ئۇيغۇرسوفتنىڭ ھېيتلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى[ۋاقىتلىق تېما]
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرسوفت شىركىتى 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە دەم ئالىدۇ. 9-ئاينىڭ 29-كۈنى (سەيشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىدۇ.
بايرام مەزگىلىدە ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار دۇكىنى ۋە تور دۇكىنى نورمال تىجارەت قىلىدۇ، يۇمشاق دېتال سېتىۋالماقچى بولغان خېرىدارلارنىڭ ئۈندىداردىكى «ئۇيغۇرسوفت دۇكىنى» ياكى ئۇيغۇرسوفت تور بېكىتىدىكى «ئۇيغۇرسوفت دۇكىنى»دىن سېتىۋېلىشىڭلارنى، شۇنداقلا يۇمشاق دېتال تىزىملاتماقچى بولغان خېرىدارلارنىڭ ئۇيغۇرسوفت تىزىملاش بېكىتىدىن تىزىملىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
ئۇيغۇرسوفت شىركىتى
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 1,875 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 09-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 16:53
- ئالدىنقى يازما :Is reducing the ingesting grow older a wise idea?
- كېيىنكى يازما :4Learning English Learning resource
تېخىمۇ كۆپ
7 پارچە باھا يېزىلدى
باھا مەزمۇنى يوق.
ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولغاي !
ئالىم مۇئەللىم مەن Office 2013يىڭى چىققاندا سىتىۋالغان ئىدىم،،،،ئەمدى Office 2016چىقىپتۇ،،،،،،،،،Office 2013نى Office 2016غا كۆتىردىغان مۇلازىمىتى بامىدۇ ؟ كۆتەگەندە باھا جەھەتتە ئىتىبار قىلدىغان مۇلازىمىتى بامىدۇ؟ مەن سىز تەرجىمە قىلغان Office 2016نى ئىشلىتىپ باقاي دىگەن ،،،،،،،،ھەم Office 2016دا ئانا تىلىمىزغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ ئىقتىدارلار بار ئىكەن
خەۋەر تاپتۇق.
بايرام مەزگىلىدە ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنى نورمال خىزمەت قىلىدىكەن، ئۇنداقتا بايرام مەزگىلىدە ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنىدىن مەھسۇلات سىتىۋالاي دەپ تور دۇكىنىغا كىرسەم ئاران بىرلا مەھسۇلات بار ئىكەن. بۇنى مەن ئاللىقاچان سىتىۋىلپ بولغان ئىدىم. پات-پات كىرىپ باقىمەن بۇ ئۇيغۇرسوفت تور دۇكىنىغا. ھەرقېتىم كىرسەم مۇشۇ ئەلكاتىپ 5.9 شەخسلەر ھەقلىق نۇسخىسىدىن ئىبارەت بىرلا مەھسۇلاتنى كۆرۈپ سالپىيىپ چىقىپ كېتىمەن. بۇ تور دۇكان قۇرۇلغىلىمۇ خىلى ۋاقىت بولۇپ قالدى. نېمىشقا ھازىرغىچە ئۇيغۇرسوفت بارلىق مەھسۇلاتىنى مۇشۇ تور دۇكىنىغا قويمايسىلەر؟ دۇكان بولغاندىكىن مەھسۇلات دېگەن دۇكاننىڭ جاھازىلىرىدا لىق توشۇپ تۇرمامدۇ دەيمەن.
تور دۇكىنىدا بىرلا كىرگۇزگۇچتىن باشقا نەرسىنى چىقارماپسىلەرغۇ باشقا مەھسۇلاتلارنى قانداق سىتىۋالمىز.
ئۇيغۇرسوفت دۇكىنى ئادىرسىنى قالدۇرسىڭىز بۇپتىكەن
نىمدا بەلەن