ئۇيغۇر تىلىدا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان 100 سۆز
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]توردىن توپلانغان ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە تەبئىي ماتېرىيال ئامبىرىدىن جەمئىي 28 مىليوندىن ئارتۇق سۆزگە ئېرىشتىم، بۇنىڭ ئىچىدە تەكرارلانمىغان سۆز جەمئىي 1 مىليون 150 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ كۆرسەم، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان 100 سۆزنى تېپىپ چىقتىم. ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
بۇ 100 سۆزنىڭ تەكرارلىقى يىغىندىسى 20 پىرسەنتتىن ئاشىدىغان بولۇپ، مۇنداقچە ئېيتساق مەلۇم بىر تەبئىي ماتېرىيالدىكى 100 سۆزنىڭ ئىچىدە مۇشۇ تىزىملىكتىكى 20 سۆزنى ئۇچرىتىسىز. ئالدىنقى 678 سۆزنىڭ تەكرارلىقى 40 پىرسەنت، ئالدىنقى 3365 سۆزنىڭ تەكرارلىقى 60 پىرسەنت، ئالدىنقى 18728 سۆزنىڭ تەكرارلىقى 80 پىرسەنت بولۇپ، تىل ئۆگىنىشتە تەكرارلىقى يۇقىرى سۆزلەرنى ئاۋۋال ئۆگەنسىڭىز، ھەسسىلەپ ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 4,717 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 03-ئاينىڭ 30-كۈنى am 9:35
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت تەرجىمانلار ياردەمچىسى يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ
- كېيىنكى يازما :Competent essay freelance writers
تېخىمۇ كۆپ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، مېنىڭمۇ بىر قانچە نەۋرە ئىنى-سىڭىللىرىم بار ئىدى. ئۇلار باشلانغۇچتا خەنزۇچىدا ئوقۇغان. بۇ يىل بىرسى باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپ، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۇيغۇرتىلىدا ئوقۇماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئالدىنقى ھەپتىدە سىلى تەمىنلىگەن 100 سۆزنى بېسىپ چىقىرىپ ئاپىرىپ بەرگەنتىم. ئۈنۈمى شۇنداق ياخشى بولغانتى… مۇمكىن بولسا تەكرارلىقى يۇقىرى 3000 سۆز ياكى 5000 سۆز دېگەنلەردىن ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىلىرى بۇ نەۋرىلەرنىڭ تېزراق دەرسكە كىرىشىۋېلىشى ئۈچۈن پايدىسى زور بولاتتى…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، ھەپتە تەرتىپلېرىنىڭ بىرىنچىسى بولغان دۈيشەنبىنىڭ توغرا يېزىلىشى « دۈشەنبە» مۇ ياكى «دۈيشەنبە » بۇلامدۇ ؟ مىنىڭچە بولغاندا «دۈيشەنبە» بولسا بۇلاتتىغۇ دەيمەن. كىچىك ئىش بولسىمۇ سىزنى ئاۋارە قىپ قويدۇم.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ھازىرقى ئىملادا دۈشەنبە