Windows 8 نى قاچىلاپ، تىل ئارايۈزى بولىقى (LIP)نى تەڭشەش | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

Windows 8 نى قاچىلاپ، تىل ئارايۈزى بولىقى (LIP)نى تەڭشەش

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

(1) Windows 8-Setup.exe (ياكى Windows 安装) نى بېسىپ، دەرھال قاچىلاشنى باسسىڭىز (ياكى ئويۇۋالغان ئوپتىك دىسكا بويىچە قوزغاتسىڭىز)، Windows 8 نى قاچىلاشقا تەييارلىنىدۇ

(2) قاچىلاشتىن بۇرۇن ئەڭ يېڭىسىغا ئېرىشىپ قاچىلامسىز دەپ سورايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن ياق، رەھمەت (No, thanks) تاللاڭ، قاچىلاپ بولۇپ يېڭىلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاندىن كېيىنكى (Next)نى بېسىپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.

(3) مەھسۇلات ئاچقۇچىنى كىرگۈزۈپ، كېيىنكى (Next)نى بېسىپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.

(4) ئىشلىتىش شەرتلىرىگە قوشۇلىدىغان ياكى قوشۇلمايدىغانلىقىڭىزنى سورايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن ئىجازەت شەرتلىرىگە قوشۇلىمەن (I accept the licence terms)نىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى ئۇرۇپ، قوشۇلىمەن(Accept)نى تاللاپ داۋاملاشتۇرۇڭ.

(5) بۇنىڭ ئىچىدىن پەقەت خۇسۇسىي ھۆججەتلىرىمنى ساقلاپ قالىمەن (Keep personal files only)نى تاللاپ، كېيىنكى (Next)نى بېسىپ قاچىلاشنى داۋاملاشتۇرۇڭ.

(6) دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى بىر قېتىم جەزىملەشتۈرىسىز، مەسىلەن: تىل، …دېگەندەك. بۇنىڭ ئىچىدىن دەلىللەش (Confirm)نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.

(7) قاچىلاشقا تەييارلىنىش كۆزنىكىدە Windows 8 نىڭ كەسپىي نۇسخىسىنى قاچىلاشقا تەييارلانغانلىقىنى، خۇسۇسىي ھۆججەتلىرىڭىزنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىن قاچىلاش (Install)نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.

(8) قاچىلاش داۋامىدا بىرنەچچە قېتىم كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىشىڭىز مۇمكىن، سەۋر قىلىڭ.

(9) قاچىلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىلىپ تۆۋەندىكى باشلاش ئېكرانى كۆرۈنىدۇ. قاچىلاش شۇنداق ئاددىي.

==========================================================
Windows LIP دېگەن نېمە؟
Microsoft Windows LIP (تىل ئارايۈزى بولىقى) يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ياكى ئاساسىي ئېقىمدا بولمىغان تىل بازىرى ئۈچۈن يۇقىرى سۈپەتتە يەرلىكلەشتۈرۈلگەن «تېرە»نى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىدىغان رايونلار Microsoft ئۈچۈن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ھېسابلىنىدۇ.

(10) ئەمما ئېكران كۆرۈنۈشلىرى ئىنگلىزچە ئىكەن. بۇنى خەنزۇچە قىلىش ئۈچۈن، «كونترول تاختىسى»دىن «سائەت، تىل ۋە رايونلار»نى تاللاپ، «تىل»نىڭ ئىچىدىن (中文)中华人民共和国 نى تاللاپ، ئۈستىگە يۆتكەش (Move Up)نى بېسىڭ.

(11) توردىن خەنزۇچە تىل ئارايۈزى بولىقىنى ئىشلىتىشكە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ.

(12) خەنزۇچە تىل ئارايۈزى بولىقىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىن «تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاش»نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇڭ.

(13) خەنزۇچە تىل ئارايۈزى بولىقى چۈشۈرۈلۈۋاتىدۇ، چوڭلۇقى 95.40MB، ساقلاپ تۇرۇڭ.

(14) خەنزۇچە تىل ئارايۈزى بولىقىنى قاچىلاش تاماملاندى.

(15) كۆرسىتىش تىلىنى خەنزۇچىگە توغرىلاپ، سىستېمىدىن دەرھال چېكىنىش ئۈچۈن، دەرھال چېكىنىش (log off now)نى بېسىڭ.

(16) كومپيۇتېر قايتا قوزغالغاندىن كېيىن، باشلاش ئېكرانى پۈتۈنلەي خەنزۇچە كۆرۈنىدۇ.

كېيىنكى قېتىم ئۇيغۇرچىگە تەڭشەشنى چۈشەندۈرىمەن، داۋاملىق زىيارەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
296 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 8 9 10
  • ئەسسىلامۇ -ئەلەيكۇم ! ئالىم مۇئەللىم ، Windows8 دىكى ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى سىز ياسىغان ئەلكاتىپ نۇسخىسىغا ئالماشتۇرغىلى بۇلامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى am 09:22
  • كۆپ رەخمەت سىناپ باقاي

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 15:34
  • سېستىما قوزغالغاندىكى 欢迎 دىگەن خەتنى قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرىمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى am 09:15
    • سىستېما تىلىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەڭشەڭ. كونترول تاختىسىدىن دۆلەت ۋە رايون، ئاندىن تىل-يېزىققا كىرىپ، «باشلاش ئېكرانى ۋە خۇش كېلىپسىز ئېكرانى» سىستېما تەڭشەكلىرىنى كۆچۈرۈشكە يۆتكىلىپ، «كۆرسىتىش تىلى بىلەن بىردەك بولسۇن»نى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى am 11:00
باھا بېتى: 1 8 9 10