ئۇيغۇرسوفت تاماقخانا باشقۇرۇش دېتالى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت تاماقخانا باشقۇرۇش دېتالى

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

3-قارارلىق ئۇيغۇرسوفت كەسپىي يۇمشاق دېتال تەربىيەلەش سىنىپىدا ساۋاقداشلارنىڭ تەلىپى بويىچە بىر ھەپتە يەنە تاماقخانا باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى ھەققىدە توختالغان ئىدۇق، بىز كۆپچلىك بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى تاماقخانا باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالىنىڭ ئىقتىدارىنى تەھلىل قىلىپ، دىيارىمىزدىكى تېز تاماقخانىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ئومۇمىي لايىھەنى بېكىتكەن ئىدۇق، كېيىن مەن ھەرقايسى ئىقتىدارلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا زۆرۈر بولغان نەزەرىيەۋى بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئاندىن ئۇنىڭ كودىنى يېزىپ، قۇرمۇقۇر چۈشەندۈرۈپ چىقتىم، كېيىن گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ، ساۋاقداشلارغا تاماقخانا، ئۇن زاۋۇتى، كومپيۇتېر دۇكىنى،…قاتارلىق بىرنەچچە كەسپىي دېتالنى تاپشۇرۇق بەرگەن ئىدىم. بۇ دېتالنىڭ ئاساسىي بىر ھەپتىدە تەييار بولۇپ، ساۋاقداشلار ئۆزلىرى قول سېلىپ ئىشلەپ، يەنە بىر ھەپتىدە ئىشلىتىشكە بولىدىغان ھالەتكە يەتكەن ئىدى. ئوقۇش تاماملانغاندىن كېيىن بىر قىسىم ساۋاقداشلار ھازىر ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال بۆلۈمىدە يۇمشاق دېتال ئىشلىرىغا قاتنىشىۋاتىدۇ. مانا ھازىر بىرنەچچە كەسپىي دېتال مۇكەممەللىشىپ، ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ساۋاقداشلارمۇ ئۇزۇنغا قالماي ئۇيغۇرسوفتنىڭ رەسمىي غوللۇق خادىمىغا ئايلىنىشىدا ئۈمىد ناھايىتى زور. ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ يۇمشاق دېتال زاكاز قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

ئالدى بىلەن تاماقخانا دېتالى ھەققىدە چۈشەنچە بېرەي، ھازىر دىيارىمىزدىكى ئاشخانىلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى مۇنداق:
خېرىدارلار ئاشخانىغا كىرىپ، بوش ئۈستەلگە جايلاشقاندىن كېيىن، مۇلازىمەتچى خادىملار ئارقىلىق تاماق زاكاز قىلىدۇ، زاكاز تالونى ئارقا سەپتىكى ئۇستاملارنىڭ ئالدىدىكى پىرىنتېردا بېسىلىدۇ. ئۇستاملار تالوندىكى تاماقلار بويىچە تاماقنى تەييار قىلىدۇ. مۇلازىمەتچى زاكاز تالونى بويىچە تاماقلارنى شۇ خېرىدارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ.

بۇ يۇمشاق دېتالدا ھازىرقى تاماقخانىلار ئەڭ زۆرۈر بولغان ئىقتىدارلار تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، خوجايىن ھەرقانداق ۋاقىتتا تاماق تۈرى ۋە ئۈستەل بويىچە كىرىم ئەھۋالى، شۇنداقلا خام ماتېرىيال، خادىملارنىڭ مۇئاشى، ئۆي ئىجارىسى بويىچە چىقىملارنى ئېنىق بىلىپ تۇرالايدۇ. مەسىلەن: كۈندىلىك، ھەپتىلىك، ئايلىق، پەسىللىك،…ئىستاتىستىكا ئەھۋالىغا ئاساسەن قايسى ئۈستەلدە، قانداق تاماقلارنىڭ كۆپ سېتىلغانلىقىنى، قايسى ئۇستامنى مۇكاپاتلاشنى، قايسى تاماق تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، قايسى ئۈستەلگە بەكرەك دىققەت قىلىشنى، قايسى ۋاقىت بۆلىكىدە قانداق تاماقلارنىڭ كۆپ سېتىلىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئادەتتە ھەركۈنى تەخمىنەن قانچىلىك گۆش، ئۇن، ماي، كۆكتاتلارنىڭ لازىم بولىدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق قانداق تەييارلىق قىلىشنى ئېنىق بىلەلەيدۇ. ئەگەر تاماقخانىدىكى مۇلازىمىتېر ئىنتېرنېتكە ئۇلانسا، خوجايىن خالىغان جايدا تۇرۇپ، تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر ۋە كومپيۇتېر قاتارلىق ھەرقانداق تۈردىكى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق يىراقتىن نازارەت قىلالايدۇ.

ئېكران كۆرۈنۈشلىرى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
89 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • سىستىما ياخشىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 16:02
  • مۇئەللىم ، ماڭا سىلەرنىڭ تاماقخانا باشقۇرۇش سېستىماڭلار كېرەك ئىدى. بولسا ئالاقىلاشقان بولساڭلار .
    13364811454

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 14:41
  • بۇ دېتال ئېلان قىلىنىپ بولدىمۇ؟مەن سېتىۋالاي دېگەن باھاسى قانچە پۇللار ئەتراپىدا بولار~!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 20:02
  • بۇ دىتالدا تاماقخانىنىڭ ئۈستەل سانىنى تەڭشىگىلى بولامدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 16:02
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالىم مۇئەللىم ~!
    مىنىڭ بىر دوستۇم ئۇن زاۋۇتى قۇرغان ، ئۇن زاۋۇتى باشقۇرۇش سىستىمىسى لازىم بوپ قالدى .
    ئۇن زاۋۇت باشقۇرۇش سىستىمىسى بولسا سېتىۋالساق بولىتى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 22:35
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز ؟
    مېنىڭ كۇرسىڭىزغا شۇنداق قاتناشقۇم بارئىدى بىراق شارائىت يار بەرمىدى ئۆزەم ئۈگىنەي دېسەم ماتىريال تاپالمىدىم .
    مەكتەپتە vb 6.0 نى ئۆگەنگەن ،ئاددىي پىروگگىراممىلارنى تۈزۈپ باققان .بەلگۈلۈك ئاساسىم بار . مېنىڭ Visual studio 2012نى ئۆگەنگۈم بار ئىدى ،قاچىلدىم بىراق ئىلگىرى ئۇچۇرشۇپ باقمىغان بولغاچقا نەدىن قو سېلىشنى بىلەلمىدىم ،ئەگەر كىتاپتىن پايدىلنىپ ئۆگەنمەكچى بولسام قەيەردىن تاپقۇلى بولار .يول كۆرسەتسىڭىز ..؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى am 10:11
    • ئۇنداقتا تېزلا كىرىشىپ كەتكۈدەكسىز، ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ، مىكروسوفت تور بېكىتىگە كىرىپ، چۈشۈرۈش سەھىپىسىگە كىرسىڭىز، Visual Studio 2012 Express دەپ بار، شۇنى چۈشۈرۈپ پىروگرامما يېزىشنى ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى am 10:42
  • مەنمۇ قۇلۇمدىن كىلىشىچە سىلەرنىڭ بۇ سېستىماڭلارنى قوللايمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:43
  • پۇرسەت بولسا ئالىمكام بىلەن بىرەر مۇناسىۋەت بىلەن تونۇشىۋالسام دەپ ئولايىتتىم ھەم ئۆزۈمچە ئالىمكامنى ئۆزۈمگە شۇنداق يېقىن كۆرسەممۇ ، لېكىن تونۇشۇشقا بىرەر سەۋەب تاپالمايلا يۈرەتتىم (بىۋاستە ئىزدەپ بېرىپ تەلىم ئالاي دېسەم تېخى سەت تۇرغان ).مانا ئەمدى بىزگە بىر ئورتاق تېما شەكىللىنىپتۇ . مەنمۇ مەخسۇس يۇمشاق دېتال لاھىلەش ۋە سېتىش بىلەن شوغۇللىنىمەن ، تائام تىزىملاش سېستىمىسى بىزگە ئورتاق تېما بولغۇدەك .
    مەن بىر تائام تىزىملاش سېستىمىسىنى ئىككى يىلنىڭ ياقى داۋاملىق لاھىيلەپ كېلىۋاتىمەن (ئەلۋەتتە يالغۇز بۇلا ئەمەس) . كۆزنەك سانى ھازىر چوڭ-كىچىك بولۇپ 100 دىن ئاشتى . ئادەتتىكى كومپيۇتېر (مۇلازىمېتىر) ، ئاندروئىد سېستىمىلىق ياكى موبىل سېستىمىلىق سىمسىز تىزىملىغۇچلاردا WIFI ئارقىلىق ئىشلەيدۇ ، ھەم ھەرقايسىسىدا تائامنى رەسىمى بىلەن بىرلىكتە كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە (ئاشخانا خىزمەتچىلىرى دائىم كەلدى-كەتتى بولۇپ تۇرىدىغان بولغاچقا يېڭى خادىمنى تەربىيلەش ۋە ئادەتتىمۇ ئىشلىتىشكە قولايلىق) . ھەرقايسى جايلاردىكى ۋاكالەتچىلەر ئارقىلىق 100 گە يېقىن تاماقخانا ۋە ھامبۇرۇكخانىلارغا ساتتۇق . ئوننەچچەيلەن مۇشۇ خىلدىكى سېستىمىلار بىلەن تىرىشىپ نان تېپىپ يەۋاتىمىز . لېكىن يەنە بىر قىسىم ئوڭلۇق ھەم يەنە بىر قىسىم كۆچۈرمىكەش رىقابەتچىلىرىمىزمۇ بار . بىز يەنىلا ناتوغرا يوللاردا ماڭماي ئاساسلىقى يۇمشاق دېتاللىرىمىزنىڭ كۆپ خىللاشقان ، قولايلىق بولۇشى ۋە ئەتراپلىق بولغان سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتىمىز ئارقىلىق رىقابەتلىشىپ كېتىپ بارىمىز .
    قېنى ئالىمكام ماڭا تونۇشقىدەك پۇرسەت بەرسە بىر تونۇشىۋالغان بولسام !!!
    چ چ : 289788437
    تور بەت ئادرىسىمىز : http://www.sapardax.com

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:40
    • تور بېكىتىڭلاردىن كۆردۈم، سىلەرمۇ بۇ جەھەتتە نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ كارخانچىلار ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىۋېتىپسىلەر، سىزگە مەلۇم كېلەر ھەپتە Windows 8.1 ئېلان قىلىنىدۇ، ھازىر بىرىنچى دەرىجىلىك خاتالىق تۈزىتىش ھالىتىگە كىردۇق، بەك تويۇقسىز ۋە جىددىي ۋەزىپىلەر كېلىۋاتىدۇ، مەن سىلەر بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم. لېكىن ئېسىڭىزدە بولسۇن بىزنىڭ رىقابەتچىلىرىمىز ھەرگىزمۇ شىنجاڭدا ئەمەس، بەلكى ئىچكىردە ياكى چەتئەلدە، سەل بىكار بولغاندا مەن سەۋەبىنى ئايرىم تېما شەكىلدە يېزىشىم مۇمكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى am 10:56
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ۋە ساۋاقداشلار

    گەپنىڭ پوش كاللىسىنىلا دەي … كەچ بولغاندا تۇيۇقسىز ئىلھام كەپ قىلىۋاتىدۇ ….

    تاماق تىزىملىغاندىن كىيىن چىقىرىپ بىرىدىغان تالۇنغا تاياقچە كود قوشۇپ چىقىرىلسا …. تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن تالۇننى پۇكەيگە تاپشۇرغان ۋاقىتتا تالۇننى كود تاپانچىسىغا توغىرلىغاندىن كىيىنلا بارلىق ھىساپ كىتاب تۈگىسە… ئەلۋەتتە پۇلنىمۇ تاپشۇرىدۇ… (بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنىم خىرىدار تالۇننى ئىلىپ كەلگەندىن كىيىن تالۇندىكى ئورۇن نۇمۇرىغا قاراپ ئاندىن كومپىيۇتىردىن شۇ ئورۇننى تىپىپ ھىساپ قىلىش دىگەن كۇنۇپكىنى چىكىپ قىلىدىغان مەشخۇلاتلار بىرلا تالۇننى كود تاپانچىسىغا تەككۈزۈپلا تۈگىسە دىمەكچى)

    بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق خىرىدارنىڭ پۈكەي ئالدىدا ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتقىلى بولامدىكىن دەيمىنا ….

    ئىككىنىچى ئىلھام:

    مۇئەللىم بىز ھىلىقى سىنىپتا مۇشۇ ئاشخانا سېستىمىسى ئۈستىدە توختالغاندا ئاخىردىراق بىر مۇنازىرلەشكەن ئىدۇق …
    تاماق چىقىرىش ئورنىغا پىرىنتىر قويماي …. ئىكران قويۇش مەسىلىسى يادىلىرىغا كەلدىمۇ …

    دەل مۇشۇ مەسىلىنى تەپسىلىيرەك ئويلىشىپ باققان بولسىلا …
    مۇشۇ مەسىلىدە ئىكرانغا نىسبەتەن چوڭراق ئىكراننى ئويلاشساق ھازىرنىڭ ئۆزىدە مۇشۇ ئاشخانىدا چىقرىلىۋاتقان تاماقنىڭ سانىنى ئىمكان بولسا خىرىدارلارمۇ كۆرۈپ تۇرالسىا … خىرىدارنىڭ كاللىسىدىمۇ مەلۇم سان بولىدۇ دەپ ئويلايمەن …

    مەسىلەن ئىكرانغا بىر قاراپلا …. ھە ھازىر لەغمەندىن يەنە 10 قاچا باركەن، سومەندىن ئىككىسى باركەن … قارىغاندا لەغمەن ئاستا چىققۇدەك، سومەن تىزراق چىققۇدەك….. دىگەندەك

    بەك تەپسىلىي توختالمىدىم …. باشقا شىركەتلەر كۆرۈپ قىلىپ ئىلھام پاتنىتىمىزغا دەخلى يەتكۈزمىسۇن دەپ… (كۈلۈمسىرىگەن چىراي ئىپادىسى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 23:49
    • ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىپسىز، شۇ چاغدا نۇرغۇن ئىلھاملار كەلگەن ئىدى، بۇلارنى بىر-بىرلەپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز. ھازىرقى قىيىنچىلىق ھەرگىزمۇ تېخنىكىدا ئەمەس، يېڭى ئىدىيەلەرنى ئويلاپ چىقالماسلىقتا.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 23:13
  • كۆرۈنمە يۈزى ئاددىيدەك تۇرىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 18:43
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەن جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قاغىلىق دىيارىدىن ئاددى بىر دىخانمەن، كومپىيۇتىرغا قىزىقىمەن ،كەتمەندىن بوشانساملا ھەپىلىشىدىغىنىم كومپىيۇتىر، ھەپەلىشىپ ئانچە- مۇنچە ئاددى توربەت ياساشنىمۇ ئۆگۈنۈپتىمەن. مۇئەللىم 0دىن باشلانغان يومشاق دىتال ئىچىش دەرىسلىكلىرى بولسا تەمىنلەپ بەرگەن بولسىڭز .
    ئىلختىم:1587839397@qq.com ozla158@outlook.com
    كەچۈرۈڭ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز يازما يوللاپ قويدۇم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى am 11:40
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، مەن قەشقەردە مەخسۇس ئاشخانا ئۈچۈن ئېلان تەشۋىقات بىلەن شۇغۇنلىنىمەن ، ئەگەر بۇ سىستىمىنى بازارغا سالىدىغان بولسىڭىز دىيارىمىزدە ئىھتىياج خىلى يۇقىرى ، مەن بازا ئىچىشنى خالايمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى am 10:42
باھا بېتى: 1 2 3 4