ئەھمىيەتلىك 20 يىل | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئەھمىيەتلىك 20 يىل

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بۈگۈن ئەسلىدە كۆپ نەرسىلەرنى يازسام بولاتتى، چۈنكى بۈگۈن مېنىڭ كومپيۇتېر بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان ۋە پىروگرامما تۈزۈش ھاياتىمنى باشلىغان خاتىرە كۈن ئىدى، مانا بۇنىڭغا ھەش-پەش دېگۈچە توپتوغرا 20 يىل بولۇپتۇ. ۋاقىت نېمە دېگەن تېز ئۆتىدۇ-ھە!

20 يىل ئىلگىرى يەنى 1991-يىل 19-ئۆكتەبىر، شەنبە كەچ 6:00 ئەتراپىدا، مەن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئاكام ياسىن ئەھەتنىڭ ئىشخانىسىدا، تۇنجى قېتىم كومپيۇتېرنى كۆرگەن ئىدىم، بىر ئاي ئىلگىرى ئۇيغۇرچە يېزىلغان تەخمىنەن 200 بەتلىك «Apple2 ۋە Basic تىلى» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ، «Basic تىلى» توغرىسىدا ئانچە-مۇنچە دەسلەپكى ساۋاتلارغا ئىگە بولغان ئىدىم. شۇ زامانلاردا كومپيۇتېرنى قوزغاتساقلا، ئۇدۇللا «Basic تىلى»غا كىرەتتى. مەن ئىشلەتكەن بۇ ئالما كومپيۇتېرىدا 12 دىيوملۇق يېشىل يالتىراق نۇرلۇق ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، قاتتىق دىسكىسى يوق ئىدى. پىروگراممىلارنى ئادەتتىكى قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسىگە خاتىرلەيتتى.

شۇ كۈنى ئاكام ياسىن ئەھەت «Basic تىلى»دا، «بىر نامەلۇملۇق ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە»نى يېشىپ بېرىدىغان پىروگراممىنى يېزىپ ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويدى. ئارقىدىن يەنە «توخۇ-توشقان 48، پۇت-قوللىرى 108» دېگەن تېپىشماقنى ئىشلەپ بەردى. بۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالغان ئىدىم. مەن بۇ پىروگراممىنى قايتا-قايتا ئۆزگەرتىپ كۆرۈپ باقتىم. كېيىن يەنە ئۇيغۇرچە سۆزلەرگە «لار»، «لەر»نى ئاپتۇماتىك ئۇلايدىغان پىروگراممىنىمۇ تۈزۈپ باقتىم (ئەلۋەتتە پۈتۈنلەي لاتىن يېزىقى ھالەتتە). شۇ ۋاقىتتا، پىروگرامما تۈزۈشكە باغلانغان بۇ قىزغىنلىقىم ھازىرغىچە توختاپ قالغىنى يوق.

20 يىلدىن بۇيان پىروگرامما تۈزۈشتىن ئىزچىل ئايرىلمىدىم، ئەمما، ئاساسەن دېگۈدەك ئۇيغۇرچە تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك پىروگراممىلارنى ئىشلەپ يۈرۈپتىمەن. مانا، بۈگۈنمۇ كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە تىل-يېزىققا ئائىت ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن. تىلغا ئالغۇدەك چوڭ ئىشمۇ يوق، نەتىجىمۇ پۈتۈنلەي يوقمۇ ئەمەس. لېكىن، ماڭا نىسبەتەن كەسىپگە بولغان ئوتتەك قىزىقىشىم يەنىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىرغا قەدەر ۋايساپ باقمىدىم، زېرىكمىدىم. ئەمما، ماڭا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. ئەتراپىمدىكى كىشىلەرمۇ ئىلھام بېرىۋاتىدۇ، ھۆكۈمەتمۇ قوللاۋاتىدۇ. يېقىندا «ئۇيغۇرسوفت» ماركىسىنى يەنە 10 يىل ئۇزارتتىم، ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىمدىن ۋە شىركىتىمدىكى بارلىق خادىملاردىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىۋاتىمەن.

كۆپ گەپ قىلساممۇ ئاخىرىدا يەنىلا شۇ گەپنى دەيدىكەنمەن، شۇڭا، ھازىرلا دېسەم ياخشى بولغۇدەك، مەن شىركىتىمدىكى بارلىق خادىملار بىلەن بىرلىكتە، مۇشۇ ساھەدە داۋاملىق تىرىشىمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
44 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئالىم مۇئەللىم،سىز بىر مۇنەۋەر كارخانىچى بولۇش سۈپتىڭىز بىلەن كارخانا باشقۇرۇشتىكى تەجرىبىلىرىڭىزنى، كارخانا باشقۇرۇشتىكى نەتىجىلىرىڭىزنى، مۇنەۋەر پىروگراممېر بولۇشتىكى تەجرىبىلىرىڭىزنى قوشۇپ بىر ماقالە يازسىڭىز بولاتتى، بىزنىڭ سىزدىن ئۈگىنىدىغىمىز پەقەتلا پىروگرامما بولۇپ قالسا بولمايدۇ،چۈنكى مەندەك ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ مەمۇرىيلىققا ئىمتاھان بېرىشكە چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ ئوقۇغۇچىمۇ نۇرغۇن، ھازىردىن باشلاپ سىزنىڭ تەجرىبىلىرىڭىز يەنە دېسەم يەنە شۇ تەجرىبىلىرىڭىزگە تولىمۇ قىزىقىمەن، سىزنىڭ تەجرىبىلىرىڭىزنى ئۈگۈنۈپ ، مۇنەۋەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇپ قالسام چوقۇم سىز بىلەن بىللە تەرەققى قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 21:07
باھا بېتى: 1 2 3