ئۇيغۇرسوفت ماقالە سىستېمىسى 2.0 (ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى ئۈچۈن) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت ماقالە سىستېمىسى 2.0 (ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى ئۈچۈن)

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلارنىڭ تەلىپى بويىچە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئاپتورلار ئامبىرى قۇرۇش ۋە ئەۋەتكەن ئەسەرلەرنى تىزىملاش؛ تىزىملانغان ئەسەرلەرنى مۇھەررىرلەرگە تەقسىملەش؛ مۇھەررىرلەرنىڭ ئەسەر تاللاش؛ تاللانغان ئەسەرلەرنى مۇھەررىر ، مۇئاۋىن مۇھەررىر ۋە باش مۇھەررىرلەر تەھرىرلەش؛ ئىملا تەكشۈرۈش ۋە ئاخىرقى بېكىتىپ، ئەسەرلەر ئامبىرى قۇرۇش؛ ئەسەرلەر ئامبىرىدىن شۇ سانلىق ژۇرنالغا ئەسەرلەرنى تاللاپ ئورۇنلاشتۇرۇش؛…قاتارلىق ئەمەلىي ئىشلىتىدىغان ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەربىر ئاپتور، مۇھەررىر ، مۇئاۋىن مۇھەررىر ،…قاتارلىقلارنىڭ خىزمەت مىقدارى ۋە ئىش ئۈنۈمىنى ئىنچىكە ھېسابلاپ چىقالايدۇ. تەھرىرلەش ئىقتىدارىدا يەنە ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىنىڭ ئەڭ يېڭى سۆزلۈك ئامبىرى ۋە تېخنىكىلىرى قوللىنىلغان.

تۆۋەندە بىر قىسىم ئېكران كۆرۈنۈشلىرى بېرىلدى.
(1) تىزىملاش باسقۇچىدا ئاپتورنى تىزىملايمىز.
01

(2) تىزىملاش باسقۇچىدا يەنە ئاپتور ئەۋەتكەن ئەسەرلەرنىمۇ تىزىملايمىز.
02

(3) ئەسەر تەقسىملەشتە ئالدى بىلەن مۇھەررىرلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تىزىملانغان يېڭى ئەسەرلەرنى تاللىۋالىدۇ.
03

(4) تاللانماي قالغان ئەسەرلەرنى ياكى بەزى نۇقتىلىق ئەسەرلەرنى ژۇرنال باش مۇھەررى باشقا مۇھەررىرلەرگە مەجبۇرىي تەقسىملەپ بېرىدۇ.
04

(5) ھەرقايسى مۇھەررىرلەر ئۆز خىزمەت رايونىدا ئۆزىگە تەقسىملەنگەن ئەسەرلەرگە پىكىر يېزىپ بولۇپ، تاللايمەن، تاللىمايمەن، تۇرۇپ تۇرسۇن،…دېگەندەك ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدۇ.
05

(6) تەھرىرلەش باسقۇچىدا تاللانغان ئەسەرلەرنى تەھرىرلەپ پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ، ئۆزگەرتكەن ھەربىر ھەرپ-بەلگە، سۆز، جۈملىلەر خاتىرلىنىپ تۇرىدۇ، خىزمەت مىقدارىنى ھېسابلاشتا ياكى ئەسەرلەر بۇزۇپ قويسا ياندۇرۇۋېلىشقا زور پايدىسى بار.
06

(7) ئورۇنلاشتۇرۇش باسقۇچىدا بۇ قېتىم ئىشلىمەكچى بولغان ژۇرنالدىن يېڭىدىن قۇرۇپ، ساننى بېكىتىمىز. مەسىلەن: تەڭرىتاغ 2014-يىللىق 4-سان.
07

(8) بۇ يېڭى سان ژۇرنالغا قايسى سەھىپىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى تاللاپ ئورۇنلاشتۇرىمىز، سەھىپىلەرنى خالىغانچە قوشۇشقا، ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
08

(9) بېكىتىلگەن سەھىپىگە ئەسەرلەرنى تاللاپ بېرىمىز، رەت تەرتىپىنى تەڭشەيمىز.
09

(10) باش مۇھەرىر ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىپ، بۇ سان ژۇرنالنىڭ تامام بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ.
10

(11) تەكشۈرۈش باسقۇچىدا مەلۇم بىر ئاپتورنىڭ ياكى مەلۇم بىر مۇھەررنىڭ قىلغان خىزمەت مىقدارىنى تەكشۈرۈپ تۇرالايدۇ. ھازىر باش مۇھەرىرنىڭ خىزمەت مىقدارىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
11

(12) تەكشۈرۈش باسقۇچىدا مەلۇم بىر ئاپتورنىڭ ياكى مەلۇم بىر مۇھەررنىڭ قىلغان خىزمەت مىقدارىنى تەكشۈرۈپ تۇرالايدۇ. ھازىر ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
12

(13) تەكشۈرۈش باسقۇچىدا يەنە مەلۇم بىر ئەسەرنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.
13

(14) تەڭشەك باسقۇچىدا ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
14

(15) تەڭشەك باسقۇچىدا ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
15

(16) تەڭشەك باسقۇچىدا يەنە ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
16

(17) تەڭشەك باسقۇچىدا يەنە ژۇرنال ۋە سەھىپە قۇرۇشقا، ئۆزگەرتىشكە ۋە تەھرىرلەشكە بولىدۇ.
17

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
76 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • چۈشەندىم. شۇ ساھەدە قانداق دېتاللار بارلىقىنى، سىزلەر ئىشلەتكەن قايسى دېتال ئىكەنلىكى ۋە ئۇ دېتالنىڭ ئىش پرىنسىپىنى ئازراق سۆزلەپ بېرەرلەرسىزمۇ؟خالىسىڭىز ھەم ۋاقتىڭىز يەتسە. رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى am 02:31
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم!
    مەن بىر تەرجىمان، ئاساسلىقى تېلىۋېزىيە ئىستانىسىلىرىنىڭ كىنو-فىلىملىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىمەن. تەرجىمە شەكلى كىنونى بىر ياقتىن قويۇپ بىر ياقتىن ۋوردتا بىر جۈملە بىر جۈملىدىن يېزىپ چىقىمىز.بىر سائەتلىك فىلىمنىڭ تەرجىمىسى تەخمىنەن ئالتە سائەتتە پۈتىدۇ. مېنىڭ ئاددىي ھېسابلىشىمدا بۇ ئالتە سائەتنىڭ ئىچىدە ئىككى سائەت كاللىدا تەرجىمە قىلىشقا،قالغان تۆت سائەت ۋوردقا يېزىشقا كېتىدۇ.بۇ ناھايىتى زور ۋاقىت ئىسراپچىلىقى. تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم،ئاۋاز پەرقلەندۈرۈپ يېزىققا ئايلاندۇرىدىغان بىرەر دېتال بولسا،تەرجىمىنى ئوقۇپلا بەرسەك،ئاۋازنى يېزىققا ئايلاندۇرۇپ بەرسە دەپ. بەلكىم بۇ تېخنىكا چەتئەللەردە باردۇ، خەنزۇچىدىمۇ ئالدىن تەييارلىۋالغان سۆزلۈك ئامبىرىنى يېزىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان ئىشلارنى ئۇچراتتىم،گەرچە ئىقتىدارى چەكلىك بولسىمۇ. ئەگەر مۇشۇنداق تېخنىكىنى ئانا تىلىمىزدا ئىشلىتىمىز دېسەك دېتال ئېچىشقا قانچىلىك كۈچ سەرپ بولار؟ قانچىلىك ۋاقىت كېتەر؟ مەن IT ساھەسىدىن بىخەۋەر،سوئالىم سەۋىيىسىز چىقىپ قالغان بولسا ئەيىبكە بۇيرۇمىغايسىز.جاۋابىڭىزغا تەشنامەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 17:51
    • ئويلىغانلىرىڭىز خاتا ئەمەس، ئەمما ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەرقانداق كەيپىياتتىكى ئاۋازىنى تونۇپ، يېزىققا توغرا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان ئىش رىئاللىقتىن خېلە يىراقتا. بۇنداق سىستېمىلارنى ئېچىش ئۈچۈن نەچچە مىليون مەبلەغ كېتىدۇ، ئەمما بۇنى قايتۇرۇپ كېلىش بەك تەس. شۇڭا ھازىرقى ئەھۋالدا شەخسىي كارخانىلار چىقىش قىلىپ بولالمايدۇ. دۆلەت مەبلەغ ئاجراتسا، بۇ باشقىچە گەپ.
      تەرجىمە ئىشلىرى ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىدىغان دېتاللار بار، مېنىڭچە مۇشۇ ئەڭ ياخشى تاللاش. Microsoft نىڭ Windows نى تەرجىمە قىلىشتىمۇ ئاۋاز بىلەن ئەمەس، بەلكىم مۇشۇنداق دېتال بىلەن تەرجىمە قىلدۇق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى am 09:53
  • ناھايىتى ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز . بولسا شەخسلەر نۇسقىسىمۇ بولغان بولسا ، ماڭا ئوخشايدىغان ماقالا يېزىش ئارزۇسى بارلارغا قولايلىق بولار ئىكەندۇق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى am 09:50
  • مەن كەسىپ ئەھلى ئەمەس بۇ دىتالغا باھا بىرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن . كۆرىنىشى بەك بەك نوچى چىقىپ تۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 15:22
  • ئالىمكام بىزنى ئوبدان قوللاۋاتىدۇ، مەن كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى نامىدىن ۋە شەخسىي نامىمدىن ئالىمكامغا، شىركىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇرسوفت شىركىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
    بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى 18:30 ئەتراپىدا تور بېكىتىمىزنىڭ مۇلازىمىتېرىدىن ئېغىر كاشىلا كۆرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن مۇلازىمىتېرنى بىر نەچچە كۈن جىددىي ئوڭشاشقا توغرا كەلدى.
    بۇ قېتىمقى دەرسنى باشلاش ۋاقتى قىستاپ قالغاچقا، بىر دانە ئەسكەرتىش بېتى چىقىرىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇللاشنى داۋاملىق قىلىۋاتىمىز.
    ئاللاھ خالىسا، مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە دەرس باشلىنىدۇ. تېما تەپسىلاتى بۇ يەردە: http://bbs.xjcfan.com/thread-3920-1-1.html
    ئالىمكامنىڭ بىلوگىغا كىرىپ تۇرىدىغانلار خەۋەردار بولسۇن ئۈچۈن، بۇ يەرگە ئىنكاس شەكلىدە قىستۇرۇپ قويدۇم. ئەيىپكە بۇيرۇمىغايسىلەر!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 22:13
  • ناھايتى ياخشى ئويلاپسىز مۇئەللىم ، خۇدايىم ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت بەرسۇن . مىنىڭچە تېخى ئارىمىزدا سىزنىڭ قولىڭىزدا تەلىم ئېلىش نىسىپ بولماي ئارماندا كەتكەنلەرمۇ بولىشى مومكىن بۇ توردا تەربىيلىشىڭىز ئەمەلگە ئېشىپقالسا خۇدايىم بۇيرىسا نۇرغۇن كىشىلىرىمىز نەپ ئالغۇسى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 18:33
باھا بېتى: 1 2 3