«ئۇيغۇرسوفت شوپۇرلۇق مەكتەپ» باشقۇرۇش دېتالى ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

«ئۇيغۇرسوفت شوپۇرلۇق مەكتەپ» باشقۇرۇش دېتالى ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

«ئۇيغۇرسوفت شوپۇرلۇق مەكتەپ باشقۇرۇش» يۇمشاق دېتالى شوپۇرلۇق پىراۋاسى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تىزىملاش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋىلى بېسىش، سىنىپلارغا ئايرىش،…قاتارلىق بىرنەچچە زۆرۈر ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان بولۇپ، ئاتۇش شەھەرلىك «*** شوپۇرلۇق تەربىيەلەش مەكتىپى»نىڭ خىزمەت ئېھتىياجى بويىچە ئىشلەندى. بۇ سىستېما 10-ئاينىڭ بېشىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر نورمال ئىشلەپ، پۈتۈنلەي سىناقتىن ئۆتتى. بۇ دېتالغا ئېھتىياجلىق باشقا ئورۇنلارنىڭ بۇ دېتالنىڭ كۆرۈپ بېقىشى ئۈچۈن بىر قىسىم ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنى يوللىدىم. بەزى ئۇچۇرلار كۇرسانتلارنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلىدىغان بولغاچقا، قىزىل رەڭدە بويالدى.
بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئاساسلىق خىزمەت پىرىنسىپى

(1) ئاساسىي كۆرۈنۈشى: تىزىملاش، سىنىپقا ئايرىش، ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈش، بېسىش، ئىزدەش، چىقىم،…

(2) ئىشلەتكۈچىنىڭ ھوقۇقىنى بېكىتىش

(3) چىقىم تۈرىنى خاتىرىلەش

(4) كۇرسانتلارنى تىزىملاش: ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىك ئوقۇغۇچ سەپلەنگەن بولۇپ، كۇرسانتلارنىڭ نوپۇستىكى بارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك كىرگۈزۈپ بېرىدۇ، كېيىن كېنىشكە چىققاندا ئىسم-فامىلىسى، كىملىك نومۇرى، تۇرۇشلۇق ئورنىدا خاتالىق يۈز بېرىدىغان ئىش مەۋجۇت بولمايدۇ.

(5) سىنىپلارغا ئايرىش: كۇرسانتلارنى ھەرقايسى ئوقۇش يىلىدىكى سىنىپلارغا تەقسىملەيدۇ، ئادەتتە ھەر بىر سىنىپتا 80 ئوقۇغۇچى بولىدىكەن، كېنىشكە نومۇرىنى ئاپتوماتىك تەقسىملەيدۇ.

(6) كۇرسانتلارنىڭ تەربىيەلىنىش خاتىرىسى: كۇرسانتلارنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلاردىكى تەربىيەلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشقا بولىدۇ.

(7) بېسىش كۆزنىكى: كۇرسانتلارنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن، ج خ ج ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرى ئارخىپىنى دۆلەت ئۆلچىمىدە بېسىپ بېرىدۇ.

(8) ئىستاتىستىكا كۆزنىكى: خالىغان ۋاقىتتا شوپۇرلۇق مەكتەپنىڭ كىرىم-چىقىم ئەھۋالىنى تەپسىلىي ھېسابلاپ بېرىدۇ.

(9) بېسىش كۆزنىكى: كۇرسانتلار تىزىملاپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، رەسمىي پۇل تاپشۇرۇپ ئوقۇشقا كىرىدۇ. رەسىمدە پۇل تاپشۇرۇش تالۇنى بېسىپ چىقىرىش ھالىتى.

(10) بېسىش كۆزنىكى: كۇرسانتلارنى سىنىپ بويىچە بېسىپ، ئارخىپ ساقلاش كۆزنىكى.

بۇ يۇمشاق دېتال «3-قارارلىق ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى»نى تاماملاپ، بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئەمگەك مېۋىسى بولۇپ، جەمئىي 2 ھەپتىدە تاماملىدى.

يەنە بىر گۇرۇپپا خادىملار پۈتۈن شىنجاڭغا ماس كېلىدىغان، بۇلۇت تېخنىكىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان، بىخەتەرلىكى ئىنتايىن پۇختا بولغان «ھاۋالىلىك مال توشۇش» يۇمشاق دېتالىنىمۇ تاماملاپ، جىددىي سىناق قىلىۋاتىدۇ، پات يېقىندا «شوپۇرلۇق مەكتەپ» يۇمشاق دېتالىدەك رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ. ئېھتىياجلىق ئورۇنلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئىزاھات: يۇقىرىدىكى ئېكران كۆرۈنۈشلىرى خەنزۇچە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن ھالەتتىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرسوفتنىڭ كەسپىي يۇمشاق دېتاللىرى ئادەتتە 2010-يىلىدىن باشلاپ «رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ماقالە سىستېمىسى»نى ئىشلىگەندىن بويان تىل بولىقى شەكىلدە ئىشلىنىپ كەلمەكتە. ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنى ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، ھەتتا زاكاز قىلسىڭىز رۇسچە، قازاقچە،…شەكىلدە ئىشلەپ بېرىمىز.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
31 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ئالىم مۇئەللىم بۇ دېتالنىڭ باھاسى قەنچە پۇل بولۇپ كەتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:01
  • بىزگە شۇپۇرلۇق مەكتەپ باشقۇرۇش سىستىمىس لازىم ئىدى ، بولسا ئالاقىلاشساق ، مەنمۇ تەلەپلىرىمنى ئوتتۇراغا قويسام ،
    ئالاقە چ چ : 965327276

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 13:49
  • مەنمۇ vb.net 2010 دا بىر قانچە كىچىك دېتاللارنى يېزىپ باققان، بىراق باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىدا ئىجرا قىلالمىدىم. net سۇپىسىنى قاچىلىساممۇ بولمىدى. مۇشۇنداق مەسىلىلەرگە جىق يولۇقتۇم. ئاخىرى net 4.0 دە يېزىپ شۇنى قاچىلاپ ئىشلىەتكەندە نورمال بولدى. بېراق يازغان دېتال كىچىك كەينىدىن قاچىلايدىغان نەرسە بەك ئاينىپ كەتسە بىرخىل ياخشى بولمىغاندەك ھىس قىلدىم. خۇددى «ئېشىكى 3 تەڭگە توقىمى 5 تەڭگە» دېگەندەك، قانداق قىلسام باشقىلارنىڭ كومپىيۇتېرىدىمۇ ئىجرا بولىدىغان قىلالارمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 22:44
  • كۆپچىلىك 8.1نىڭ تىل بولىقى ئېلان قىلىنىپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 16:56
  • windows8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بۈگۈن ئېلان قىلىنىپتۇ، مەن چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرچە قىلىۋالدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 15:18
  • ناھايىتى ئېسىل ئىش بوپتۇ بۇ.
    مەن تېخى شوپۇرلۇق سىستېمىسنى تۈزگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ئەسلى شوپۇرلۇق مەكتەپلەرنىڭ دېتالىكەندە

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 14:22
  • خوشخەۋەر ….8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئىلان قىلىنىپتۇ. سىستىمىنى يىڭلىسڭىزلا تىل بولىقىنى ئىشلىتەلەيدىكەنسىز. دەرھال يىڭلىۋىلىڭ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 14:05
باھا بېتى: 1 2