس يەتتنىڭ قانۇنلۇق نەشىرى قاچىلانغان ئىدى . ئەگەر مەن ۋىن سەككىزگە كۆتۈرمەكچى بولسام چوقۇم ۋېن سەككىزنى سېتىۋېلىپ قاچىلىشىم كېرەكمۇ ياكى ئېتىبار باھادا نەشىرنى كۆتۈرىمەنمۇ ؟
windows 7 ھەقىقى نۇسخىسىنى 98 يۇەن تۆلەپ نەشىرىنى windows 8 گە كۆتۈرەلەيسىز !
http://www.pconline.com.cn/win8/1208/2911587.html
توغرا دەپسىز ، نۇرغۇن كىشلەرنىڭ نەزىرىدە كومپيوتېر پەقەت ئويۇن مەستانىلىرى ئۈچۈن لاھىيەلەنگەن ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تور ئادەم بۇزىدىغان يول ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كومپيوتېرنى ھەممە ئادەم بىلىپ كەتكەنلىكتىن كەسىپ قىلغىلى بولماسمىش ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە دوختۇرخانىنىڭ نومۇر ئېلىش ئورنىدىكى كومپيوتېر ئالدىدا ئولتۇرغانلارنىڭ ….. ھەممىسىنى كومپيوتېرچى دەپ قارايدىغانلار يەنىلا مۇتلەق كۆپ نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ.
10 نەچچە يىل ئىلگىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەربىي قورال-ياراغ، زەھەر ۋە ئۇچۇر ساھەسى ئىكەن. ھازىر بولسا 2-ئورۇنغا ئۇچۇر ساھەسى ئۆتتى. ھەربىي قورال-ياراغ ئېلىپ ساتالمايسىز، زەھەر ساتسىڭىز تېخىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇچۇر ساھەسىنى بىر ئۆمۈر كەسپ قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
ئەمدى تىل بولىقى بىلەن تاختىنى ساقلايمىز…
ئۇقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،مۇئەللىم!
ئىشىڭىزگە ئۇتۇق ،تۇرمىشىڭىزگە بەخىت تىلەيمىز!!
مەن نۇرغۇن كومىيۇتېر سېتىۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ كومپىۇتېرغا زاۋۇت تەرەپ قاچىلاپ بەرگەن ۋىندۇۋىېس يەتتىنى يۈيۋېتىپ ئەكىس پىنىڭ قانۇنىسز نەشىرىنى قاچىلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم .
كۆيگەندىن كۆنگەن يامان دەپتىكەن ئامال يوق كۆنۈپ قالسا
ئىشەكمۇ چىرايلىق كۆرۈندۇ windows xpنىڭ ساختىسىغا كۆنۈپ قالغاندىكىن ھەقىقى سىستما ئادىمنىڭ كۆزىگە سەتكۆرۈندىغان گەپكەن
ئۇيغۇرچىگە تەڭشەلگەن .Outlook دا، بەتنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى تىزىملىكتە نۆۋەتتىكى تىل ئەرەپچە دەپ چىقىپ قالىدىكەن، ئەمما SkyDrive دا نورمال.
ئۇقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بۇلسۇن ئالىم ئەھەت مۇئەللىم.
بايرامدا يىڭى نەتىجە، يىڭى ئۇتۇق قازنىشىڭىزغا تىلەكداشلىق بىلدۇرۇش بىلەن بىرگە تىنىڭىزنىڭ ساق-سالامەت بۇلۇشىغا تىلەكداشمەن .
مەنمۇ رەسمىي نەشرى تارقىتىلسا بىر نۇسخا سېتىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن بىراق مەن يەنە Microsoft نىڭ تاختا كومپيۇتېرى Surface دىن (كەسپي نەشرى قاچىلانغىنىدىن) بىرنى سېتىۋېلىشنى ئۇزۇندىن بىرى كۈتۈپ كەلدىم. تاختا كومپيۇتېر سېتىۋالغاندىن كېيىن Windows8 نى سېتىۋالمىساممۇ بولارمۇ يا؟ بۇ تاختا كومپيۇتېر قاچانلاردا بىز تەرەپلەرگە كېلەر؟ خەۋەرلەرگە قارىغاندا تاختا كومپيۇتېر ئىككى خىل دەپتۇ (بىر خىلىدا ئادەتتىكى Windows8 دىكى ئەپ ۋە مەشغۇلاتلارنى ئوخشاش يۈرىشدۇ دەپتۇ) مەن دەل ئۈستەل، خاتىرە كومپيۇتېرلىرى بىلەن ئوخشاش ئىشلەتكىلى بولىدىغىنىنى سېتىۋالماقچى، تەخمىنەن باھاسى قانچە پۇللاردا چىقار؟ مەن 6000 غىچە بولسا بىزنى سېتىۋالىمەن دەپ كېلىۋاتىمەن.
تاۋباۋ دا دۇكان ئېچىشنى قوللايمەن، ھەممە ئادەم ئۈرۈمچىگە كىلىپ بولالمايدۇ. توردا سېتىلىشىنى تىزلەتكىلى بولىدۇ.
ئەڭ ئاۋال كۆزنەك سەككىز مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇپ كىلىۋاتقان ئالىم دىرىكتور باشچىلىق بارلىق قېرىنداشلارغا كەمىنە دىلتاردىن ئوتلۇق سالام ! مەنمۇ قۇربان ھېيىت كۈنىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتىۋاتىمەن ! شۇ كۈنى چوقۇم كەم دىگەندە تۆتنى سېتىۋالىمەن ! ئالىم مۇئەللىم رەھمەت سىزگە !
خەپ مەنمۇ بىرنى سېتىۋالمىسام . ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن . سىز ئۇيغۇرنىڭ پەخرى!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مۇئەللىم بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! چىھرىڭىزدىكى تەبەسسۇم مەڭگۇ جىلۋىلەنسۇن!……………
googli تورىداuyghur windows8 ئىزدىسەم بۇتوربەت ئۇچراپقالدىhttp://outlet-app.com/browse/search/?q=windows%208 بۇنىڭدا windows8 باھاسى باركەن
Microsoft Windows 8 (32 bit $149.95
Microsoft Windows 8 (64 bit) $149.95
بىر نەچچە خىل تۈرى باركەن . ھەممىسىنىڭ باھاسى ئوخشىمايدىكەن .