نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

مىكروسوفت ئۈچۈن 2012-يىلىدىكى مۇھىم مەھسۇلات

[ IT خەۋەرلىرى ]

«2012-يىللىق خەلقئارا ئىستېمال ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى» 10-يانۋاردىن 13-يانۋارغىچە ئامېرىكا لاس ۋېگاس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. 130 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن شىركەتلەر ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى يەرمەنكىگە قاتناشتۇردى. 2010-يىلىدىكى يەرمەنكىدە «3D تېلېۋىزور»، 2011-يىلىدىكى يەرمەنكىدە «تاختا كومپيۇتېر» ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان ئىدى. بۇ قېتىم زادى نېمە بولار؟

مەن توردىكى ئۇچۇرلاردىن يەنىلا مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدىم. چۈنكى كېيىنكى مەشغۇلات سىستېمىسىدا تىل-يېزىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم يېڭىلىقلار بار. مىكروسوفت شىركىتىنىڭ باش ئىجىرائىيە ئەمەلدارى ستىۋې بالمېر سۆزلىگەن نۇتقىدا «مىكروسوفت ئۈچۈن 2012-يىلىدىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت – Windows8»-دېدى.

رىياسەتچى Seacrest ئەڭ ئاخىرقى سوئالنى سورىغاندىمۇ، بالمېر يەنىلا Windows8 دېدى. ئۇ يەنە «مىكروسوفت ئۈچۈن ئېيتقاندا Windows دىنمۇ مۇھىم ئىش يوق، Windows8 مېترو ئارايۈزىدىكى ئۆزىگە خاس تۇيغۇلارنى، ھەر بىر خېرىدارلىرىغا يەتكۈزىدۇ»-دېدى. رىياسەتچى يەنە «2012-يىلىدا كېيىنكى يېڭىلىق نېمە؟»-دېگەندە، بالمېر «مېترو مېترو مېترو، Windows Windows Windows»-دېدى.


Windows بۆلۈمىدىكى CMO Tami Reller سەھنىگە چىقىپ، «كۆپچىلىك بىلەن Windows 8 توغرىسىدا پاراڭلاشماقچى بولغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن»-دېدى. ئۇ سۆزىدە «Windows 8 تاختا كومپيۇتېر بىلەن شەخسلەر كومپيۇتېرى(PC)نى بىرلەشتۈرىدۇ، يېڭىدىن قوشۇلغان رەسىملىك پارول ئىقتىدارى ئەنئەنىۋىي پارول كىرگۈزۈش شەكلىگە قارىغاندا، كىشىلەرگە تېخىمۇ زور خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ»-دېدى. Tami Reller يەنە داۋاملىق سۆزلەپ، «Windows 8 يەنە Intel ۋە AMD نىڭ X86 قۇرۇلمىسىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلارنى قوللاپ قالماستىن، ARM سۇپىسىنىمۇ قوللايدۇ»-دېدى. ئاخىرىدا ئۇ Samsung ماركىلىق تاختا كومپيۇتېردا Windows8نى تونۇشتۇردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا Windows 8 Beta (سىناق) نەشرى 2012-يىل فېۋرال(2-ئاي)نىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئېلان قىلىنىدىكەن. نۆۋەتتە دۇنيادىكى بىر مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق كومپيۇتېرلاردا Windows قاچىلانغان بولۇپ، Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى كومپيۇتېر ۋە تاختا كومپيۇتېرنى مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈپ، خېرىدارلارغا پۈتۈنلەي يېڭى تۇيغۇ ئېلىپ كېلىدۇ. دېمەك، Windows 8 دەۋرىگىمۇ ئاز قالدى.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
47 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ياخشىمۇ سىز ئالىم مۇئەللىم نىمىشقا بۇ بىلو گقا تىزىملاتسا پارۇلنى ئەۋەتىپ بەرمەيدۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 17:58
  • ئالىم ئەھەد ئاكا سىزگە سالام!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى am 01:36
  • مەن ۋىندوۋس7 نى كومپىۇتىرىمغا قاچىلىسام س دىسكىنىڭ سغىمى يىتىشمەيۋاتىدۇ، قاتتىق دىسام 500گىگابايت بىراق ئەينى ۋاقىتتا كەم ئەقىللىق قىلىپ 24گىگابايت بۆلۈپ قۇيۇپتىكەنمەن، بۇ ئىككى گىگابايت كىلىدىغان ۋىندوۋس7نى قاچىلىسام 20گىگابايت بۇلۇپ قاچىلىنىپتۇ، بىر نەچچە دېتاللارنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن قارىسام س دىسكىنىڭ رەڭگى قىزىل بۇلۇپ قاپتۇ، ھەم ئىشلىتىشكە بۇلىدىغان بوشلۇق 500مىگابايت ئەتراپىدا قاپتۇ…ئەمدى سىزدىن سۇراپ باقسام 500گىگابايتلىق قاتتىق دىسكا 4 رايۇنغا ئايرىلغان، ئىچىدە 300گىگابايتتەك ھۆججەتلەر بار . بۇلارنى يوقىتىۋەتمەي د بۆلىكىدىن س بۆلىكىگە ئازراق بوشلۇق ئاجرىتىپ بەرگىلى بۇلامدۇ ؟ سىستىمىنى بىۋاستە د بۆلىكىگە قاچىلاي دىسەم 150گىگابايت ئايرىغلىق ئىدى…ھۆججەتلىرىمگە كۆزۈم قىيماي، ۋىندوۋس7نىڭ گوست نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتىمەن … يەنە ھۆججەت ناملىرى سىلىق چىقماي ئەرەپچىگە ئوخشاش چىقىۋېلىپ بارىدۇ. مۇشۇنداق چىقامتى ياكى برەر فونتنى توغرا قاچىلىمىغاندىمەنمۇ ؟ مۇشۇ ئىككى ئىشقا يول كۆرسەتسىڭىز …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:23
    • رايوننى خالىغانچە بۆلۈپ بېرىدىغان دېتاللار توردا نۇرغۇن، لېكىن ئىشلىتىشنى پىششىق ئۆگەنمەي تۇرۇپ خالىغانچە مەشغۇلات قىلماڭ، چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئوبدان ئوقۇڭ.
      ئۈستەليۈزىنىڭ خاسلىقىدىن خەت نۇسخىسىنى سىلىقلاپ كۆرسىتىشنى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئىمكان بار ئۇنداق قالايمىقان ۋىندوۋس7 نى ئىشلەتمەڭ، ھەقلىق نۇسخىسىمۇ 300 يۈەنگە بارمايدۇ. ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يول كۆرسىتىپ تۇراي.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 23:12
  • ياخشىمۇ سىز ئالىمكا ،ئالدى بىلەن سىزگە ۋە ئۇيغۇر كومپيوتېر ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تەر تۇكىۋاتقان بارلىق جاپاكەشلەرگە رەخمەت ئېيتىمەن . ئەمدى ئەسلى گەپكە كەلسەك ھازىرقكى گىراماتىكا بويىچە قىلىڭ چۇنكى ئەقىللىق دىگەن ئەقىللىق ھەرگىز ئەقىللىك بولۇپ قالمايدۇ !
    ئەمدى بىر تىمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ قىلسام ئويغۇرچە مۇڭداشقۇلارھازىر خېلى كۆپ لىكىن ئومۇملاشمايۋاتىدۇ مۇنۇ چ چ دىگەن ئويغۇرچىنى يەكلەيدىكەن ،شۇڭا ئويغۇرسوفىت شىركىتى نامىدا بىر مۇڭداشقۇ ئېلان قىلساڭلار ئويغۇرسوفىت شىركىتىنىڭ نوپۇزى بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ كەتكىلى بولاتتى .ئاقساقاللىق قىلغىنىمنى كەچۇرگەيسىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 22:59
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم، windows8 سىناق نۇسخىسىنى كومپيۇتېرىمغا قاچىلاي دېسەم ئىچكى ساقىلىغۇچ ئەڭ كامىدا 1جى، قاتتىق دىسكا ئەڭ كامىدا 16 جى بولۇشى كېرەك دېگەن ئۇچۇر چىقىۋېلىپ قاچىلىيالمىدىم.(كومپيۇتېرىمنىڭ سەپلىمىسى تۆۋەن، دېل سى400 ) . ئەمما مىكروسوفت تاختا كوميۇتېرنىڭ windows8 نىسبەتەن بەش كۇنۇپكا(电源键、屏幕旋转锁定键、Windows键、音量增加键和音量降低键) بولۇشىنى تەلەپ قىپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 15:57
    • windows8 نىڭ كەڭ خېرىدارلارغا تارقىتىدىغان سىناق نۇسخىسى تېخى ئېلان قىلىنمىدى، بىر ئاي ساقلاپ تۇرۇڭ

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 19:32
  • مەنمۇ دەل شۇنداق قارايمەن،چۈنكى windows 8 نى ياخشى ئشلىگەندىلا شۇ سىستما قاچىلانغان باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ قىممىتى بولىدۇ.مېنىڭچە، ئۆمرىمىز بولسا كۆرىمىزكى، يېقىن كەلگۈسىدە سېزىمچان ئىكراننىڭ بازىرى ئېچىلىدۇ. windows 8 چوقۇم بەك نوچى بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:42
  • ناھايتى ياخشى!قوللايمەن.ئالىم ئەھەتتەك مۇشۇنداق ئوغلانلىرىمىزنىڭ تىنىنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى تىلەيمەن!ئۇيغۇرلارنىڭ كومپىيۇتىر ئىشلىرىغا تېخىمۇ ياخشى تۆھپە قۇشۇشىنى تىلەيمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى am 09:08
  • ئالىمجان ياخشىمۇسىز
    ئاقسۇغا يېقىنراق بولغان بولسىڭىزمۇ، ئۇ بۇ ئىشلىرىڭىزغا يۈگۈرۈشۈپ بېرەتتۇقكەن…. ‘
    يىلدىن يىلغا ئالدىراش بۇلۇپ كېتىپ بارىسىز دېسە…
    يا شىركەتتىكى ئىىشنى ئۆزىڭىزلا قىلىپ، باشقىلارنى «شاگاڭ» قىلىۋەتمىگەنسىز….(چاقچاق)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 22:45
    • شۇنى دەيمەن بەزى ئىشلار بەك ئالدىراش قىلىۋەتتى. لېكىن، ئاقسۇدا بولسىڭىزمۇ تور بولسىلا، ئىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيتتىڭىز، ياكى ئىشلىرىمنى كۆتۈرۈپ چاغاندا بىر بارايمىكىن يا ئاقسۇغا

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:49
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم !
    جۈمە كۈنى بىزگە ئىمتاھاندا كومىسسىيە بولۇپ كىرگىنىڭىزدىن بەك خۇش بولدۇم لېكىن ئىمتاھاندىن چىقىپ كېتىش ئالدىدا سىز بىلەن سالاملىشاي دېسەم ، باشقا ساۋاقداشلىرىم (خەنزۇ)،مېنى كومىسسىيىگە ئارقا ئىشىك قىلدى دەپ قالمىسۇن دەپ قەغەزنى بىرىنچى بولۇپ تاپشۇرۇپ يەرگە قاراپ چىقىپ كەتتىم .
    مەن 09 – يىللىق بازا سىنىپىدىكى نۇرمۇھەممەد . ئاخىرىدا سىزنىڭ ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىنى تىلەيمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 17:28
  • ئالىم ئەپەندىم Windos8 سېستىمىسىنىڭ سىغىمى قاچىلىكتۇ ئۇچۇر بەگەن بولسىڭز .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 15:29
  • ئالىم ئەپەندىم ئىنتايىن ئەستايىدىل ئادەم بولغاچقىمىكىن ئۆزىنىڭ( ئۇيغۇرسوفت ) نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تولۇق، ھىچكىم قۇسۇر تاپالمىغۇدەك بولغاندىلا ئاندىن كۆپچىلىككە ئاشكارلايدۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 15:25
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم
    تىل يېزىق كومېتىتى بېكىتكەن ئۆلچەم رەسمى بېكىتىلگەن بولسا، سىزمۇ مەھسۇلاتنى ئەلۋەتتە شۇ ئۆلچەمگە ماسلاشتۇرىسىز دېگەن گەپ. سىز ئۇ ئۆلچەمگە ماسلاشتۇرسىڭىز ئۇيغۇرسوفت مەھسۇلاتلىرىدا يەنى بۇلۇپمۇ لۇغەتتە (ئەقىللىق) ئەمەس، (ئەقىللىك) دەپ چىقىدۇ دېگەن گەپ.
    بۇنىڭ ئىككى خىل زىيىنى بۇلىشى مۇمكىن
    1. ئەلۋەتتە بۇ ئىملا قائىدىسىگە نۇرغۇن ئادەم رازى بولمايدۇ. شۇ سەۋەبلىك بۇ ئۆلچەم مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىشىغا زور تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
    2. باشقا بىر قىسىم شېركەتلەر بۇرۇنقى ئۆلچەم بۇيىچە ئۆزىنىڭ پروگراممىلىرىنى كېڭەيتىشى مۇمكىن. بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇرسوفت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا تەسىر يېتىشى مۇمىن
    مەن راست گەپنى قىلسام مۇشۇ ئىملا قائىدىسى سەۋەبلىك ئۇيغۇرسوفتنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ شۇ ئۆلچەم بۇيىچە ئىشلىنىپ قالسا، بازاردىكى سېتىلىش ئەھۋالىغا تەسىر يېتەمىكى دەيمەن.

    ئەمدى ھەل قىلىش چارىسىگە كەلسەك، مېنىڭچە بۇنىڭ مۇنداق بىرقانچە ئۇسۇلى بار:

    1. بارلىق پروگراممىلارغا قوش ئۆلچەم قوللۇنۇش (يەنى بۇرۇنقى ئىملا قائىدىسى بۇيىچە بىر ئۆلچەم ھەم يېڭى ئىملا قائىدىسى بۇيىچە بىر ئۆلچەم قوللۇنۇش)
    ئەمما بۇ پىكىر تازا قاملاشمىغان بۇلىشى مۇمكىن. لىكىن ھازىرقى ئۆلچەم بۇيىچە بولۇپ كەتسە، ئىستىمالچىلارنىڭ پىكىرى چىقىدۇ. بۇرۇنقى ئۆلچەم بۇيىچە بولسا، تىل-يېزىق كومېتىتىنىڭ گېپى چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق دەپ باقتىم. بەلكىم خاتادۇ دېگىنىم….

    2. مەھسۇلاتتا بۇرۇنقى ئىملا قائىدىسىنى ساقلاپ قېلىپ، ئىقتىدار قوشۇش

    3. پۈتۈنلەي مەھسۇلاتنى ھازىرقى ئۆلچەم بۇيىچە ئۆزگەرىش
    (ئەمما بۇنداق بولسا، كۆپ مەسىلە كۆرۈلىشى مۇمكىن)

    4. مەھسۇلاتنى بۇرۇنقى ئىملا قائىدىسىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، پەقەت ئىقتىدارنى يۇقىرلىتىپ، يېڭىدىن باشقا تۈردىكى مەھسۇلاتلارنى ئېچىش

    بەلكىم بۇ دېگەنلىرىم تازا قاملاشمىغاندۇ. توغرا چۈشەنگەيسىلەر

    ھەقىقەتەن بۇ اشنى بەك قاتۇرىدىغان مەسىلە… كۆپچىلىكمۇ كۆڭۈل قويۇپ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدىنىپ باقايلى

    خاتا سۆزلەپ سالغان بولسام كەچۈرۈڭ مۇئەللىم…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى am 11:11
  • ئالىم ئاكا، Windos8 تە زادى قانداق يېڭلىقلار باركىن؟ بەك تەقەززار بولدۇق، جۇمۇ! ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بارمىكىن؟
    راست، بىلوگىڭىز يېڭىلانغاندىن كېيىن، « خەتكۈش » دېگەن بىر سۆز پەيدا بولۇپ قالدى. ئەسلىي بولغاندا « خەتكۈچ » بولسا توغرا بولامتى، قانداق؟
    يەنە بىر گەپ، بىز بىلوگىڭىزدىن « تورداشلارنىڭ باھاسى » دېگەن يەردىكى ئەڭ يېڭى باھالارنى چەكەك، تور كۆرگۈچ بىز چەككەن باھانى كۆرسەتمەي، شۇ باھا يېزىلغان تېمىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، بۇ قانداق ئىش؟
    ئەلكاتىپ 5.7 نىڭ ھەقسىز نۇسخىسىنى بىلگوڭىزدىن بىر قېتىممۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك چۈشۈرەلمىدىم، بىر تەكشۈرۈپ باققان بولسىڭىز. رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 19:10
    • ئىملادا «خەتكۈش» دەيمىز،شۇڭا بۇ توغرا
      «ئەلكاتىپ»نى چۈشۈرۈش نورمال ئىكەن
      =====================
      ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 5.7 (ھەقسىز) نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ، سىغىمى 2.6 مېگابايت
      [چۈشۈرۈڭ]
      ==================
      دىكى «چۈشۈرۈش»نى بېسىڭ
      ————————————————
      يەنە
      http://ug.uighursoft.com/چۈشۈرۈش.aspx
      دىن چۈشۈرۈڭ
      ug.uighursoft.com

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 19:26
    • سىزنىڭ باھايىڭىزغا نېمىشقا « بۇ باھاغا پىكرىم بار » تىزىملىكىنى قوشمىدىڭىز؟ بۇنداق قىلسىڭىز باشقىلارغا تازا ئادىل بولماي قالارمۇ قانداق؟ … چاقچاق…
      توغرا ئىملادا « خەتكۈش » دەپ باركەن. ھەتتا، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999- يىلى نەشر قىلغان « ئۇيغۇر تىلنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دىمۇ « خەتكۈش » دەپ ئاپتۇ. مېنىڭچە بۇ سۆز تازا توغرا يېزىلماپتۇ. ھازىرغىچە « – كۈش » قوشۇمچىسى ئۇيغۇر تىلىدا سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە بولىدۇ، دەپ ئۇچراتمىغان ئىدىم. شۇڭا ئۆزۈم بەزى ۋاقىتلاردا « خەتكۈش» دەپ سالساممۇ، لېكىن دائىم « خەتكۈچ » دەپ يازاتتىم. بۈگۈن لۇغەتنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ھەم « – كۈش » قوشۇمچىسى بىلەن ياسالغان سۆزلەرنى ئىزدىسەم، پەقەت شۇ « خەتكۈش» لا چىقتى. ( بەلكىم مېنىڭ لۇغىتىم ياخشى ئەمستۇ، شۇڭا ۋاقتىڭىز يار بەرسە، سىز ئېلېكتېرۇنلۇق لۇغەت بىلەن بىر ئىزدىتىپ باقسىڭىز، « – كۈش » قوشۇمچىسى بىلەن ياسالغان سۆزدىن قانچىسى باركەن)
      بىز ئالدىنقى قېتىم « تور كۆ گۈچمۇ تور كۆرگۈمۇ؟» دېگەن تېمىدا مۇلاھىزە قىلغاندىمۇ پەقەت « -غۇچ،-قۇچ ، -گۈچ، – كۈچ» دېگەن قوشۇمچىلار ئاساسىدا مۇلاھىزە قىلغان ئىدۇق. چۈنكى ھەممىىزگە ئايانكى، پەقەت يۇقۇردىكى تۆت قوشۇمچىلارلا « – ۈچ» ھالىتىدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە بولالايدۇ. ئۇ قوشۇمچىلارنىڭ كەينىدىكى « چ » تاۋۇشنىنىڭ ئېغىز تىلىدا « ش» بولۇپ كېتىشى ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە ( مەسىلەن چاش« چاچ» ؛ ئاش « ئاچ» ؛ قاش « قاچ» ). شۇڭا بىز يۇقۇردىكى تۆت قوشۇمچىنىمۇ « -غۇش، – قۇش، – گۈش، – كۈش» دېمەي ، پەقەت « چ» لىق ھالىتى بويىچە تۆت خىل شەكلىنى ئىشلىتىۋاتىمىز.
      شۇڭا، مېنىڭ قارىشىم بۇ سۆز « خەتكۈش» بولماي، « خەتكۈچ» بولسا توغرا بولىدۇ. ( باشقىلارنىڭ پىكىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىمەن)

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:38
باھا بېتى: 1 2