بۈگۈن Microsoft Surface 2 ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى ]ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىككىنچى ئەۋلاد Surface RT ۋە Surface Pro تاختا كومپيۇتېرى ئېلان قىلىندى. باشقا تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە مىكروسوفت «RT» دېگەن بەلگىنى چىقىرىپ تاشلاپ، بىۋاسىتە Surface 2 دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، Windows RT 8.1 مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلىنىدىكەن، ئۇنىڭدا 1080P كۆرسىتىش ئېكرانى، NVIDIA Tegra 4 بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، باتارېيەسى 8 سائەت ئىشلىتىشكە يېتىدىكەن. سېتىلىش باھاسىدا ئانچە ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. مەسىلەن: Surface 2 نىڭ 32GB نۇسخىسى 500 دوللار (تەخمىنەن 3059 يۈەن)، 512GB لىق نۇسخىسى 1700 دوللار (تەخمىنەن 10403 يۈەن) بولىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Windows دۇكىنىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق ھەقسىز ئەپلەرنى ئىشلىتەلەيسىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 1 يىللىق ھەقسىز SKYPE مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، يەنى خەلقئارالىق ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ۋە ھەقسىز WiFi نۇقتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,582 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 09-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 22:18
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت تاماقخانا باشقۇرۇش دېتالى
- كېيىنكى يازما :Windows Phone دىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە تىل بولىقى ئۈچۈن تەكلىپ بېرىڭ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم بۇرادەرلەر ھەممىڭلار سالامەتمۇ مەن sufacepro2 256GB دىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم ھەممە ئىقتىدارلىرىنى تۇلۇق ئىشلەتتىم skydrive 200GB سوۋغىتىنىمۇ قۇشۇۋالدىم بىراق Skype wifiنىڭ ئىقتىدارىنى پەقەت ئىشلىتەلمىدىم شۇڭا بىلىدىغانلار بولساڭلار بىلىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر
سىز قاچان سېتىۋالدىڭىز ؟ قانداقراقكەن ؟
قانچىگە ئالدىڭىز ؟
مەن ىالغىلى ىككى ىايدەك بولدى مەن 10487يۈەنگە ىالدىم
بىراق ھازىر ىشلەتكىلى ۋاقتىم يوق بىكار قالدى سېتىۋېتىشنى .ويلاۋتىمەن 18082825777
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم ئاكا قانداق ئەھۋالىڭىز ؟
مەن surface pro 2 نى ئالاي دىگەن تاۋباۋدا 7388 كويكەن
مىكروسوفىت نىڭ بېتىدە $999.00 دوللاركەن ؟ قانداق پەرقى بار ؟ قايەردىن ئالسام ياخشى بولا بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىلا
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 1 يىللىق ھەقسىز SKYPE مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، يەنى خەلقئارالىق ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ۋە ھەقسىز WiFi نۇقتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
————————————-
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ۋە بارلىق بىلوگ ئەھلى
يۇقىردىكى تەمىناتتىن سۇنىڭ نىڭ توردىكى دۇكىنىدىن سېىۋالغانلارمۇ بەھىرلىنەلەمدۇ ياكى باشقىچە بۇلامدۇ ،
بۇنى ئەمەلىي ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىچۇ مەن بىرنى سېتىۋالغان سۇنىڭ تاۋباۋدىكى دۇكىنىدىن ئالغان ئىدىم ھازىر يولدا كىلىۋىتىدۇ ساقلاۋاتىمەن ،
بىز بىلىشكە تىگىشلىك ياخشى ئالاھىدىلىكلىرى بولسا سوزلەپ قويسىلا بىلىۋالساق
ئۇنداقتا بىز ئۈزىمىز بىۋاستە ئېلىرۋەرسەك بولغۇدەك