ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ يەنىمۇ ياخشىلاندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ يەنىمۇ ياخشىلاندى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرۈش قورالى (ھەقسىز) ئېلان قىلىنغان بۇيان تىزىملاتقان ئىشلەتكۈچى 20,000 غا يېقىنلاشتى، كۈندىلىك ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىلەر 1500 ئەتراپىدا بولۇپ، ھەربىر ئىشلەتكۈچى تەخمىنەن 2000 دىن 3000 غىچە سۆز تەكشۈرۈپ، ھازىرغا قەدەر ئومۇمىي تەكشۈرگەن سۆز سانى 1,000,000,000 (1 مىليارد) دىن سەل ئاشتى. شۇنداق قىلىپ ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرۈش قورالى 1 مىليارد سۆزنىڭ توغرا-خاتاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، بۇ جەھەتتە يېڭىلىق ياراتتى.
(نەشرىيات ئۆلچىمى بويىچە 1 مىليارد سۆزنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن 10 مىليوندىن ئارتۇق پۇل خەجلەيدۇ، ئۇيغۇرسوفتنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالالىغاندىن خۇشالمىز)

ئەمما مەن بۇنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن يېقىنقى بىرنەچچە ئايدىن بۇيان چوڭ مەلۇمات تېخنىكىسىدىكى يادرولۇق تېخنىكىلارنى قوللىنىشقا باشلاپ، ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش ئىقتىدارىنى %50 دىن ئاشۇردۇم. ئىملاسى خاتا سۆزنىڭ خاتالىقىغا %99.99 ھۆكۈم قىلالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى.
============
مىسال ئۈچۈن مەن ئىزدىنىش تورىدىن ئەڭ يېڭى ماقالىدىن بىرنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ، ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ باقسام، %77 ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىمەن دەيدۇ يەنى سىز بىر كۇنۇپكىنى چېكىپلا قويسىڭىز، %77 سۆزنىڭ ئىملاسىنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ. 100 سائەتلىك ئىشنىڭ 77 سائەتلىك ئىشىنى ھەش-پەش دېگۈچە تاماملايدۇ دېگەن گەپ.
imla16001
===========
ئىلگىرىكى نەشرىدە 10 توغرا سۆزنى خاتا دەپ توختىۋالسىمۇ، ئەمما بىرمۇ خاتا سۆزنى توغرا دەپ ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك باش ئىدىيە قىلىنغان بولغاچقا، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئەھۋالدا بەزى (تۈرلىنىشى مۇرەككەپ) توغرا سۆزنى خاتا دەيدىغان مەسىلە مەۋجۇت بولۇپ، بۇنى پەقەت ئىملا ئامبىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا بولاتتى. لېكىن ھازىر ماشىنىغا ئۆگىتىش تەجرىبىسىدىن مەلۇم بولدىكى، ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئاپتوماتىك تۈرلەپ، 60 مىليوندىن ئارتۇق ماتېرىيالغا ئېرىشتىم، بۇ قائىدە-قانۇنىيەت بويىچە ئامبارغا قوشۇلمىغان ئىملاسى توغرا سۆزنىمۇ كومپيۇتېرغا ئىملاسى توغرا دەپ ئۆگىتەلىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈندىداردىكى ئىملا ئويۇنى ئارقىلىق ھەركۈنى 5000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ مەلۇم سۆزگە قارىتا ئىملا تەپەككۇرىنى توپلاپ، مەن لايىھەلەۋاتقان ئۇيغۇرچە ئىملانى كومپيۇتېرغا ئۆگىتىدىغان ماتېماتىكىلىق مودېلنىڭ پارامېتىرىلىرىنى تەڭشەپ تۇرۇۋاتىمەن. ھازىر ياخشى نەتىجىلەر چىقىۋاتىدۇ.

17 يىلدىن بۇيان (ئۇيغۇرسوفت قۇرۇلۇپ 1 يىلدىن كېيىنلا) ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش دېتالى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتىمەن. 2010-يىلى يېڭى ئىملا قائىدىسى چىققاندا بۇ مەسىلىنى راۋرۇس ھەل قىلاي دەپ نىيەت قىلغان ئىدىم، ئەمما مىكروسوفت بىلەن ئۇيغۇرسوفتنىڭ ھەمكارلىقى ئورنىتىلىپ، 5-6 يىلدىن بۇيان مىكروسوفت مەھسۇلاتلىرىنى يەرلىكلەشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدۇق، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى بېيجىڭغا بېرىپ چوڭ مەلۇمات تېخنىكىسىدا سىستېمىلىق تەربىيەلەندىم، مانا ھازىر ئىملا تەكشۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا كۆزۈم يېتىۋاتىدۇ، ئەمما ئامباردا يەنە كۆرۈشكە تېگىشلىك نۇرغۇن سۆزلەر بار، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە داۋاملىق چىقىم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇڭا گەپنىڭ پوسكاللىسى ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرۈش قورالى 2.0 دىن باشلاپ يىللىق ھەق ئېلىشنى ئويلاشتىم، تىللىساڭلارمۇ مېنى تىللاڭلار ئۇيغۇرسوفتتا گۇناھ يوق، چۈنكى مەن ھەق ئېلىشنى ئويلاشتۇق دېمىدىم. ئەلۋەتتە بۇنىڭ يەنە ھەقسىز بولىدىغان چاغلىرىمۇ بولىدۇ. ھەقسىز ئىشلىتىدىغانلار ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 11:00 دىن ئەتىسى سەھەر سائەت 7:00 گىچە، شۇنداقلا چۈش 12:00 دىن 1:00 گىچە بارلىق ئىقتىدارلىرىدىن ھەقسىز پايدىلىنالايدۇ، ھەق تاپشۇرغانلار ھەرقانداق ۋاقىتتا، خالىغان كومپيۇتېردا ھەق تاپشۇرغان ئىشلەتكۈچى نامى بىلەن چەكلىمىسىز پايدىلىنالايدۇ.

ئادەتتە نەشرىياتتا 16 فورماتلىق بىر بەت مەزمۇن (تەخمىنەن 300 سۆز)نىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ بەرسە 8 يۈەن ھەق ئالىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرۈش دېتالى ئۈچۈن ئىنتايىن تۆۋەن باھادا ھەق ئېلىشنى ئويلاشتۇق، قېنى تەكلىپ-پىكىر بولسا بېرەرسىلەر؟

(1) يىللىق ھەق تاپشۇرۇش: ھازىرچە تەخمىنەن يىللىق ھەققى 100-200 يۈەن ئارىلىقىدا قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز.
(2) مىقدارى بويىچە ھەق تاپشۇرۇش: ئاۋۋال پۇل قاچىلايدۇ، 1000 سۆزنىڭ تەكشۈرۈش ھەققى 1-2 يۈەن قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز. بىر يىلدا 100 بەتتىن ئاز مەزمۇننى تەكشۈرمەكچى بولسىڭىز، بۇنى تاللىسىڭىز مۇۋاپىق.

قېنى تەكلىپ-پىكىر بولسا بېرەرسىلەر؟ باھا مۇۋاپىقمۇ؟

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
34 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • قانداق سېتىۋالىمىز، ماڭا جىددى لازىم ئىدى. سېتېۋېلىش ئۇسۇلىنى قالدۇرساڭلار بوپتىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 19:40
  • بۇ ئىملا تەكشۈرگۈچنى كۈرۈپ بېقىڭ.
    http://kitab.uginix.net

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 14:07
    • كۆردۈم، ياخشىكەن، ئەمما ئىملا ئامبىرى كونا ئامبار ئىكەن، مەسىلەن، پروگرامما دېيىلسە ھازىر خاتا بولىدۇ، يېڭى ئىملادا پىروگرامما دەيدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 23:03
  • توغرىلېيالايمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى am 09:59
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئەزىز تېنىڭىزنىڭ تېخمۇ سالامەت ، ئائىلىڭىزنىڭ مەڭگۈ بەختلىك بۇلىشىغا تىلەكداشمەن .
    مەن ئۇيغۇر سوفىت يۇمتاللىرىنىڭ ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىلىرى ، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمىتمىزدە سىز ياسىغان يۇمتاللاردىن ئايرىلىپ باقمىدۇق . سىزگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن . مەقسەتكە كەلسەم ، ئىملا تەكشۈرۈش قورالىنىڭ تاق كومپىيوتىرنۇسخىسى يەنى ئىنتىرنېتقا ئۇلانمىسىمۇ نورمال ئىشلەيدىغان نۇسخىسى بارمىدۇ ؟ چۈنكى خىزمەتنىڭ مەخپىيەتلىكى سەۋەبىدىن بىزنىڭ كومپىيوتىرلىرىمىزنى ئىنتىرنېتقا چېتىپ مەشخۇلات قىلغىلى بولمايتى ، بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:21
  • ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچنى قانداق ئۇسۇلسا سېتىۋالىمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى am 11:05
  • ھەقلىق بولسىمۇ ئىشلىتىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى am 09:56
  • 1. مەن 1- خىل ئۇسۇلنى قوللايمەن.
    2. مەن ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى سېتىۋالغان، ھازىرچە ئىشلىتىۋاتقان كوميۇتېرىم مۇقىم بولماي، ئىشلەتمەي تۇرىۋاتىمەن، ئەگەر كوميۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلەتسەم، سۆزلۈك ئامبىرى يېڭىلىنامدۇ؟ يېڭىلانسا قانداق ئۇسۇلدا يېڭىلايمىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى am 11:55
  • ياخشىمۇسىز مۇئەللىم،سىزدىن سورايدىغان يەنە بىر مەسىلە بارئىدى،ۋورد تا ياكى باشقا يېزىق بىر تەرەپ قىلدىغان دىتاللاردا جۈملە ئۇرۇن بولۇپ قالسا قائىدە بويىچە ئاشۇ قۇردىكى پاتمىغان سۆزنى بوغۇملارغا پارچىلاپ يازىدۇ.ئاشۇ يېزىش جەريانىدا مەسلەن پاتمىغان سۆز ئەخمەت بولسا بۇ سۇزنى قاندا قىلىپ كىتابلاردىكىدەك يازغىلى بولىدۇ؟
    ئەخ-
    -مەت
    مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم خ ياكى م ھەرىپىنىڭ ئۇلىنىپ كېلىدىغان شەكلىنى قانداق ئايرىم يازغىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندىكىدىك،شەكىلنى كۆرسۈتۈش ئۈچۈن ئارتۇق ھەرىپ قوشۇپ قويدۇم.
    خى
    مى

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 15:53
    • ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچىنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، كېڭەيتىلگەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى تاللاپ، SHIFT+_ نى باسسىڭىزلا، مـــــــــــــــــــــــــــــــــــۇشۇنداق سوزۇپ ياكى ئەخـ + ـمەت دەپ پارچىلاپ يازلايدىغان بولىسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:24
  • ياخشىمۇسىز،سىزدىن شۇنى سوراپ باقسام،ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرۈش قورالىنىڭ ئىملا تەكشۈرۈش پىرىنسىپى قانداق؟پۈتۈنلەي لوغەتنى ئاساس قىلامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 17:40
    • ياق، ئۇنداق ئاسان ئىش يوق، 10 يىل ئىلگىرى لۇغەتنى ئاساس قىلاتتى، كېيىن قائىدە قوشۇلدى، ھازىر چوڭ مەلۇمات تېخنىكىسى ۋە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش قوشۇلدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 23:26
باھا بېتى: 1 2