بۇ ئادەم كىم؟ ئوخشاپتىمۇ؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

بۇ ئادەم كىم؟ ئوخشاپتىمۇ؟

[ تاغدىن-باغدىن ]

يېڭى يىل كىرىپلا سوئال چىقىرىش، ئىمتىھان ئېلىش، قەغەز تەكشۈرۈش، نەتىجە يوللاش، ئىمتىھان قەغىزىنى تىكىش يەنە باشقىلارغا ئىمتىھان ئېلىپ بېرىش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ قالدىم. ئىككى كۈندىن كېيىن رەسمىي تەتىل بولىدۇ. شۇڭا، نەچچە كۈندىن بېرى ماۋۇ (ماكرو) بىلوگىمنى تېخى يېڭىلاپ بولالمىغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنكاس يازىدىغانلارمۇ ھازىر دېگەن ئىمتىھان مەزگىلى تۇرسا، يېڭى تېما يازماي تۇرۇڭ دەپ تۇرۇۋالدى، لېكىن بىلوگ تەتىل قىلسا بولمايدۇ-دە؟

شۇڭا، بۇ (ماكرو) بىلوگىمدا قانداق تېما يېزىش توغرىسىدا ئويلىنىۋاتسام، نەچچە كۈندىن بېرى مېنى كۆرگەن ئادەملەر «ئوخشاپتۇ-ھە؟ ئالامەت سىزىپتۇ-جۇمۇ، كارامەت ئۇستا رەسسام ئىكەن»-دەيدىغان بولۇۋالدى. كۆرگەنلەر ھەممىسى پىخىلداپ كۈلۈۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئاخىرى تاپتىم. قېنى سىلەرمۇ كۆرۈپ بېقىڭلار. بۇ ئادەم كىم؟ ئوخشاپتىمۇ؟

ئەسلىدىكى رەسىم مانا، ئەلكۈيى تورى بېيجىڭدىكى لېكسىيەنى خەۋەر قىلغاندا تارتقان سۈرەت


ئادىلجاننىڭ مېنى سىزىدىغانلىقىنى بۇرۇنراق بىلگەن بولسام، رەسىمگە تېخىمۇ كېلىشكەن چۈشۈپ ئەۋەتىپ بەرمەمدىم-دەيمەن.
ئەسلىي مەنبەسى: ئىزدىنىش تورى
ئەسلىي مەنبەسى ئىزدىنىش تورى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
37 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئوخشاپتۇ.خاخا

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 18:19
  • بۇرەسىم سىزگە قارىغاندا ماڭا بەكرەك ئوخشامدۇ نىمە

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى am 09:58
  • ھەي، ئەسلى ئالىم مۇئەللىمنىڭ بوينىنى تېخىمۇ ئىنچىكە، بېشىنى تېخىمۇ يوغان قىلىپ سىزغان بولسا يەنىمۇ ياخشى بولاركەن.
    ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىدا قۇدۇقن قېزىپ، سۇ چىقىرىپ، ئىچىشنى ئۆگىتىپ، ئاندىن سۇ ساتقان يوغان باشلىق بولىۋالغاندىكىن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 15:23
  • ئۆزىڭىزنى ماڭا ئوخشاش ئورۇق ياراتقان ئىگىسى،بىلىمىڭىز ۋە ئىستىداتىڭىزنى بەكمۇ «سېمىز»يارىتىپتىكەن.ئاللاھ تائالا بىلىم قابىلىيىتىڭىزنى،غورورىڭىزنى تېخىمۇ «سەمىرىتىۋەتسۇن».

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 13:44
باھا بېتى: 1 2 3