ئۇيغۇرسوفت ماقالە سىستېمىسى 2.0 (ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى ئۈچۈن)
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلارنىڭ تەلىپى بويىچە لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئاپتورلار ئامبىرى قۇرۇش ۋە ئەۋەتكەن ئەسەرلەرنى تىزىملاش؛ تىزىملانغان ئەسەرلەرنى مۇھەررىرلەرگە تەقسىملەش؛ مۇھەررىرلەرنىڭ ئەسەر تاللاش؛ تاللانغان ئەسەرلەرنى مۇھەررىر ، مۇئاۋىن مۇھەررىر ۋە باش مۇھەررىرلەر تەھرىرلەش؛ ئىملا تەكشۈرۈش ۋە ئاخىرقى بېكىتىپ، ئەسەرلەر ئامبىرى قۇرۇش؛ ئەسەرلەر ئامبىرىدىن شۇ سانلىق ژۇرنالغا ئەسەرلەرنى تاللاپ ئورۇنلاشتۇرۇش؛…قاتارلىق ئەمەلىي ئىشلىتىدىغان ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ھەربىر ئاپتور، مۇھەررىر ، مۇئاۋىن مۇھەررىر ،…قاتارلىقلارنىڭ خىزمەت مىقدارى ۋە ئىش ئۈنۈمىنى ئىنچىكە ھېسابلاپ چىقالايدۇ. تەھرىرلەش ئىقتىدارىدا يەنە ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالىنىڭ ئەڭ يېڭى سۆزلۈك ئامبىرى ۋە تېخنىكىلىرى قوللىنىلغان.
تۆۋەندە بىر قىسىم ئېكران كۆرۈنۈشلىرى بېرىلدى.
(1) تىزىملاش باسقۇچىدا ئاپتورنى تىزىملايمىز.
(2) تىزىملاش باسقۇچىدا يەنە ئاپتور ئەۋەتكەن ئەسەرلەرنىمۇ تىزىملايمىز.
(3) ئەسەر تەقسىملەشتە ئالدى بىلەن مۇھەررىرلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تىزىملانغان يېڭى ئەسەرلەرنى تاللىۋالىدۇ.
(4) تاللانماي قالغان ئەسەرلەرنى ياكى بەزى نۇقتىلىق ئەسەرلەرنى ژۇرنال باش مۇھەررى باشقا مۇھەررىرلەرگە مەجبۇرىي تەقسىملەپ بېرىدۇ.
(5) ھەرقايسى مۇھەررىرلەر ئۆز خىزمەت رايونىدا ئۆزىگە تەقسىملەنگەن ئەسەرلەرگە پىكىر يېزىپ بولۇپ، تاللايمەن، تاللىمايمەن، تۇرۇپ تۇرسۇن،…دېگەندەك ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدۇ.
(6) تەھرىرلەش باسقۇچىدا تاللانغان ئەسەرلەرنى تەھرىرلەپ پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ، ئۆزگەرتكەن ھەربىر ھەرپ-بەلگە، سۆز، جۈملىلەر خاتىرلىنىپ تۇرىدۇ، خىزمەت مىقدارىنى ھېسابلاشتا ياكى ئەسەرلەر بۇزۇپ قويسا ياندۇرۇۋېلىشقا زور پايدىسى بار.
(7) ئورۇنلاشتۇرۇش باسقۇچىدا بۇ قېتىم ئىشلىمەكچى بولغان ژۇرنالدىن يېڭىدىن قۇرۇپ، ساننى بېكىتىمىز. مەسىلەن: تەڭرىتاغ 2014-يىللىق 4-سان.
(8) بۇ يېڭى سان ژۇرنالغا قايسى سەھىپىلەرنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى تاللاپ ئورۇنلاشتۇرىمىز، سەھىپىلەرنى خالىغانچە قوشۇشقا، ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
(9) بېكىتىلگەن سەھىپىگە ئەسەرلەرنى تاللاپ بېرىمىز، رەت تەرتىپىنى تەڭشەيمىز.
(10) باش مۇھەرىر ئەڭ ئاخىرقى قارارنى چىقىرىپ، بۇ سان ژۇرنالنىڭ تامام بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرىدۇ.
(11) تەكشۈرۈش باسقۇچىدا مەلۇم بىر ئاپتورنىڭ ياكى مەلۇم بىر مۇھەررنىڭ قىلغان خىزمەت مىقدارىنى تەكشۈرۈپ تۇرالايدۇ. ھازىر باش مۇھەرىرنىڭ خىزمەت مىقدارىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
(12) تەكشۈرۈش باسقۇچىدا مەلۇم بىر ئاپتورنىڭ ياكى مەلۇم بىر مۇھەررنىڭ قىلغان خىزمەت مىقدارىنى تەكشۈرۈپ تۇرالايدۇ. ھازىر ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
(13) تەكشۈرۈش باسقۇچىدا يەنە مەلۇم بىر ئەسەرنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.
(14) تەڭشەك باسقۇچىدا ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
(15) تەڭشەك باسقۇچىدا ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
(16) تەڭشەك باسقۇچىدا يەنە ھەرقايسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
(17) تەڭشەك باسقۇچىدا يەنە ژۇرنال ۋە سەھىپە قۇرۇشقا، ئۆزگەرتىشكە ۋە تەھرىرلەشكە بولىدۇ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 9,235 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 04-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 14:25
- ئالدىنقى يازما :Windows Phone 8.1 ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :4-قارارلىق توردا تەربىيەلەش ھەققىدە ئويلىغانلىرىم(بۈگۈن سىناق دەرس باشلىنىدۇ)
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،مەنمۇ ئۆتكەن يىلقى كۇرۇسقا قاتنىشالماي بەك ئارماندا قالغان ئىدىم. سىزنىڭ توردا تەربىيلەش سىنپى ئاچدىغان بولغىنىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ.مەنمۇ قاتنىشىمەن.يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا ئاچقىلى بولا؟
ئەتە-ئۆگۈن ئېلان چىقىرىمەن، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاش پىلانىم بار (7-ئاي رامىزان ئىكەن)
بۇ قىتىمقى توردا تەربىيلەشكە دىلشاد مۇئەللىم ئالدىنقى قىتىم كەلگەندە شىنجاڭ ئۇنىۋىرىسىتىتىدىكى بۇلۇت تېخنىكىسى ۋە مىدىيا تارقىتىش توغرىسىدىكى نۇتۇقىدا سۆزلىگەن تېخنىكىلارنى قوللىنىشىڭىز مومكىنمۇ نىمە؟ توردا تەربىيلەشتە ئاساسلىقى فىلىم شەكىللىك دەرىسلىك ئاساس قىلىنغان بولغاندىكىن .
ھە بەك ياخشى بولدى. مەن ساقلاي ئەمسە،يېقىندا ئۈرۈمچىگە چىقىپ ئوقۇش نىيتىگە كەپ بولغان ئىدىم بۈگۈن بۇ تېمىنى كۆرۈپ شۇنداق خۇشال بولدۇم.
ۋاختى قانچىلىك بولار مۇئەللىم بۇ توردا تەربىيلەشنىڭ؟
سىزنى بۈگۈن چىقرار ،ھازىر چىقىرار دەپ نەچچە كۈندە نەچچە قېتىم قاراپ باقىمەن بىلوگىڭىزغا .
ئۆزىمىز خالىغان ۋاقىتتا تەكرار ياكى ياندۇرۇپ ئاڭلىغىلى بولامدۇ؟
500 بالا تەربىيلەنسەك، 1000 سۇمدىن ئالسىڭىز 500000 سۇم بولغۇدەك…
ھامان تەربىيلىگەندىكىن 1000 نى تەربىيلىسەك قانداق؟ (چاقچاق جۇما)
مەنمۇ ئالدىنقى يىلى كۇرۇسقا بارالمىغانلىقىمدىن ناھايتى ئەپسۇسۇلانغان ئىدىم.
مانا ئەمدى ياخشى بوپتۇ. چۈشەنمىگەن مەسىلىلىرىمىزنى توردىلا تۇرۇپ سورىساق …. بەك ياخشى بولدى.
ھە راس ئالىم مۇئەللىم مەن ھەر يىلى ئۈزلۈكسىز تەربىيلەشكە توردىن قاتنىشمەن.كادىرلار ئىدارسى ماڭا بىر دانە كارتىنى بېرىدۇ،بۇنىڭدا ،تىزىملاش نۇمۇرى ۋە مەخپى نۇمۇر مۇشنىڭغا ئاساسەن،بېكىتكەن تور بەتكە كىرىپ شۇ تىزىملاش نۇرى ۋە مەخپى نۇمۇرغا ئاساسەن،غالىغان ۋاقىتتا ئۆگىنش قىلالايمىز.ۋە سىناق ئىمتىھان بېرەلەيمىز.ئەڭ ئاخىردا رەسمى ئىمتىھانغا قاتنىشمىز. رەسمى ئىمتىھاندا ئۆتسەك سىز بۇ پەندىن رەسمى ئۆتتىڭىز تىزدىن كادىرلار ئىدارسىگە بىرىپ كىنىشكىڭىزنى ئېلۋالىڭ دەپ ئۈچۈر چىقىدۇ.سىزمۇ شۇنداق قىلىسڭز بولامدىكىن دەيمەن.
دەل شۇنداق قىلماقچى بولۇۋاتىمەن.
بارىكاللا ئالىم ئەھەت مۇئەللىم،بۇ بەك ياخشى بۇپتۇ بولسا توردا ئاچىدىغان ئىشنى قىلسىڭىز مەن ئالدى بىلەن تىزىملىتىمەن.
ھازىر نورغۇن ئورۇنلار توردىن ئۆگىنىش دىتاللىرنى بازارغا سالدى سىزمۇ شۇنداق قىلسىڭىز تىزىملاش نۇمۇرنى ۋە مەخپى نۇمۇرنى دەپ بەرسىڭىز بىز شۇنىڭغا ئاساسەن توردىن ئۆگەنسەك بەك ياخشى بولاتتى.
شۇنداق، تور ئارقىلىق تەربىيەلەش بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىش بولىدۇ، نۇرغۇن چىقىملارنى تېجەشكە، كۇرسانتلارنىڭ ۋاقتىنى تېجەشكە بولىدۇ، خوتۇن بالىدىن ئايرىلىپ ئوقۇيدىغان ئىش بولمايدۇ. ئۆيىڭىزدە ئىسسىق تاماقنى يەپ تۇرۇپ دەرس ئاڭلايسىز.
ئالىم مۇئەللىم سىز ئۇيغۇر كومپىيۇتىر تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆپ جاپالارنى چەكتىڭىز ،بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىمىز تولىمۇ مىننەتدار.لېكىن يەنە يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ سىزنىڭ بولسا كۇرس ئېچىپ نۇرغۇنلىغان كەسپىي ئۇيغۇر پروگىراممىرلىنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.جاپا تارتىدىغان بولدىڭىز…..
مېنىڭمۇ شۇنداق پىلانىم بار، ئاز دېگەندىمۇ 500 دىن ئارتۇق ئادەم تەربىيەلەنسە، بۇلارنىڭ ئىچىدە 100 ئادەم ئۇتۇپ چىقىپ، بىزدىنمۇ ھالقىلىپ بۇ ساھەدە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلسىكەن دەپ ئويلاپ قالىدىكەن ياش 40 قا يېقىنلاشقاندا.
ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ قېرىقتىن ئاشقاندا دەيدىغان بىر ناخشىسى بولىدىغان.ئالىم مۇئەللىممۇ تولا ئايلايدىغان چىراي(سەت كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)
دېتال ياخشى ئىشلەنگەنىكەن، ئىملادا چاتاق بار ئىكەن، تەكشۈرۈپ باقسىڭىز.
ئىقتىدار جەھەتتە شىنجاڭدىكى گېزىت-ژۇرنال چىقىرىۋاتقانلارغا بەكمۇ ماس كېلىدۇ، سەۋەبى شۇلارنىڭ ئېھتىياجى بويىچە لايىھەلەنگەن. بۇ سىناق نۇسخىسىدىن ئېلىنغان رەسىم ئىكەن، ھەقىقىي نۇسخىسىدا بۇنداق مەسىلە يوق، مەسىلەن: رايۇنى،..دېگەندەك ئىملا مەسىلىلىرىنى توغرىلاپ بولدۇق.
ئالىم مۇئەللىم، ئوبدان تۇردىلىمۇ؟
مەن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ كۇرسىغا تىزىملاتقان ئىدىم. قارىسام، ئۇ كۇرىسنى سىلىمۇ قوللاپتىلا. تىرىشسام نەتىجىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتتى. ئەمدى سىلىدىن سورايدىغىنىم، كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ كۇرسىدا ئوقۇسام، كۇرس ئۇقتۇرۇشىدا دىيىلگەن سەۋىيىگە يەتسەم، سىلىنىڭ توردىكى كۇرسلىرىغا تىزىملاتمىساممۇ بولامدۇ؟
قارىسام بۇ ياخشى ئىشتەك قىلىدۇ، شۇڭا پەقەت بىلوگىمدا ئېلان قىلىپ قوللاپ قويدۇم. ئەمما باشقا ھېچقانداق ئىشلارغا ئارىلاشمىدىم. بىرنەچچە بالىلار مېنى يەنە ئاچىدۇ دەپ سەۋەبسىزلا مەكتەپتىن توختاپتۇ، شۇڭا توردا بولسىمۇ ئېچىشنى ئويلاپ قالدىم، باھاسى ئەرزان بولىدۇ، مەسىلەن: 1000 نەچچە يۈز يۈەن بولۇشى مۇمكىن. كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى چەكلىك شىركىتى دەرسنى باشلاپ بولغاندا، ئاندىن رەسمىي ئۇچۇرىنى بېرىشىم مۇمكىن.
ئالىم مالىم بۈگۈن بىلوگىڭىزنىڭ باشتېمىسىدا ئۆزگىرىش بولدىمۇ قانداق؟ سول تەرەپ تىزىملىك تېما رەڭگى ئۆگىرىپتۇ؛ يەنە ئاساسىي يازما بۆلىكى بۇرۇنقى باشتېمىغا قارىغاندا كۆپۈپ ئادەمگە 3d ئۈنۈم بېرىلگەندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن.
ئەگەر كۇرسىڭىز ئېچىلىدىغانلا بولسا مەن جەزمەن بار كۈچۈم بىلەن قاتنىشىشقا تىرىشىمەن. ئالدىنقى قېتىم ئىقتىسادىم كەمچىل بوپ قالغاچقا قاتنىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. بۇ ھەرگىز قولدىن بەرمەيمەن.
مۇئەللىم ! يەنىلا ئالدىنقى قارار ئاچقان سېنىپىڭىزغا ئوخشاشلا كۇرۇس ئېچىۋىرىشنى ھەم بىرگە توردا تەربىيلەشنى ئويلاشقان بولسىڭىز؟ بۇنداق بولغاندا قوش ئۈنۈم ئالالايدىكەنمىز. مەنمۇ ھەم شۇ بىريىللىق ئوقۇشنى توختاتقان بالىلاردىن قېلىشمايمەن. مەنمۇ بۇ يىل يەنە كۇرۇس ئاچىدۇ دەپ ئويلاپ پراكتىكا مەزگىلىمدە جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق ئوقۇش پۇلىنى جەملەپ بىر ئايدىن ئاشتى ئۈرۈمچىگە كىلىۋېلىپ سىزنىڭ خەۋرىڭىزنى ساقلاۋاتقىلى. مۇشۇ كۇرىسىڭىزدا ئوقۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقىلى بىر يىل بولاي دەپتۇ. مەن ئۆيدىن چىققاندا مۇشۇ كۇرۇستا ئوقۇيمەن دەپ چىققان. ئۆيدىكىلەرگە ئاز قالدى،ئەتە، ئۆگۈن دەۋىرىپ يالغانچى بوپ قالاي دېدىم. شۇڭا مۇنتىزىم كۇرۇس ئېچىپ تەربىيلىگەن بولسىڭىز ! مەنمۇ ئۆيگە، يۇرتقا خوشال ھالدا ياخشى نەتىجە ئېلىپ كەتكەن بولسام…
بۇ بەلكىم مەن يالغۇز بىرەيلەننىڭلا ئارزۇسى ئەمەس، مۇشۇ تەربىيلەشنى كۈتىۋاتقان ھەربىر كىشنىڭ ئورتاق ئارزۇسى !
مەن ئۇنداق ئېچىپ بولالمايمەن، پەقەت توردا ئېچىشنى ئويلاشتىم.
كۇرۇسنىڭ خوشچىلىقىدا ماۋۇ دېتالغا نىسبەتەن كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قوويماپتىمەن ….
1. بۇ دېتال رادىئو ئىستانسىنىڭكىدىنمۇ سەل مۇرەككەپرەك تۇرامدۇ نىمە؟
2. بۇ دېتالدا يەرلىتىكى ئاپتۇرلار ئەسەر ئەۋەتكەندىن كىيىن ئۆز ئەسىرىنىڭ ئېلان قىلىنماقچى بولغان ياكى تەستىقتىن ئۆتمىگەن ۋە ياكى ۋاقىتلىق بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىقىنى بىلگىلى بولامدۇ؟
3. بۇ دېتالنىڭ كودلىرىنى راستىنلا بىزنىڭ باللا يازدىما …. ؟ ئۇندا بولغانلا بولسا باللىغا گەپ توغرا كەلمەس بولۇپ كېتىپتىغۇ …. ؟ مەن تېمىنى كۆرىۋىتىپمۇ بۇ دېتالنىڭ ئىنچىكە يەرلىرىنىڭ بەك كۆپلىگىنى ھىس قىلدىم ……
4. راست يۇقاردا دوستىمىز ئېيتقاندەك زامانىۋىلاشقاندىكىن تايىنلىق ئاپتۇرلارنىڭ كارتا نۇمۇرىنىمۇ قىتىپ قەلەم ھەققىنى مۇشۇ سېستىما ئارقىلىقلا ئۇرۇپ بىرىدىغان قىلىپ لايىھەلىۋەتسەك بىر تۇتاشلا بولۇپ كېتىدىكەن ….
خېيال:
بۇ سېستىمىنى بىرلا شىركەت ئىشلىتىپ، كەڭ ئاپتۇرلارغا ئەزا بولۇپ ماقالە ئىۋەرتىش ئىغىزى ئىچىپ بىرىپ، كەلگەن ماقالىلەرنى ھەرقايسى ژورنال نەشىرياتلىرىغا ساتساق ھە ….. ئۇلارمۇ ئۇ چاغدا ماقالىلەرنىڭ ئەڭ ئېسىللىرىنى تالىشىپ سېتىۋالاتتى …… ئۇ چاغدا نەشىرياتلار ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەر ئىۋەرتىشىنى كۈتۈپ تۇرۇش ئەمەس، ئۆزى ئوتتۇرغا چۈشۈپ ئەسەر تالىشىپ ئەڭ ياخشى ئەسەرلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشاتتى …. ھەمدە ئاپتۇرلار ژورنال تاللاش ئەمەس، نەشىرياتلار ئەسەر تاللاش ئەمەلگە ئاشاتتى ….
(مۇئەللىمنىڭ دەرس ۋاقتىدا بىزگە ئېيىتپ بەرگەن خەۋەر سېستىمىسىنىڭ ئوي پىكىرىدىن ئىلھاملىنىپ قىلىنغان خىيال)
مۇشۇ يەردە توختاپ قالاي، خىيال قىلىۋەرسەم سەل ئېشىپ كەتكىدەك …. (پىخىلداپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى )
شۇنداق، رادىيو ئىستانسىسىدىن سەل مۇرەككەپ يېرىمۇ بار، ئاساسىي لىنىيە شۇ سىستېما بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ، شۇنداق ئۆتكەن يىلى 3-قارارلىق سىنىپتا سىلەر بىلەن ئوقۇغان ساۋاغداشلار يازدى. ھازىر شۇ بىر ئىدىيە بولسىلا، بالىلارنىڭ كود يېزىشىدا قەتئىي مەسىلە يوق. سىز دېگەندەك ئىشلارنى پەيدىنپەي قىلىۋاتىمىز
مۇئەللىم سىز بىلەن يۈز تۇرانە كۆرىشەي دېدىميۇ لېكىن بوسۇغىڭىزغا دەسسىيەلمىدىم. ھەم يۈرىكىم بەك دۆپۈلدەپ سوقۇپ كەتتى. نىمىشقا؟ …. شۇ كىرسەم كۆرۈشىشتە يوق نىمىنداق بىزەڭ نىمىسەن؟ كۇرۇس ئاچمايمەن دېدىم ئاچمايمەن، ئىشىم جىق مېنىڭ…. ! دەپ تىللاپ چۈشۈپ كىتەرمۇ دەپ….( ھې ھې چاقچاق مۇئەللىم !)
ئېچىش پىلانىمۇ يوق ئەمەس، لېكىن توردا ئاچماقچى، بۇنداق بولغاندا ئوقۇش پۇلىمۇ كۆپ ئەرزان بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارغىمۇ كۆپ قولايلىق بولىدۇ.
توردا كۇرۇس ئاچامسىز ؟؟؟؟ ما گىپىڭىزنى كۈتىۋاتقىلى ئۇزن بولغان ماڭا !!!
قاچانراق ئاچارسىز ؟؟ شۇنىڭغا ئاز پاز تەييارلىق قىلغاچ تۇرساق بۇلاتتى .
ماۋۇ گەپ چاقچاق ئەمەستۇ مۇئەللىم ….
ئالدىنقى قىتىملىق بىر تىمىلىرىدا مۇشۇ كۇرۇس توغۇرلۇق گەپ قىلىپتىكەنلا …. يەنە قانداق قىلسام ۋاقىت چىقىرىپ قاتنىشالارمەن دەپ ئەنسىرەپلا ئولتۇراتتىم …. ….
ئالدىنقى قىتىملىق بىلىملىرىنى يەنە بىر پىششىقلاي دەيمەن …..
چاقچاق قىلمىدىم مۇئەللىم يۇرتۇمدىكى پىروگىراممىرلارغا ئۆزلىرى ئۈگىتىپ قويغان بەزى ھۈنەرلەرنى ئىشلىتىپ قىلغان ئىشلىرىمنى ھەم ئۈگەتكەن بەزى كودلارنى كۆرسىتىپ قويسام ھەيران قالدى….. ھەم ئۈچ ئايدا 0 دىن باشلاپ ئۈگۈنۈپ مۇشۇنچىلىك ئۈگەنگەن بولسىڭىز ….. ئوقۇش پۇلى ھەقىقەتەن ئەرزانكەن … ئالىم مۇئەللىم رەسمىي كۈچەپتۇ سىلەرگە دەپ ئۆزلىرىگە مەدىھىيە ئوقۇشتى ….
مەن تېخى ئۆزۈمنىڭ ئۈگەنگەنلىرىمنى ۋاقتى ۋاقتىدا پىششىقلىيالماي نۇرغۇنلىرىنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىمدىن ئۆكۈنۈپ يەنە كۇرۇس ئىچىپ قالسلا بىر ئامال قىلىپ قاتناشماقچى بولۇپ ئولتۇراتتىم…… ماۋۇ تورد تەربىيلەش توغرىسىدىكى گەپلىرى قۇلاققا ئاجايىپ ياقتى …..
بۇنداق دېسىڭىز، بەزىلەر ئالىم مۇئەللىم قەستەن ئېلان تەشۋىقات قىلدۇرۇۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالمىسۇن، خۇددى رادىيودىكى دوختۇرلاردەك، بەرگەن دورىڭىز پايدا قىلدى دەپ تېلېفون قىلسا، يەنە بىر قاپ مۇكاپات بېرىدىكەن-ئەمەسمۇ؟
راست گەپنى ئېيتقاندا سىلەرمۇ ياخشى ئۆگەندىڭلار، مېنىڭ يېنىمدا داۋاملىق تۇرغان ماۋۇ بالىلارمۇ جىق ئىشلارنى قىلىۋەتتى، مەن بىلوگىمدا ئېلان قىلىشقا ئۈلگۈرۈپ بولالمايۋاتىمەن، ئەمما بىز ئالدى بىلەن نۇقتىلىق بىرنەچچە تۈرنىلا راۋرۇس قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمىز،
بىرنەچچە بالىلار مېنىڭ خەۋرىمنى كۈتمەيلا، يەنە كۇرس ئاچىدۇ دەپ پەرەز قىلىپ، ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپتىن بىر يىللىق توختىغانلارمۇ بار ئىكەن. ئۇلار تولا ئىزدەپ تۇرىۋالدى، بولمىسا بىزگە زىيانكەشلىك قىلغان بولىسىز دەپ. شۇڭا ئامالسىز توردا دەرس ئۆتىدىغان دېتاللارنى ئىزدەپ يۈرۈيمەن،
ئەجەپ تەتۈر كەلدى! ئالمىشىپلا كەتتىغۇ…ئۆتكەن يىلى ئوقۇيالمىغىنىمغا بەك بەك پۇشايمان قىلىپ كىتىپ بارىمەن…
باشقىلار ئىشىنى تۈگەتكەندە مۇنتىزىم كۇرۇس بىلەن تور ئارقىلىق تەربىيلەشنى بىرلەشتۈرۈپ ئاچسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن!
بۇ قېتىمىلىق كۇرۇس توغرىسىدا يەنىمۇ تەپسىلىيرەك توختالغان بولسىڭىز ….
كېلەر ھەپتىدە بىر نەرسە يازاي دەيمەن،
ئاغزىڭىزغا ناۋات ئالىمجان مۇئەللىم، مۇشۇ توردىلا ئېچىڭە… يا نەچچە كوي قىممەت يا نەچچە كوي ئەرزاننىڭ گېپىكەنغۇ شۇ… ئەڭ مۇھىمى بىزدەك يىراقتا ئىشلەۋاتقانلار…
نۇرغۇن بىھۇدە چىقىملار تېجىلىپ قالغاچقا، ئوقۇش پۇلى كۆپ ئەرزان بولىدۇ. ئەمما ئوخشاش ئۈنۈمگە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ھەتتا مەن سۆزلەپ بولغان مەزمۇنلارنى قايتا-قايتا ئاڭلىغىلى بولىدۇ.
مىنىڭ بىر تەكلىپىم ۋە ئۆتۈنۈشۈم : تەتىلدىن بۇرۇن ئاچسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى ….. تەتىلدە ئۆيگە قايىتساق كومپيۇتېردا تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى يوق ……. ئەمىسە مەن بۇ قېتىملىق كۇرۇسقا چىشىمنى بىلەپ ساقلاپ ئولتۇرىمەن
ئالىم مۇئەللىم مۇشۇ ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىگە مائوس ئىستىرىلكىسىنى توغىرلىسىلا تەرجىمە قىلىپ بىرىدىغان ئىقتىدارنى قوشسىڭىز بولارمۇ ؟ ياكى بۇ ئىقتىدار ئاللىبۇرۇن قىتىلغان بولسا مىنىڭ خەۋرىم يوقمۇ بۇنى بىلمىدىم .
بۇ ئىقتىدار 2007-يىلىدىكى نۇسخىسىدىن باشلاپلا بار ئىدى، لېكىن ئەڭ يېڭى لۇغەتتە بۇ ئىقتىدارنى چىقىرىپ تاشلىماقچى
تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ بۇ. لىكىن مەيلى قانداق بولسۇن ئارىدىن6يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتتى. يېڭىلانسا بولاتتى. ئىكىراندىن سۆز تۇتۇش ئىقتىدارىمۇ خېلى ياخشى ئىقتىدار ئىدى. 2008دىكى ئىقدارى خېلى يامان ئەمەس ئىدى. جۈملىنىڭ پەش چىكىتى بىلەن بىللە كەلگەن ئەڭ ئاخىرقى سۆزدىن باشقا سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ياخشى تۇتاتتى. ئەلۋىدا دەيدىكەنمىزدە.
ئالىم مۇئەللىم vbaغا ئۇستىراق شاگىرتىڭىزدىن بىرەسىنىڭ QQدىگەندەك نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز.
宏دىن ياردەم سورايدىغان ئىش بار ئىدى. ئۆزىڭىز ياردەم قىلسىڭىزمۇ مەيلى!
ئالىم مۇئەللىم ، نۇرغۇنلىغان ياخشى دېتاللارنى ئىشلەۋاتىسىز.اللا ئىشلىرىڭىزغا ئاسانلىق بەرگەي. ئەگەر مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز ئىشلىگەن دېتاللارنىڭ سىناق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقىدىغانغا تەمىنلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
بۇلۇپمۇ ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس تەييارلاش ئىشىنى ئىلىكتىرونلاشتۇرغىلى بولماسمۇ؟مۇشۇ سېستىمىغا ئوخشاش قاتلاممۇ قاتلام تەكشۈرۈپ ئۈزى يازغانمۇ ،ياكى كۈچۈرۈپ چاپلىغانمۇ ؟قاچان يازغان ؟دىگەندەكلەر ئاپتۇماتىك ساقلىندىغان ،دەرسلىك ئوزگەرمىسە دەرسىلىكنى قايتا شۇ ئۇقۇتقۇچى ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان دىگەندەك.
يەنە بىرى ،مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلار ئەخلاق -تەربىيە ئارخىپى .باشلانغۇچتىن تارتىپ تۇلۇقسز ياكى تۇلۇق ئوتتۇرغا قەدەر ئۇچۇرلار ساقلىنىپ تۇرىدىغان مۇشۇنداق بىر سېستىما.
يەنە بىرى مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلار ئارخىپى .بۇ دىگەنلىك ،ھازىر مەكتەپلەردە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئالمىشىش ئالىشىش ئەھۋالى كۈپ،بۇ سېستىمىدا ئۇقۇتقۇچى مەكتەپكە كەلدىن باشلاپ نىمە دەرس ئوتكەنلىكى ،قايسى خىزمەتنى ئىشلىگەنلىگى،تۈرلۈك ئۇقۇش ئارخىۋى،خىزمەت ئارخىۋى قاتارلىقلار بولسا ،ئۇزۇن مۇددەت ساقلانسا بۇمۇ مۇھىم بىر قىممەتلىك ئارخىپ بۇلۇپ قالاتتى.مەكتەپتىكىلەر يوتكىلىپ كەتسىمۇ ئۇزۇن يىللاردىن كىيىن ئىزدەشكە قولاي بۇلاتتى.
ئاز دېگەندىمۇ 10 نەچچە ئورۇن سېتىۋالىدىغان بازار ئېھتىياجى بولسىلا ياساپ بەرسەك بولىدۇ، نەچچە ئاي ئىشلەپ بىر سىستېمىنى تاماملىساق، ئۇنى پەقەت 1-2 ئورۇن ئىشلەتسە، زىيان چىقىدۇ ئەلۋەتتە.