Explorer نى نېمە دەيمىز؟
[ ئاتالغۇلار ]يەنە ئاتالغۇدىن باشلايدىغان بولدۇق، ئىنتايىن مۇھىم بىر ئاتالغۇ بار، بۇ ئاتالغۇ تەرجىمە قىلىنغان، لېكىن تورداشلارنىڭ مەلۇم بىر پىكىرگە مەركەزلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ھازىرچە زادى قايسى مەنىدە ئېلىنغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويمايمەن. ئاۋۋال بۇ رەسىمنى كۆرۈڭ.
File Explorer
يەشمىسى: Windows دا، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھۆججەت ۋە قىسقۇچلارنى ئىزدەش ۋە ئېچىشىغا ياردەم بېرىدىغان قورال دېتال.
خەنزۇچە 文件资源管理器 دەپ تەرجىمە قىلىنغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Windows Explorer (خەنزۇچە: Windows 资源管理器) ھەمدە Internet Explorer قاتارلىق كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇلاردىمۇ Explorer دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ. ئەمما، Internet Explorer مەھسۇلات نامى بولغاچقا تەرجىمە قىلىنمايدۇ. Explorer ئارىلاشقان تەرجىمە قىلىشقا بولىدىغان ئاتالغۇلار تۆۋەندىكىدەك:
Category Explorer
Component Explorer
Database Explorer
Document Explorer
Field Explorer
MSN Explorer
Resource Explorer
Server Explorer
….
بۇلار بىر خىل تەرجىمە قىلىنسا ياخشى بولىدۇ، ئەمما بۇ File Explorer دېگەن ئاتالغۇنى تېخىچە تۈركچە، ئۆزبېكچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنمىغان ياكى ئۆز پېتى ئېلىنغان، ھازىرچە ئاتالغۇنىڭ يەشمىسى ۋە خەنزۇچە تەرجىمىسىدىن باشقا پايدىلىنىش ئۇچۇرى يوق، ئەمما، بۇ ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسىگە قايتا قاراپ چىقىش داۋامىدا، File Explorer نى ھۆججەت باشقۇرغۇچ، ھۆججەت كۆرگۈچ، ھۆججەت ئىزدىگۈچ، ھۆججەت ئېكسپېدىتسىيەچى دېگەندەك پىكىرلەر بولۇۋاتىدۇ. سىزنىڭ پىكىرىڭىز قانداق؟ Explorer نى زادى قانداق ئېلىش كېرەك؟ يەنە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىڭىز بارمۇ؟
- يازما كۆرۈلۈشى: 10,903 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 04-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 16:59
- ئالدىنقى يازما :شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرسوفت،…قاتارلىق دىيارىمىزدىكى شىركەتلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى
- كېيىنكى يازما :تەبىئەتنىڭ مۆجىزىلىرىدىن سىلەرمۇ زوق ئېلىڭلار
مىنڭچىمۇ كۆرگۈچ دەپ ئاتىسا مۇۋاپىق
مىنىڭچە كۆرگۈ(چ) دەپ ئالساق مۇۋاپىق چۈنكى explorer دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى زىيارەت قىلىش دىگەندەك مەنىسى بار . ئىنگىلىزچىدىمۇ file manager دەپ ئالماي file explorer دەپ ئېلىنىپتۇ، ھۆججەت باشقۇرغۇچ دىسەك سۆز بەك ئۇزىراپ كەتكۈدەك، كۆرگۈ(چ) دەپ ئالساق مۇۋاپىق بولغۇدەك،
Category Explorer 分类总管
تۇرلەم باشقۇرغۈ(چ)؛تۇرلەر باش ، تورلەمخور،تورلەربەگ ،تۇرباشچى(ك)
Component Explorer 组件资源管理器
زاپچاس (تۇزگۇچ) باشقۇرغۈ(چ) ، زاپچاسباش ، زاپچاسخور ، زاپچاسبەگ،زاپچاسچى(ك)
Database Explorer 数据库资源管理器“
ساندان باشقۇرغۇ(چ)ساندانخور،ساندانباش ، ساندانبەگ،ساندانچى(ك)
Document Explorer 文档资源管理器
خەت باشقۇرغۇ(چ) خەتخور،خەتبئەگ ، خەتبېشى
Field Explorer 字段资源管理器
ئابزاسچى،ئابزاسخور،ئابزاسبەگ
MSN Explorer MSN Explorer的
, كۇرۇشكۇ ،
سىنتارا،ئۇنتارا،سىنبەرگئۈ، بەرگۈ ,سوزبەرگۇ،خەت
Resource Explorer 资源管理器
بايلىقخور ، خەزىنىچى ، خەزىنىبەگ
Server Explorer 服务器资源管理器 مالايبېشى،چئاكارباش،چاكاربەگ،مۇلازىبەگ،
ھە باقئايلى تاللاپ!، كوپ ئەقلى كوپنىڭ
خەت خاتا يىزىلىپ قاپتۇ ،تۇزىتىپ ئۇقۇپ كىتىشىڭلارنى سەمىمى ئۇمۇت قىلىمەن.