نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەتىجىسى دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىدىكى 10 چوڭ بۆسۈشنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

Dr. Mitalipov’s stem cell discovery named a Top 10 Medical Breakthrough of 2013

wp-content/uploads/2013/05/67619413_p6800679-human_blastocyst-spl.jpg

ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ يىل 5-ئايدىكى دۇنياۋى زور بايقىشى بولغان «ئىنسان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنى كىلونلاش» ئۈستىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى 2013-يىللىق دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىدىكى 10 چوڭ بۆسۈشنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى!

http://www.ohsu.edu/blogs/researchnews/

بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئامېرىكا دەۋر (Time) ژۇرنىلى 2013-يىلىدىكى 10 چوڭ بۆسۈشنى ئېلان قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئورېگون دۆلەتلىك پىرىماتلار (ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار) تەتقىقات مەركىزىدىكى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ يىل 5-ئايدا قولغا كەلتۈرگەن ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى زور نەتىجىسى بار. دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئىنسان تېرە غول ھۈجەيرىسىدىن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى كىلونلىغان نوپۇزلۇق ئالىم دەپ ئېتراپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ بايقاش پاركىنسون كېسەللىكى، كۆپ خىل قېتىشىش، يۈرەك-مۇسكۇل كېسىلى ۋە يىلىك زەخمىنىلىش قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشتا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.

دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ نەتىجىسى بۇ يەردىمۇ خەۋەر قىلىنغان بولۇپ، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بالدۇرراق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىگە تىلەكداشمىز.
?p=2723
========
http://v.youku.com/v_show/id_XNjA0MjQxNjM2.html

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
18 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلىۋاتقان،ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى،ساغلاملىغى ئۈچۈن بارلىغىنى ئاتاۋاتقان شۇ ئالىملىرىمىزنىڭ تەپەككۇر بۇلاقلىرىنى تېخىمۇ ئېچىپ ھەرجەھەتتىن خاتىرجەم قىلىشىنى سورايمەن ئامىن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 19:21
  • بۇ ئاكىمىزنىڭ نەتىنجىلىرىگە ئاپىرىن. ئاللاھ خالىسا، ئۇيغۇرلاردىن نوبىل مۇكاپاتى ئالىدىغانلارنىڭ چىقىدىغان ۋاقتى ئۇزۇنغا قالمىدى بولغاي!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 18:57
باھا بېتى: 1 2