كۆڭۈلدىكى سۆز: ئۈمىد ۋە غايە | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

كۆڭۈلدىكى سۆز: ئۈمىد ۋە غايە

[ تاغدىن-باغدىن ]

2013-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى (پەيشەنبە) سۈرەتكە ئېلىنغان «ئۈمىد ۋە غايە» تېمىسىدىكى «كۆڭۈلدىكى سۆز» پىروگراممىسىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ، بۇ پىروگراممىدا ئۆتكۈر ئەركىننىڭ نەتىنجىلىرى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يۇمشاق دېتالغا قىزىقىدىغانلارنىڭ بۇ يەردىن كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.


http://www.xjtvs.com.cn/uyghur/video/zblm/a/e/2013-6-4/1370315611250.shtml

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
104 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئۇيغۇرسوفت مەشرىپى ئۆتكۈزۈشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولغۇدەك . بۇ بەلكىم تېلۋىزوردىكى ئەڭ ياخشى تەشۋىقات بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ياكى ناۋادا ناخشا ئېيتىپ باقامسىز(سەت كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى am 11:51
    • سىز دېگەن بۇ ئىشلار بىز قىلماقچى بولغان ياكى قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ كۈنتەرتىپىدە 12-ئورۇندا تۇرىدۇ،

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 22:40
      • قارىغاندا ئۇيغۇر سوفت ھەممە ئىشنى پىلانلاپ تىرتىپكە سېلىپ بوپتۇ. بۇنىڭدىن ناھايىتىمۇ دىللىرىم سۆيۈندى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 23:07
  • ئالىم مۇئەللىمنىڭ سۆزلىرنى شۇنداق مىغىزلىق بوپتۇ.ئارتۇق دەبدەبە يوق. ئۆتكۈر ئىنمىزنىڭ مۇشۇ ئىلىكتىرون تېخنىكا ساھەسىدە تېخىمۇ ئىلگىرلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 13:50
  • راسست دەيسىز ئالىم مۇئەللىم باشقىلار ئۆز ئىچىدىن ھېس قىلسا ئۈنىمى راستلا بەك ياخشى بۇلىدۇ.

    ئەمما 4-قارارلىق سىنىپ قاچانمۇ ئېچىلار (يىغلىغان چىراي ئىپادىسى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى am 09:16
  • سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ئەڭ مۇھىم ئالىم مۇئەللىم.
    سالامەتلىكنى بىرنىچى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ خىزمەت قىلشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. بىزگە سىز بولمىسىڭىز بولمايدۇ.
    قۇرۇق تىلەك يېزىپ، ۋاقتىڭىزنى ئالماي دېگەن. ئەمما يازماي تۇرالمىدىم . بىلوگىڭىزنى ئىزچىل زىيارەت قىلىپ تۇرۋاتمەن. ( كۆپ سانلىق تورداشلارمۇ مۇشۇنداق ئويلاپ ئىنكاس يازماي زىيارەت قىلۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن).
    بىز سىزدىن ھەقىقەتەن كۆپ مىننەتتار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:43
  • كۆرەممەسلەر بەك كۆپكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 13:50
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ سالامەت مارالېبشىغا قايتىپ كەلدىم. (ۋاقتىدا ئۇچۇر بەرگۈم بار ئىدى ئالدىراش ۋاقتىڭىزنى ئالماي دىدىم) يولدا كەلگەچ بىر نەچچە كىشى بىلەن پاراڭلىشىش ئارلىقىدا win8 نىڭ ئۇيغۇرچىسى ھەققىدە چۈشەندۈرۈپ، سىزنىڭ ئەجىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىم. ئۇ ئادەم سىزنى « ئالىم ئەخەت ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئالىممۇ؟» دەپ سوراپ قالدى. مەن ھەئە ئىمسىدىن چىقىپ تۇرمامدۇ دەپ قويدۇم. ئارتوق كەتمىگەندۇ؟ مەنچە سىز قىلغان يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشى مەن بىلىدىغان ئىشلار ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئەڭ چوڭ نەپ كەلتۈرىدىغان ئىش ئىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى am 09:33
    • تۈنۈگۈن بالىلار بىلەن تاغقا چىققان ئىدۇق، سىز ۋە ئالىمجان يوق كۆڭلىمىزنىڭ بىر يېرى كام بولۇپ قالدى، لېكىن رەسىمگە چۈشكەندە ئاۋۇتجانغا ئورۇن ئېلىپ قويايلى دېيىشتۇق. ئاخىرقى قېتىملىق دەرستىمۇ ئوغلىڭىز بىلەن چۈشكەن رەسىمنى ئىشلىتىپ رەسىم قۇراشتۇرۇش ئويۇنى لايىھەلەپ چىقتۇق. ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، بۇ ئىشلارنىڭ ئەھمىيىتى ھەقىقەتەن چوڭ، ئەمما بۇنى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى تېگىدىن ھېس قىلسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ، بۇنىڭغا بەلكىم 2-3 يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، بىز يەنىلا بەك داۋراڭ قىلمايلى، ماڭا ھەر تەرەپتىن روھىي بېسىم بەك ئارتىپ كەتمىسۇن، مېنى پەقەت ئالىم مۇئەللىم دېسىلا، مەن شۇنىڭدىن قانائەت ھاسىل قىلىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 19:34
  • ئالىم مۇئەللىم ،surface نىڭ ئۇيغۇرچە ئېكران كونۇمكا تاختىسىدا {}نى چىقىرماقچى بولسام ،قوش تىرناق «» مۇشۇنداق چىقىۋالىدۇ،باشقا ھالىتىدە نورمال چىقىدۇ،بولسا تەكشۈرۈپ باقسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 19:05
  • سودا مەخپىيەتلىكى ۋە بىر قىسىم ئىشلارنى ئالىم مۇئەللىمدىن كوچىلاپ سورىمايلى …..
    ياخشى بولمايدۇ …..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى am 11:14
  • ئاز تولا ئىشارەت بولسىمۇ بەرمەمسىز :
    ھېلىقى مىكروسوفتنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن باھاسىدىكى«*** ***»نى «***»قىلالايدۇ دىگىنى زادى نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 17:12
    • ئۇلارنىڭ باھاسىغا قاراپ ئولتۇرمىساقمۇ، نىمە ئشىلارنى قىلالايدىغانلىقىمىز ئۆزىمىزگە ئايان.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى am 00:44
    • توۋا يۇقىردادەپ ئۆتتىغۇ ئەنە شۇگەپنىمۇ چۈشۈنەلمىدىڭىزمۇ سورىماڭلار دىگەندىن كىيىن سورىماڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى am 10:55
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھازىر win 8.1 توغرىسىدا ئۇچۇرلار كۆپىيىپ قالدى،ئۇنىڭدىمۇ ئۇيغۇرچە سېستىما باردۇ ھە،ساپ ئۇيغۇر يېزىقىمىزدا ئىشلىتەلەرمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 13:52
  • ئالىم مۇئەللىم يەنە تەخمىنەن قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن قايتا سىنىپ ئاچارسىز ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 13:18
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم؟
    ئالىم مۇئەللىم surface pro 128 ئۇرگان نۇسخىسىدىن بىرنى سىتۋالغان ئىدىم. قۇلۇمغا كەلگىلى ئۇچ كۇن بۇلدى. لىكىن ھازىرغا قەدەر ئاكتىپلانمايۋاتىدۇ. ساتقانلار بىلەن ئالاقىلاشسام ئۇلار بىر نۇمۇرنى دەپ بەردى شۇلارغا تىلغۇن قىلسام ئۇلار ئەيد نۇمۇرنى سۇراپتى، كۇمپىيۇتىر بىلەن ئۇنداق نۇمۇر بىرلكتە كەلمگەن. يەنە قايتا ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلاشسام ئۇ يەنە باشقا نۇمۇرنى دەپ بەردى. ئۇنىڭغا تىلغۇن ئالسام surface pro 128 بۇ تاختا كۇمپىيۇتىر ئۇزى ئاپتۇماتىك ئاكتىپ بۇلاتتى بۇ قانداق ئىشتۇ. ئۇنداق بۇلسا سەن قانداق مەشغۇلاتلارنى قىلدىڭ دەيدۇ. مەن ئەڭ ئاۋال ئۇزەمىنىڭ ئانا تىلمغا يۇتكەپ ئۇزەمگە قۇلاي ھالەتكە كەلتۇردۇم دىسەم. بىرەر خاتا مەشغۇلات قىلىپ سالغان ئۇخشايسز شۇڭا زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇپ سىناڭ دىگەن ئۇچۇرنى بەردى شۇنىڭ بىلەن زاۋۇت ھالتىگە قايتۇرۇپ ئىچىپ ئاكتىپلىسام يەنە ئۇخشاش، ئاچچىقىمدا قايتا- قايتا سىنسام بىر قىتىم مىڭىپ ئاخىرلىشاي دىگەندە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئىشىپ كەتتى دەپ تۇختاپ قالغانچە پەقەت ئاكتىپلىيالمدىم.
    مۇشۇ مەسلىنى قانداق قىلشىمىنى پەقەت بىلەلمەي سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بۇلدۇم بىر يۇل كۇرسەتكەن بۇلسىڭىز؟
    باشقا مۇشۇنداق مەسىلگە يۇللۇققان دۇسلار بىر يۇل كۇرسەتسەڭلا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى am 11:36
    • مەن surface pro 128中文版نى دۆلىتىمىز بازىرغا كىرگەن كۈنى 微软官方网دىن سىتىۋالغان ھازىرغىچە ھىچ قانداق مەسىلە يوق ،،،،،،ئۇ ئەسلى ئۆزى ئاپتۇماتىك ئاكتىپلىناتنى،،،،،،قەيەردىن سىتىۋالغان ،،،،،،،،،سىتىۋالغان يەرگە ئاپىرىپ بىقىڭ ،،،،،،،،،ئەسلى ئۇنداق بولماسلىقى كىرەك ئىدى،،،،،،،،،،،،ئەمما مەن شۇنداق رازى بولدۇم،،،،،،،شۇنداق مۇقىم ،،،،،ئۇيغۇرچە مەشىخۇلات مۇناھايىتى قۇلايلىق،،،،،،،،،، فىلىم ئىشلەيدىغان Adobe Photoshop CS 5 Premiere Pro CS5 دىگەن دىتاللارنى قاچىلاپ فىلىم ئىشلىسەممۇ سۇرئەت شۇنداق تىز

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 20:37
    • سىز تۇنجى قوزغاتقان چاغدا بەزى تەڭشەيدىغان جايلارنى توغرا تەڭشىمەي قويدىڭىز مۇ يا ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 20:42
    • شۇنى ئالغان يەرگە ئاپىرىڭ،شۇلارنىڭ ئوڭشاش مەجبۇرىيىتى بار،ئامال بار سىز چىقىلماڭ،14 كۈننىڭ ئىچىدە يىڭىسىگە يەڭگۈشلەپ بېرىش ۋەدىسى بار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 18:59
  • ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز . ھازىر ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفونلار تىزلىكتە ئومۇملاشتى ، يانفون يۇمتال بازىرىمۇ تىز سۈرئەتتە زورىيىۋاتىدۇ ، يانفوندا تورغا چىقىش بۇندىن كىيىن تىخىمۇ زور نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ . سىزنىڭ ۋە شىركىتىڭىزنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى ئوي پىلانلىرىڭىزدىن بىزنى ئازراق خەۋەرلەندۈرسىڭىز بولارمۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى am 11:20
    • بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش تاماملىنىش ئالدىدا، 20 گە يېقىن ياراملىق بالىلار تەربىيەلىنىپ چىقتى. بۇلار بىلەن يېڭى ئىشلارنى قىلماقچىمىز، ئەمما قىلمىغان ئىشلارنى دېگىلى بولمايدۇ، دېيىش توغرا كەلسىمۇ سودا مەخپىيەتلىكى بولىدۇ، شۇڭا بۇنداق نەرسىلەرگە جاۋاب بېرەلمەيمەن، كەچۈرۈڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى am 11:55
      • تولا ئۇنى بۇنى كوچىلىماڭلا دېيمە، ئالىم ئەپەندى، ئېزەلدىن قىممىغان ئىشىنى داۋراڭ ساممايدۇ،

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى am 11:56
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم. ھېلىقى مىكروسوفتنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەرگەن باھاسىدىكى«*** ***»نى «***»قىلالايدۇ دىگەن نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى am 07:45
    • سورىماڭ بولدى، دېگۈم بولسا شۇ چاغدىلا دەيتتىم، ھېلىمۇ بەزى ئىشلارنى دەپ قويۇپ، ئۆزەمنى تېخىمۇ ئالدىراش قىلىۋەتتىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى am 10:23
    • ھاشىماخون، ھەقلىڭلا بوغاندىكى *** نىڭ ئورنىغا ئېنى بۇنى قوياپ ئوقۇپ باقساڭلا بوممامدا، ھەممە گەپنى ژىپىدىن ژىڭنىسىغىچە سوغىچە،
      مەسىلەن: ئەدەم قىلغاننى ئەدەم قىلالايدۇ؛
      ئىشەكلەر قىلغاننى قويلارمۇ قىلالايدۇ دېگەندەك ، يوغانلا بوغاندا گەپ چۈشىنىڭلا ماندا، ئاھـــــــــــــــــــــــــاي …..

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى am 11:52
  • ئالىم مۇئەللىم ،ئاللا تىنىڭىزنى سالامەت كىلغاي ،ھارمىغايسىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:33
باھا بېتى: 1 2 3