مىكروسوفت TechEd 2012 كاتتا يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

مىكروسوفت TechEd 2012 كاتتا يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ

[ IT خەۋەرلىرى ]

جۇڭگو
TechEd 2012 جۇڭگو، بېيجىڭ 4-دېكابىردىن 6-دېكابىرغىچە

مىكروسوفت ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى زور كۆلەملىك تېخنىكا يىغىنى-TechEd 2012 يىغىنى بۇ يىل 4-دېكابىردىن 6-دېكابىرغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تۆۋەندىكى مەھسۇلاتلار ئېلان قىلىنىدۇ:
1. پۈتۈنلەي يېڭى Windows 8
2. ئۈنۈمدار يېڭى Office
3. بۇلۇت باشلامچىسى يېڭى Windows Server 2012
4. يېڭى ئىجادىيەت قورالى Visual Studio 2012
5. پۈتۈنلەي يېڭى Windows Phone.

مىڭلىغان ئۇچۇر تېخنىكا (IT) ئەزىمەتلىرى، پاراسەتلىك ئىجادىيەتچىلەر، كۈچلۈك ھەمكارلاشقۇچىلار، كەسپ نوپۇزى ۋە ئاساسىي تاراتقۇلار بۇ يەرگە جەم بولىدۇ. نەچچە يۈز تېخنىكىلىق لېكسىيە، قول سېلىپ ئىشلەش، ئۇچۇر تېخنىكا (IT) ئىنقىلابى ئېلىپ كەلگەن چەكسىز ھاياجان ۋە ئىلھاملار بىلەن ئومۇميۈزلۈك بىۋاسىتە ئۇچرىشالايسىز.

ئاساسىي يىغىن زالىنىڭ ئورنى (ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئورنى): دۆلەت تەنتەربىيە زالى (بېيجىڭ سەنئەت مەركىزى)-国家体育馆(北京演艺中心)
ۋاقتى: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى (سەيشەنبە) چۈشتىن كېيىن 2:00 (بېيجىڭ ۋاقتى)

بېلەت باھاسى 1613 يۈەن ئىكەن، دىيارىمىزدىكى ئۇچۇر تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ، تاراتقۇلارنىڭ قاتنىشىپ بېقىشىغا ھەقىقەتەنمۇ ئەرزىيدۇ، بۇنداق پۇرسەت نەچچە يىلدا ئاران بىر كېلىدۇ. توردا تىزىملاتسىڭىزلا بولىدۇ.

بېلەت سېتىۋېلىش ئادرېسى بۇ يەردە:

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
56 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئالىم مۇئەللىم ، مۇشۇ يىغىنغا بارىسىزغۇ دەيمەن ؟ بىلەتتىن بىرنى ھەل قىلغان ، بارسىڭىز سىزنى كۆرۈشكە نىسىپ بۇلارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى am 11:09
  • ئالىم مۇئەللىم، تىل بۇلىقى مۇشۇ يىغىندا ئېلان قىلىنىپ قالسا شۇ كۈنىلاپ توردىن چۈشۈرۈشكە بۇلامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 19:03
  • مەن ھەپتىنىڭ ئالدىدا بۇ يىغىنغا تىزىملاتقان ئىدىم، لىكىن ئىلخەت ياكى يانفونغا ئۇچۇر كەلمىدى، ھەممە ئۇچۇرلار توغرا ئىدى.
    قايتا تىزىملىتاي دېسەم، «سىز تىزىملىتىپ بولغان، قايتىلىماڭ» دەپ ئۇچۇر چىقىپ قاراپ تۇرىدۇ.
    ئەتىگەن كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتىدىكى قىسمەتكامغا بۇ ئەھۋالنى دىسەم، ئۇمۇ شۇنداق ئەھۋالغا يولۇققانلىقىنى، ھەل قىلالمىغانلىقىنى دىدى.
    ئالىم مۇئەللىم، يول كۆرسەتسىڭىز بوپتىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 20:54
  • ھەي مۇشۇ مەھسۇلاتلاردا ئۇيغۇرچنى كۆرۈش نمىدىگەن ھوزۇر ھە. win8نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى قانچە پۇل ئەراپىدا بولا?

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 22:11
  • مەن مىكروسوفىتنىڭ قولتېلىفۇنىدىن بىرنى ئالسام بولدى . . .
    خۇدايىم بۇيرىسا . . .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى am 11:16
  • مەن Windows RT 版 Surface دىن بىرنى زاكاس قىلاي دەپ ئويلاشقان لىكىن ھەقىقى ۋىن 8 بىلەن قانداق پەرىقلىرى بارلىقىنى تازا بىلىپ كىتەلمىدىم.بولۇپمۇ تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولامدۇ؟ ۋىن 8 نىڭ دىتاللىرى قاچلىنامدۇ دىگەندەك يەرلەر ئېنىق ئەمەس. مۇشۇ ھەقتە ئۇچۇر بىرەلەرسىزمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى am 02:39
    • ئەڭ ياخشىسى تاختا كومپيۇتېر ئالاي دېسىڭىز، Surface نىڭ Windows 8 كەسپىي نۇسخىسى قاچىلانغانلىرىنى ئېلىڭ، ئۇ چۈشەمدۇ؟ بۇ بولماي قالارمۇ؟-دېگەن غەمدىن بىراقلا خالاس بولىسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى am 09:26
  • ئالىم مۇئەللىم Microsoft Virtual PC بىلەن Virtual Box نىڭ قانداق ئوخشىماسلىقى بار.
    Virtual Boxنىڭ Microsoft Virtual PC دىن ئارتۇقچىلىقى بارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى am 01:27
  • مەن windows8 pro كەسپى نۇسخىسىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەن ئىدىم.
    تىلنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ خەرىتىنى كۆرسەم «تۈركمەنىستان» دېگەن خەت خاتا بوپ قالغاندەك تۇرىدۇ.
    土库曼斯坦
    ئەرەبچىسى : تركمانستان
    خەرىتىدە كۆرۈنگىنى : تىركمةنعستان
    ئالىم مۇئەللىم قېنى قاراپ باقامسىز؟
    ئېكراننى رەسىمگە تارتىپ يوللاي دېسەم بىلوگىڭىزغا رەسىمنى قانداق يوللاشنى بىلمىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:14
باھا بېتى: 1 2 3