نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Windows 8 نى سېتىۋېلىش (248 يۈەن) ۋە ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

Windows 8 نى سېتىۋېلىش (ياكى ئىشلىتىش) ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك 2 خىل ئۇسۇل بار

(1) دەرىجە ئۆستۈرۈش
248 يۈەن ئېتىبار باھا بىلەن ھازىر ئىشلىتىۋاتقان Windows نىڭ نەشرىنى Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)گە ئۆستۈرەلەيسىز. ناۋادا، 2012-يىل 6-ئايدىن باشلاپ، ماركىلىق كومپيۇتېر ئالغان بولسىڭىز، 98 يۈەن تاپشۇرۇپ، 7 Windows نىڭ نەشرىنى Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)گە ئۆستۈرەلەيسىز.

(2) Windows 8 قاچىلانغان ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋېلىش
مۇشۇ ئايلاردا يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان Sony, Dell, 联想،….قاتارلىق ماركىلىق كومپيۇتېر سېتىۋالسىڭىز، ئىچىدە Windows 8 ھەقىقىي نەشرى قاچىلانغان بولىدۇ. بۇ يەردە (2)-ئۇسۇلنى تونۇشتۇرمايمەن، ئۆزى ياقتۇرىدىغان ماركىدىكى خالىغان كومپيۇتېرنى سېتىۋالسا بولىدۇ.

بىرىنچى: دەرىجە ئۆستۈرۈش ئارقىلىق Windows 8 Pro (كەسپىي نەشرى)نى سېتىۋېلىش

ئالدى بىلەن سىزدە ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ياكى Paypal ھېساباتى بولۇشى كېرەك (مۇشۇنداق ئېنىق دەپ تۇرساممۇ ئادەتتىكى بانكا كارتىلىرىدا سېتىۋېلىشقا بولمامدۇ دەپ سوئال سوراپ يۈرمەڭلار)، مەن پەقەت ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ئارقىلىق سېتىۋېلىشنى تونۇشتۇرىمەن (مۇشۇنداق دەپ تۇرساممۇ يەنە Paypal دا سېتىۋېلىشنى نېمە ئۈچۈن تونۇشتۇرمىدىڭىز دەپ سوراپ يۈرمەڭلار)، شۇڭا ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) بېجىرمىگەنلەرنىڭ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى كۆرمىسىمۇ بولىدۇ. ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) بېجىرىش ئۈچۈن، بانكىلارغا بېرىپ سۈرۈشتە قىلىڭ، بۇ يەردە جاۋاب بېرىپ بولالمايمەن، رەھمەت!

(1) ئالدى بىلەن تور كۆرگۈچ ئادرېس بالدىقىغا تۆۋەندىكى ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ، Microsoft تور بېكىتىگە يۆتكىلىڭ.

http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/buy?ocid=GA8_O_MSCOM_Prog_FPP_Null_Null

بۇ بەتتىن 仅需 ¥248# 即可下载专业版 (پەقەت 248 يۈەن تاپشۇرۇپ، كەسپىي نەشرىنى دەرھال چۈشۈرۈش)نى بېسىپ، Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى)نى چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 5.18MB

(2) Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى)نى قوش چېكىپ ئىجرا قىلىڭ.

(3) Windows8-UpgradeAssistant (دەرىجە ئۆستۈرۈش ياردەمچىسى) كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ، دەرىجە ئۆستۈرۈشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە ماسلاشمايدىغان (ياكى سىغىشمايدىغان) ئۈسكۈنە ياكى پىروگرامما (دېتاللار)نى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

(4) كېيىنكى (下一步)نى باسسىڭىز، ساقلاپ قالىدىغان مەزمۇنلارنى تاللاش دىيالوگ رامكىسى ئېچىلىدۇ. بۇ يەردە 3 خىل تاللاش بار.

Windows تەڭشەكلىرى، خۇسۇسىي ھۆججەت ۋە ئەپلەر
پەقەت خۇسۇسىي ھۆججەتنى ساقلاپ قېلىش
ھېچقانداق مەزمۇنلارنى ساقلىمايمەن

بۇنىڭ ئىچىدىن 1-تاللاش يەنى Windows تەڭشەكلىرى، خۇسۇسىي ھۆججەت ۋە ئەپلەرنى ساقلاپ قېلىشنى تاللاڭ (تەۋسىيە قىلىمەن)، ئاندىن كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ.

(5) سىزگە ماس كېلىدىغان Windows 8 نىڭ باھاسى 248 يۈەن دېگەن ئۇچۇر چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن زاكاز قىلىش (订购)نى تاللاڭ.

(6) سىز زاكاز قىلغان مەزمۇن كۆرۈنىدۇ، ھېسابات قىلىش (结账)نى تاللاڭ.

(7) پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىش ئادرېسىنى تولدۇرۇپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ

(8) پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى تاللايسىز، بۇنىڭ ئىچىدىن ئىناۋەت كارتىسى (信用卡)نى تاللاپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ

(9) پۇل تۆلەش ئۇچۇرىدا يەنە ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ، كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىنى چوقۇم توغرا كىرگۈزۈڭ. مەھسۇلات ئاچقۇچى بۇ يەرگىمۇ ئەۋەتىلىدۇ. مېنىڭ ئىشلەتكىنىم قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسى (باشقا بانكىنىڭ بولسىمۇ ئەلۋەتتە بولىدۇ). بولۇپمۇ كارتا نومۇرىڭىز، ئىسىم-فامىلىڭىز ۋە كارتا بىخەتەرلىك كودىنى چوقۇم توغرا كىرگۈزۈڭ.

(10) ئاخىرقى باسقۇچتا سىز زاكاز قىلغان ئۇچۇرلارنى جەزملەشتۈرىسىز.

(11) سىز بەرگەن زاكاز بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، يەنى بانكا كارتىڭىزدىن 248 يۈەننى تۇتۇپ قالىدۇ.

(12) مەھسۇلات ئاچقۇچىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. بۇ ئاچقۇچنى پۇختا ساقلاڭ، ئۇ يەنە ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىزغا ئەۋەتىلىدۇ.

(13) Windows 8 نى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا 2Mbs لىق توردىمۇ 1 سائەت 30 مىنۇت ئىچىدە چۈشۈرۈپ بولىدۇ، سەۋر قىلىپ ساقلاپ تۇرۇڭ.

===========================================
ئىككىنچى: Windows 8 نى DVD ئوپتىك دىسكىسىغا ئويۇش
==========================================

(14) چۈشۈرۈش تاماملانغاندىن كېيىن، ئۈستەليۈزىدە Windows8-Setup.exe (ياكى 安装 Windows.exe) دېگەن سىنبەلگە پەيدا بولىدۇ.

(15) Windows8-Setup.exe سىنبەلگىسىنى قوش چەكسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك ئېكران كۆرۈنۈشى پەيدا بولىدۇ.

1-دەرھال قاچىلاش
2-ساقلاش ماددىسى (بارماق دىسكا ياكى ISO ھۆججەت) قۇرۇپ قاچىلاش
3-سەل تۇرۇپ ئۈستەليۈزىدىن قاچىلاش

مەن ISO ھۆججەت ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، بۇنىڭ ئىچىدىن مەن 2-تۈرنى تاللىدىم. ئاندىن كېيىنكى (下一步)نى بېسىڭ.

(16) بۇنىڭ ئىچىدىن «ISO ھۆججەت»نى تاللاپ، ساقلاش (保存)نى بېسىڭ.

(17) «ISO ھۆججەت»نى ساقلايدىغان جاينى تاللاڭ.

مەن يەنە قاچىلاش ئۇسۇللىرىنى يازىمەن. ئاندىن يەنە بۇ ئىنگلىزچە Windows 8 نىڭ تىلىنى خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچىگە تەڭشەش ئۇسۇللىرىنى مۇشۇ يەردە تونۇشتۇرىمەن. داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز. لېكىن تۈزۈك ئىنكاس چۈشمىسە، بۇ تېمىغا قىزىقمايدىكەن دەپ داۋامىنى يازمايمەن.

(مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ، بۇ تېمىنى خالىغان يەرگە كۆچۈرۈپ چاپلىسىڭىز بولىدۇ)

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
299 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 11
  • ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈش بوپتۇ..
    لىكىن باشقا بانكا كارتىلىرىدا ئىچىلغان تور بانكىا ھىساۋاتىدا سىتىۋالغىلى بولمامدۇ.؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 16:00
    • ئېنىق دېدىغۇ ئالىمكام ئۈستىدە، مەيلى قايسى بانكىنىڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىناۋەت كارتىسى (信用卡) بولۇشى كېرەك. ئالالمىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار بولمىسا مەن ئېلىشىپ بېرەي.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 16:42
      • سىز بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمىز

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 14:02
    • مەن wendowes8ئۇيغۇرچە نۇسخسخى قاچلانغان ئۇيغۇرچە ماركدكى كومپىيۇتىر بولسا سىتۋالاي دىگەنتم پۇتۇن يىرى ئۇيغۇرچە كومپيۇتر بارمدۇ ؟ جاۋاپ بىرلسكەن دەيمەن …..

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 19:48
      • ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقمىدى. چىقسا بۇمۇ بار بولىدۇ. بىلكان شىركىتى بازارغا سالىمىز دەۋاتقان. ئەمما ئۆزىڭىز تىل بولىقىنىڭ چۈشۈرۈپ ئورناتسىڭىزمۇ ئۇيغۇرچە بولىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى am 10:06
      • ئالم ئەھەت ئەپەندىم ئۇيغۇر كومپيۇتىرچلقمېزنڭ پىشۋاسى بولغاندكىن بىزدەك سىستېما قاچلاشنى بىلمەيدغانلار ئۇچۇن ياردەم قىپ كومپيۇتىرغا ئۇيغۇرچە سىستېما قاچلاپ پۇتۇن ئۇيغۇرچە چىقدغان بىر ئۇيغۇرچە ماركدكى كومپيۇترنى بازارغا سالسمۇ بوپتكەن ..كومپيۇتر ستۋالاي دەپ تۇرسام wendowes8ئۇيغۇرچە سىستما چقتى دەپ گەپ جىق ھىچ بازارغا بارسام بۇ سىستما بار ئۇيغۇرچە كومپيۇتېر تخى يوق ….مانا بازارغا قاچان سىلنا دەپ تۆت كۆزۇم بىلەن كۇتۋاتمەن ……

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 20:08
      • بەزى پىلانلارنى ھازىر دېسەم بولمايدۇ

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 22:50
    • paypalئارقىلقمۇ سېتۋئېلشقا بۇلدۇ.ياردەم كېرەك بولسا بۇ چ چ توپىنى قاچىلاڭلار.133906960

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:37
  • ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ ، win7 旗舰 نىڭ نەشىرنى win8 نىڭ كەسپىي نۇسقا نەشىرگە كۆتۈرگىلى بۇلامدىغاندۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 16:44
  • ئالىم ئەھەت ئەپەندى بۇنداق دىگەندىكىن تۈزۈك ساۋادىم بولمىسىمۇ ئىنكاس يازاي.
    سېتىۋېلىش جەريانىنى ناھايتى ياخشى چۈشەندۈرۈپلا ،رەھمەت سىلىگە
    ئۇيغۇرچە سېستىما بىزدەك باشقا تىللارنى ئۆگىنىش تۈگۈل ئۇيغۇر تىلىنىمۇ تۇلۇق ئىگەللەپ بولالمىغان 90%ئۇيغۇرنىڭ ئارزۇسى ،تولىمۇ ئەپسۇس بۇنىڭغا ئىرىشمەك بەك تەسكەن .سىلىدىن سورايدىغىنىم،بۇسېستىمىنى باشقا كومپىيۇتېردا چۈشۈرۈپ باشقا كومپىيۇتېرغا قاچىلىغىلى بولامۇ ؟مىنىڭ كۆزدە تۇتقىنىم،ئىناۋەت كارتىسى بار سېستىمىنى چۈشۈرەلەيدىغانلارغا چۈشۈرتۈپ پۇلنى شۇلارغا تۆلىسەك قاچىلىغاندا ئاچقۇچ نۇمۇر بىلەن ئۆزىمىزنىڭ كومپىيۇتېرىغا قاچىلىساق دەيمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 16:46
    • ئەلۋەتتە بولىدۇ، بىزگە كېرەك بولىدىغىنى ئاۋۇ مەھسۇلات ئاچقۇچى، مەنمۇ ئۆيۈمدىكى كومپيۇتېردا چۈشۈرۈپ قاچىلىدىم، ئاندىن يەنە يېڭى مەھسۇلات ئاچقۇچى سېتىۋېلىپ، ئۇنى يەنە ئىشخانامدىكى باشقا كومپيۇتېرغا قاچىلىدىم،

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 16:56
      • ISO ھۆججىتى ھاسىل قىلىش ئۇسۇلىنى تىزراق يېزىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .
        تىخىچە 信用卡 نى ھەل قىلالمىدىم .

        ھەل قىلغۇچە يېزىپ بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن .

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 17:11
  • 信用卡 نى بىجىرمەك نىمانچە تەس !

    مەن تىخى بارساملا بىجىرىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن .

    چوقۇم پارتىيەنىڭ ئەزاسى بولۇشىمىز كىرەك ئىكەن !
    ھېچقانداق مۇناسىۋەت بولمىغان پۇقراغا بىجىرىلىپ بىرىلمەيدىكەن دېسە ……

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 17:07
    • ئۇنداق ئىش يوق، مەن ئادەتتىكى پۇقرا، ماڭا 2 يىلنىڭ ئالدىدا، ۋەزىپەم بار ئىدى دەپ زورلاپ بېجىرىپ بەرگەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 17:35
      • بانكىنىڭ شەرتى ئاۋۇپ كەتتى، مۇقىم مائىشلىق خىزمىتى بولمىسا بىجىرمەيدىغۇ دەيمەن

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى am 10:08
    • ھى ھى ھى . مانا شۇنداق ئەتراپلىق يېزىپسىز ئالىم مۇئەللىم . رەھمەت سىزگە ، بىلىدىغانلارغا نىسبەتەن بۇ مەشغۇلاتلار ھەقىقەتەن ئاسان ئىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى am 09:53
    • ۋوي !سىز نەدە زادى ؟بانكىغا كىرىپ ئىناۋەت كارتىسى بىجىرمەن دىسىڭىز بىردەملىك ئىش ئۇ.تور بانكىسىنى ،تېلفون بانكىسىنى ،ئۇچۇر بانكىسىنىمۇ ماختاپ ئاچقۇزىدۇ تېخى سىزگە.مەن ئۈچىلىسىنى ئاچقاچقا يۇ قالقىنىنى بىكارغا بەرگەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 20:22
    • ئۇنداق ئىش يوق، ئىلتىماس قىلسىڭىزلا بىجىرەلەيسىز، ئەمما كەم دىگەندە 3ئاي ۋاقىت كىتىدۇ، (ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن قايسى بانكىنىڭ بولسا باش شىتابىغا يوللاپ بىسىپ ئەۋەتىپ بىرىدۇ. ھەربىر ئىلتىماس قىلغۇچى بويىچە ئايرىم باسقاچقا ۋاقىت ئۇزاق كىتىدۇ)

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 15:26
  • مۇئەللىممۇ ئىنكاسخۇمار بولۇپ قالدىمۇ نېمە؟ مەجبۇرى ئىنكاس يازغۇماقچى بوپسىزدە بىزلەرنى (چىشىنى چىقىرىپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى… چاقچاق ھە)
    ئاللاھ نىسىپ قىلسا پات يېقىندا ماۋۇ ئەبجەق كومپيۇتېرىمنىڭ سىستېمىسىنى قايتا قاچىلايمەن، شۇ ۋاقىتتا بىراقلا مۇشۇ چاپقۇر ئارغىماقنى چاقىلايمىكىن دەيمەن.
    ھە راست، ئېلان بېرىۋېتەي ھە:
    ئىلقۇتتىن ئىلاۋە:
    ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلىۋاتقان Windows 8 مۇ ئېلان قىلىندى. بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى ئۆزىدىكى ئۆزگىچە يېڭىلىقلار ۋە ئالاھىدە ياخشى بولغان ئىقتىدارلار ئارقىلىق كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە تارتىپ كەلدى. ئەينى ۋاقىتتا Windows 7 ئېلان قىلىنغاندا نۇرغۇن تورداشلار بىراقلا Windows XP دىن Windows 7 غا كۆچۈشنى خالىمىدى. چۈنكى بۇ يېڭىچە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ Windows XP بولغان پەرقى زىيادە چوڭ بولغاچقا، كەڭ ھەۋەسكارلار دەماللىققا بۇ يېڭى سىستېما Windows 7 دا مەشغۇلات ئېلىپ بارالماي، گاڭگىراپ قالدى ۋە ئاخىرى كۆپ ساندىكى ھەۋەسكارلار سىستېمىسىنى يەنىلا Windows XP غا قايتۇرۇپ ئىشلەتتى. بۇ يەردە ھەۋەسكارلارنىڭ Windows 7 غا دەرھال كۆچەلمەسلىكى بۇ شاش ئاتنى قانداق مىنىشنى بىلەلمىدى. چۈنكى بۇ شاش ئاتنى قانداق كۆندۈرۈش، ئۆزىمىزگە قانداق خىزمەت قىلدۇرۇش ھەققىدە بىرەر جايدا سىستېمىلىق ماتېرىيال يوق ئىدى. شۇ ۋەجىدىن تا ھازىرغىچە ئارىمىزدا Windows 7 دىن ئىبارەت بۇ شاش ئاتنى مىنىپ باقمىغانلار نۇرغۇن. مانا ئەمدى نۇرغۇنلىرىمىز بۇ Windows 7 دىن ئىبارەت شاش ئاتنى مىنىشكە ئۈلگۈرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىنمۇ چاپقۇر ئارغىماق ھېسابلانغان Windows 8 مەيدانغا چۈشتى. بۇ ئارغىماق ھەممىمىزنىڭ ئۇنى تېزدىن كۆندۈرۈپ ئۆزىمىزگە خىزمەت قىلدۇرۇشىمىزغا مۇھتاج. ھەممىمىز بىلىمىز، ئات ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ، ئۇنى مىنىشنى بىلمىسەك ئۇ ھالدا بىز ئۈچۈن ئادەتتىكى ئات بىلەن ئارغىماقنىڭ ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ. شۇڭا بلوگگىر تورداشلارنىڭ بۇ چاپقۇر ئارغىماقنى تېزدىن كۆندۈرۈپ، ھەقىقىي پەيزىنى سۈرۈشىگە پايدىلىق بولۇشىنى كۆزدە تۇرۇپ، بۈگۈندىن باشلاپ، مەزكۇر چاپقۇر ئارغىماققا ئائىت ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن «ئارغىماقنى كۆندۈرۈش قوللانمىسى (Windows 8 产品指南)» نى تەرجىمە قىلىپ، كەڭ تورداشلارغا سۇنۇشقا تۇتۇش قىلدى. تورداشلارنىڭ مۇۋاپىق تۈزىتىش پىكىرى بېرىشىنى ئۇمىد قىلىمەن.
    تولۇق ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئەسلى مەنبەگە كىرىپ كۆرۈڭ:
    ئادرىسى: http://blog.ilqut.com/index.php/archives/4003.html

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 17:28
    • بەك ياخشى بولۇپتۇ، مۇبارەك بولسۇن، ئاخىرىنى چوقۇم چىقىرىڭ، بۇنداق خۇشخەۋەرلەرنى يازسىڭىز، ئېلان ھەققى ئالمايمەن جۇمۇ (چاقچاق)

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 17:38
  • ئىشخانامدىكى تورغا ئۇلانمايدىغان كومپىيوتىرىمغا قانداق قاچىلارمەن ئەمدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 18:13
    • تورغا ئۇلىنىدىغان كومپيۇتېردىن Windows 8 نى چۈشۈرۈپ، ISO ھۆججىتىنى ھاسىل قىلىپ، ئۇنى دىسكىغا ئويۇپ، تورغا ئۇلانمايدىغان كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتىسىز.

      يەنە بىر سوئالغىمۇ جاۋاب بېرىۋېتەي،
      سوئال: ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ يوق كومپيۇتېرغا قانداق قاچىلايمەن؟
      تورغا ئۇلىنىدىغان كومپيۇتېردىن Windows 8 نى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭدىن بارماق دىسكىغا قاچىلاشنى تاللاپ، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ يوق كومپيۇتېردا بارماق دىسكىنى سېلىپ قاچىلاپ ئىشلىتىسىز.

      ئارتۇق غەم قىلماڭلار، بۇنداق چوڭ سىستېمىنى ياساپ چىققان Microsoft شىركىتى بارلىق ئېھتىماللىقنى ئويلاپ بولغان بولىدۇ. ئاۋۋال مەھسۇلات نومۇرى سېتىۋېلىڭلار. ئەڭ مۇھىم ئىش مۇشۇ. يەنە سوئال بارمۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 18:17
      • ISO ھۆججىتى ھاسىل قىلىپ ساقلاپ قويغاندىن كېيىن، ئېكراننى قاچىلاش پروگراممىسىنى قايتا قوزغىتىپ دەرھال قاچىلاش دېگەننى تاللىسىڭىزلا قاچىلىغىلى بولىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى am 10:10
  • Windows8 نى paypal بىلەن سىتىۋىلىش ئۇسسۇلى
    بۇيەردىن كۆرۈڭ: http://bbs.misranim.com/thread-90629-1-1.html
    مەيەگە يوللىسام بولمىدى شۇنىڭ بىلەن مىسرانىمغا يوللاپ قويدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 18:21
  • مۇشۇ كۈننى كۈتكىلى ئۇزۇن بولغان. ئاخىرى كەلدى دە بۇ كۈن. ئالىم مۇئەللىم، ئىشىمنى پۈتتۈرۋالاي…. ئالدىراش ئىشىمنى تۈگەتمىسەم بولمايدۇ… دەۋاتاتتىڭىز. قارىغاندا سىزنىڭ ئالدىراش ئىشىڭىز پۈتمىسە ئۇيغۇرچە كۆزنەك 8 بازارغا سېلىنمايدىغان ئوخشىمامدۇ؟ يەنە بىر گەپ بارتى مۇئەللىم. مەن ھازىرغىچە 5يۇەنگە ئالغان كۆزنەك سېستىمسىنى ئىشلىتۋاتقان، 248 يۇەنگە سېتۋالسام تولۇق ھوقوقلۇق سېتۋالغۇچى بولىدىغاندىمەن ھە؟ ئەجرىڭىزگە بەركەت بەرسۇن مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 18:30
    • شۇنداق، مېنىڭ ئالدىراش ئىشىم پۈتمسىە، ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ.كۆرىدىغان بەزى يەرلىرى يەنە بار.
      5 يۈەنلىك Windows دا بولامدۇ-بولمامدۇ؟ مەن بىلمەيمەن، لېكىن مېنىڭ بىلىدىغىنىم ئۈستەليۈزىدىن كومپيۇتېرنى تاللاپ، ئوڭ كۇنۇپكىنى چېكىپ خاسلىقىنى كۆرگەندە، 正版授权 دېگەن خەت چىققان بولسا، كېلەر يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن سېتىۋالسىڭىز، 248 يۈەن تۆلەپلا ئالالايسىز، (خاتالاشمىسام بۇنىڭ ئەسلىي باھاسى ئادەتتە 1200 يۈەن ئەتراپىدا دېگەندەك قىلغان ئىدى).

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:34
      • ساختا، راست دەپ ئايرىمايدۇ. قاندىقى بولسا يۇقارقى پۇلنى تۆلەپ مەھسۇلات نومۇرى سېتىۋېلىپ قاچىلىسىڭىز ھەقىقىي نەشىرى بولىدىكەن. 98 يۇەنلىك ئېتىبار نومۇرى ئېلىشمۇ تەس ئەمەسكەن. توردىكى نومۇر سېتىۋاتقانلارنىڭ جىقلىرى شۇ 98 يۇەنلىكنى ئىلتىماس قىلىپ، 248 يۇەندىن سېتىۋاتقاندەك قىلىدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى am 10:12
  • ئالىم مۇئەللىم!
    مەن 28-چىسىلا پايپال ئارقىلىق پۇل تۆلەپ سىتىۋالغان ئىدىم. لېكىن پۇل تاپشۇرۇشنى باسسام، «正在处理你的订单» تورغانچە ھېچقاندا ئىنكاس يوق. 2 سائەت ئەتراپىدا ساقلىساممۇ جىم. ئې-خەتكە كىرىپ قارىساممۇ ھېچنىمە يوق. شۇنىڭ بىلەن لىۋېمنى چىشلەپ ئىككى كۈن ساقلاپ باقتىم. يەنە جىم، توردىن ئاختۇرۇپ يۇرۇپ، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىنى سوراپ تېلېفون قىلسام، يەنە ساقلاپ بېقىڭ دەيدۇ. يەنە ساقلىدىم. 4-5 كۈن ئۈتۈپ كەتتى. ئاخىرى يەنە بىر سېتىۋېلىپ باقاي دەپ يەنە شۇ پايپايدىن پۇل تۆلەپ بۇلۇشۇمغا تەرتىپ نومۇرىنى چىقىرىپ بەردى. بۇ قانداق ئىشتۇر. بىكاردىن بىكار 248 يۈەن قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەنمىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 18:39
    • ئىناۋەتلىك كارتا بولسا، ئادەتتە 5-10 سېكۇنت ئىچىدە بولاتتى. ئالدى بىلەن كارتىڭىزغا قاراپ بېقىڭ، ئارتۇق پۇل تۇتۇپ قالدىمۇ-يوق؟ ناۋادا، ئارتۇق تۆلەپ، لېكىن ئوخشىمايدىغان مەھسۇلات نامىغا ئېرىشمىگەن بولمىسىڭىزلا، ھەرگىزمۇ قۇدۇققا چۈشۈپ كەتمەيدۇ. بۇنى سۈرۈشتە قىلغىلى بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:35
  • ئالىم ئەھەت ئەپەندى چۈشەندۈرۈشىڭىز بويىچە بولغاندا Windows8نىڭISOھۆججىتى بىلەن ئاچقۇچ نۇمۇرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىناۋەت كارتىسى بىلەن چۈشۈرۈپ مىنىڭ تور دىسكامغا يوللاپ بەرسىلە ،مەن سىلىگە جۇڭگۇچە كارتىدىن پۇل ئۇرۇپ بەرسەم بولىدىغاندەك تۇرمامدۇ؟
    مۈمكىن بولسا شۇنداق قىلساق بەك ياخشى بولاتتى .سىلىنىڭ ئالتۇندەك ۋاقىتلىرىنى ئېلىشقىغۇ ئەسلا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ.……ھەي……

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 19:04
    • ئەلۋەتتە بولىدۇ، لېكىن بىر ئادەمگە 5 يۈرۈشتىن ئارتۇق سېتىلمايدۇ دېگەندەك يەرنى كۆرگەندەك قىلغان، مەن ھازىر 3 نى ئېلىپ قاچىلاپ بولدۇم، ناۋادا، بۇنداق چەكلىمە بولمىسا، ۋاقتىمغا تەسىر قىلمىغان ئاساستا، مەن ئەلۋەتتە ياردەم قىلىشنى خالايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:37
  • مىنىڭ كومپىيوتىرىمنىڭ قاتتىق دسكىسىدىن پات-پات تىرىس تىرىس قىلىغان ئاۋاز چىقۋالدى، ئالغىلى ئەمدى بىر يىل بولغان ئىدى ، windows7 نىڭ قاتىق دىسكىنى رەتلەش قۇرالىدىن پايدىلىنىپ رەتلىسەم ھازىرچە ئۇنداق ئاۋاز چىقمىدى ئوڭشالغان بولدى يەنە چاتاق چىقارمۇ دەپ ئەنسىرەپ قالدىم ، windows8نى سېتىۋېلىپ قاچىلىسام قاتتىق دىسكام يەنە كونا كىسىلىنى تېپىۋېلىپ بۇزۇلسا قايتا قاتتىق دىسكا سېتىۋالسام windows8 نى يەنە قايتا سېتىۋېلىشقا توغرا كەپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن، قاتتىق دىسكىنى سېتىۋااي دىسەم ھازىر قىسى نورمال ئىشلەۋاتىدۇ، دوسىتلار بىر يول كۆرسەتسەڭلار بۇنداق تىرىس -تىرىس قىلىپ ئاۋاز چىقىۋېلىشى چوڭ چاتاق بولمىسا windows8 نى ئالاۋېرەي، ئەگەر قاتتىق دىسكا ئىشەنچىسىز بولسا قاتتىق دىسكىنى ئېلىپ بوپ windows8 نى سېتىۋالاي ، يەنە بىرسى ئىناۋەتلىك كارتىسى بار دوسلار بولسا ماڭا ياردەم قىلىپ windows8 سېتىۋېلىپ بەرسەڭلار مەن كارتاڭلارغا پۇل ئۇرۇپ بەرسەم . رەخمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 19:05
    • ئىلگىرى Windows XP نىڭ زامانىسىدا ئاساسىي تاختا، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە قاتتىق دىسكا ئىچىدە، ئىككىسى ئۆزگىرىپ كەتسە، يېڭىدىن Windows سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ دېگەندەك مەزمۇنلارنى كۆرگەندەك ئېسىمدە، مېنىڭچە قانداقلا بولمىسۇن Windows نى سېتىۋېلىڭ ياكى سېتىۋالماڭ، ئاۋۇ قاتتىق دىسكىنى ئالماشتۇرۇۋېتىڭ. 3 يىل ئىچىدە بولسا، يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئاندىن Windows 8 نى ئويلاشسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:40
  • ئالىمجان مۇئەللىمنىڭ «سۇئال»دەپ جاۋاپ بېرىشىنى بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى مائارىپىمىزنى ئەسلىتىپ قويدى.
    ئۇ چاغلاردا سۇئال دېگەن نەرسىنىڭ جاۋابىنى دېيىشتىن بۇرۇن «جاۋاپ» دەپ باشلايتۇق….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 19:14
  • مەن تاۋباۋدىن نومۇر ۋە دەرىجە ئۆستۈرۈش ئادرېسىنى ئالغاندىن كېيىن، كۈنلىرىم win8نى چۆگىلەپلا ئۆتۈۋاتىدۇ…بۇرۇنقى سىناق نۇسخىسىغا قارىغاندا، سۈرئىتىنى بىر ئاز تېز ۋە بەك پاكىز، يېنىك ھىس قىلدىم.
    بىر يەرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشىۋېدىم، چىسلا، ۋاقىت بىرلىكلىرى ئۇيغۇرچىلا بوپ كەتتى…
    بۇرۇن بۇ يەرنى تەڭشەپ باقمىغان ئىكەنمەن
    ئەمدىكى گەپ ئالىمجان مۇئەللىم:
    سۇئال: مىكروسوفتنىڭ ئەپلىرى بىر مىليۇندىن ئاشتى دېگەن خەۋەرنى كۆردۈم، بۇ ئەپلەرنى قەيەردىن چۈشۈرۈپ، قاچىلاپ ئىشلىتىمىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 19:16
  • ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە تىل-يىزىقنى نورمال قوللىسا نىمىدىگەن ياخشى….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 19:47
  • مىنىڭ ئازراق غىمىم چىقىپ قېلىۋاتىدۇ …. مىنىڭ كومپىيۇتېرىمنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەنرەك ، شۇڭا ئالدى بىلەن كومپيۇتېرىمنى يىڭىلايمۇ ياكى ، سېستىمىنىمۇ …. بىلەلمەي قالدىم .. ئىككى كومپيۇتېرغا بىر ئاچقۇچ ئىشلىگەن بولسا ……….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 19:50
    • Windows XP نى سۆرىگەن كومپيۇتېر بولسا، ئەلۋەتتە بولىدۇ. 2-3 يىلغىچە كومپيۇتېرنى يەڭگۈشلەش پىلانىڭىز بولمىسا، ھازىرچە ئارتۇق پۇل خەجلىمەي، ماۋۇ Windows نى ئىشلىتىپ بېقىڭ، كېيىن ئالىمەن دېسىڭىز، 1000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىشى مۇمكىن. كېيىن ماركىلىق كومپيۇتېر ئالارسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:45
      • رەھمەت سىزگە . بەك مەمنۇن بولدۇم……… ئەمىسە سىزدىن ئالسام مۇۋاپىق بۇلارمۇ ؟ توردىن ئېلىشنى بەك ئاۋارىچىلىق كۆردۈم…..

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 21:13
      • مېنىىڭكىگە xpقاچىلاقلىق ئىدى، 8نى سېتۋېلىپ ھەقىقىي نۇسخىلىق ۋىندوۋس ئىشلىتىپ باقاي دېسەم« سەپلىمىڭىز تۆۋەنكەن» دەپ تۇرىۋالدى، ئىچكى ساقلىغۇچ 1Gئىدى ، قارىغاندا كومپىيوتېرنى يېڭىلاپ ئاندىن سېتىۋالسام بولىدىغان ئوخشايدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى am 08:50
    • كومپيۇتېرىڭىزنى قاچان ئالغان؟ بەك كونىراپ كەتكەن بولسا، ياكى 2-3 يىل بەرداشلىق بېرەلمەيدىغاندەك بىلىنسە، ئەڭ ياخشىسى يېڭى كومپيۇتېر ئېلىپ ئاندىن سېتىۋېلىڭ، ياكى windows 8 لىك كومپيۇتېرنى بىۋاستە سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى am 10:16
باھا بېتى: 1 2 3 11