Office 2016 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىدۇ، ئەمما، … | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

Office 2016 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىدۇ، ئەمما، …

[ IT خەۋەرلىرى، تاغدىن-باغدىن ]

Office 2016 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تاماملاندى، ئەمما، ئەپسۇس تېلېفوندىن خەۋەر يوق.

NetMarketShare تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتىدا، مىكروسوفت Windows 10 ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە ياخشى تەسىرلەرنى بېرىپ، دەسلەپكى بىر ئاي ئىچىدە قاچىلىنىشى 75 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى دېيىلدى. ھازىر ئۇنىڭ ئومۇملىشىشى %5.21 بولۇپ، Windows 8 دىن ئېشىپ كەتكەن، بۇ يەنە ئالما شىركىتىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىدىنمۇ يۇقىرى بولغان.
windows10

Windows 10نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى مۇددەتتىن ئىككى ھەپتە بۇرۇن تاماملانغان بولۇپ، Groove ناخشا-مۇزىكا، XBOX قاتارلىق ئەپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى تاپشۇرغان ئىدىم. 8-ئاينىڭ بېشىدا يەنە Office 2016 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ تاماملاندى، سۈپەت جەھەتتىنمۇ تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى. دېمەك Office 2016 رەسمىي ئېلان قىلىنغاندا، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ چىقىدۇ دېگەن گەپ. ئەمما Windows10 ياكى Office 2016 دىكى يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغان مەزمۇنلار ئىنتايىن ئاز بولۇپ، بىرنەچچە مىڭ قۇر (تەخمىنەن 10 مىڭدىن ئارتۇق سۆز) بىلەنلا تاماملاندى. مىكروسوفت شىركىتىمۇ ئىلگىرى تەرجىمە قىلىنغان تەييار ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە جۈملە ئامبىرىنى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، تەرجىمە مىقدارى ئاز بولدى. ئاساسىي كۈچىمىز يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغان XBox ۋە بىرنەچچە يېڭى ئەپكە سەرپ بولدى.
excel_new

ھازىر ئەڭ يېڭى Windows Phone كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تىل بولىقىنى تەرجىمە قىلىش ۋەزىپىسى باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، كۈنتەرتىپ ئىچىگە قارىسام 72 خىل تىلدىن خەۋەر كېلىپتۇ، ئەمما ئۇيغۇر تىلىغا نۆۋەت كەلمەپتۇ. قارىغاندا نۆۋەت بويىچە كېيىنكى باسقۇچقا قالغان ئوخشايدۇ، شۇنداق بولسىمۇ بۇ يىلغا تەۋە يەنە بىر ئىلتىماس قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. ئەمما بۇ ھامان چىقىدۇ، شۇڭا سەبىر قىلىپ تۇرۇڭلار. پەقەت مۇشىنچىلىكلا ئۇچۇر بېرەلەيمەن. توغرا چۈشىنىڭلار.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
39 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • مەن office 2016نڭ 64 بىتلىقىنى قاچىلىغان ،تىل بولىقىنى قاچىلىسام مەسىلە بايقىدۇق دەپ تۇرىۋالدىغۇ؟ سېىتىماممۇ 64 لىق بومىسا

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 20:03
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز، مېنىڭ كومپىيۇتىرىم ۋىندوس 10، ھەم Office 2016 نى قاچىلىغان، ئەمما مىكروسوفىت تورىدىن Office 2016نىڭ تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاي دېسەم خاتالىق كۆرۈلدى دە پ چىقىۋالدى، كومپىيۇتىرنى قايتا قوزغۇتۇپ نەچچە سىناپ باقساممۇ بولمىدى، بۇ قانداق ئىشتۇ؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 20:02
  • ئالىم مۇئەللىم چۈقۇم ھۇجۇتقا چىقىرىدۇ،ئىشىنمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 13:51
  • مەن office 2016نڭ 64 بىتلىقىنى قاچىلىغان ،تىل بولىقىنى قاچىلىسام مەسىلە بايقىدۇق دەپ تۇرىۋالدىغۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 20:24
باھا بېتى: 1 2 3