Windows 8 نى ئىشلىتىدىغانلار %3.82 غا يەتتى
[ IT خەۋەرلىرى ]4-ئايدا Windows 8 نى ئىشلىتىدىغانلار %3.82 غا يەتتى.
بازا تەكشۈرۈش شىركىتى Net Applications ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، بۇ يىل 4-ئايدا Windows 8 نى ئىشلىتىدىغانلار %3.82 غا يەتكەن بولۇپ، 3-ئايدا %3.2 ئىدى.
بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يېڭى مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن Windows 8.1 دە «باشلاش» كۇنۇپكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققىدە تالاش-تارتىش بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا بۇ ئىلگىرى ئادەتلىنىپ قالغان نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
Windows مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ خەلقئارادىكى ئومۇمىي بازار نىسبىتى يەنىلا %90 دىن يۇقىرى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئومۇملىشىش نىسبىتى بەلكىم %99 دىن تۆۋەن بولماسلىقى مۇمكىن. Windows 8 گە ئادەتلىنىپ قالسىڭىز، بۇرۇنقى نەشرىگە كۆنەلمەي قالىدىكەنسىز.
- يازما كۆرۈلۈشى: 12,085 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 05-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 15:37
- ئالدىنقى يازما :ئىشخانا يۇمشاق دېتالىنىڭ ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ بۆسۈش خاراكتېرلىك شۆھرەت قازاندى
ئۆتكەن ئايدىكى ئىستاتىستىكىغا قارىساق كۆپ قىسىم Windows ئىشلەتكۈچىلىرى 8 Windows گە كۆچۈپ، 8.02% گە يېتىپتۇ.
http://www.netmarketshare.com/operating-system-market-share.aspx?qprid=10&qpcustomd=0
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! مەن بۇ سىتاتىسكىغا ئىتراز بىلدۈرىمەن. مەن بىر توردا پۈتۈن يەر شارىدا كومپىيوتىر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ 15% تى لىنۇكىس ئىشلىتىدۇ دەپ كۆرگەن(ھىچ بولمىغاندا ياۋرۇپادا). ئۇندىن باشقا ۋىندوۋس7 نىڭ ئۇمۇملىشىش نىسبىتىمۇ توغرا ئەمەستەك بىلىندى.
لېكىن مەن ئۇنداق كۆرمىگەن، بۇ سان-ساناقلارنى بىز قىلمىغان. لېكىن بىزنىڭ دىيارىمىزدا Windows نىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %95 دىن كام ئەمەس.
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم. ئالىم مۇئەللىم مەن Windows 8 نىڭ كەسپى نۇسخىسىنى قاچىلاي دېگەن ئىدىم. ھازىرمۇ 248يۈەن باھادا سېتىۋېلىش پۇرسىتىم بارمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالمجان ئاكا ھەم ھەرقايسى تورداشلار
مەن مۇشۇ بىلوگ بىلەن تور خۇمار ئىككى بىلوگنىڭ دائىملىق ئۇقۇرمىنى بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئىنكاس يېزىشىم
مىكروسوفىت شىركىتى ئۇيغۇرچىغا خىېلى كۆڭۈل بولۋاتىدۇ
ئالىمجان ئاكىمىزمۇ ئۇيغۇرلانى دەپ كۆپ جاپا چەكتى ھەم توختىماي ئىزدىنى ۋاتىدۇ شۇڭا مەنمۇ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۈگۈن دىن باشلاپ كومپىيوتىرىمغا ۋىندوۋىس8 مەشغولات سىستىمىنى قاچلاپ ئىشلىتىشكە بەل باغلىدىم ھەم باشلىدىم مىكرو سوفىتن نىڭ ئاۋۇ ئوۋۇت لوك دىگەن خەت ساندۇقىدىمۇ ئۇيغۇرچە مەشغۇلات قىلغىلى بولدىكەن شۇڭا بۇندىن كىيىن مۇقۇم مۇشنى ئىشلەتمەكچى ئاللا خالىسا
ئاندىن مۇمكىن بولسا تىلفۇنىم نىمۇ ئامال قىلىپ ۋىن8 سىسىتىمىلىق تىلفۇنغا ئالماشتۇرۇپ ئۇنىڭمۇ ئۇيغۇرچە يەرلىرى بولسا ئىمكان بار ئۇيغۇرچىنى كۆپ رەك ئىشلىتىشنى ئويلا ۋاتىمەن
بۇ گەپلەرنى دىسەم بۇ گەپلەرنى دەپ نىمە قىلىدىغاندۇ دەپ قالماڭلار پەقەت قولىمىزدىن قانچىلىك ئىش كەلسە شۇنچىلىك قىلساق دەپ ئويلايمەن
توغرا دەيسىز،ھەركىم ئۆزىنىڭ قۇلىدىن كېلىشىچە ئىش كۆرۈشى كېرەك،ياخشى ئىشنىڭ چوڭ -كىچىكى بولمايدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئالىم مۇئەللىم مەن ۋىندوۋىس8گە ئەپ ياساش توغۇرلۇق دەرىسلىك تاپالمىدىم، سىزدە بارمىدۇ؟ بولسا تەمىنلەپ بىرەلەسىزمۇ؟ جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن!
ئېلخەت:jahangir213@qq.com
مەندە visual basic 2012 نىڭ بىر ماتېرىيالى بار ئىدى، ئۇنىڭدا شۇ ئاساسلىق ئەپ ياساش ھەققىدىكى مەزمۇنلار سۆزلىنىدىكەن. تىلى ئىنگلىزچە. خەت ساندۇقىڭىزغا يوللاپ قويدۇم. پايدىلىنارسىز.
ماڭىمۇ يوللىۋەتسىڭز بولاپتىكەن رەھمەت.
ئېلخەت:ghulamjan@outlook.com
يوللاپ قويدۇم
رەھمەت ،تاپشۇرۋالدىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئېغىر كۆرمەي ماڭىمۇ يوللاپ قويالارسىزمۇ؟
1963434351: چ چ
مۇئەللىم ياخشىمۇسىز !
مېنىڭ مۇنداق بىر سوئالىم بار ئىدى :
ھەقىقى ۋىن8 نىڭ ئاچقۇچ نومۇرى توردىن ئۆچۈرلىدىغان ۋە ئۇنى قايتا تولۇقلاپ بىردىغان ئىشلار مەۋجۇتمۇ.؟
ماڭا مەن مەلۇم مۇنبەردىكى بىر قىرىندىشىمىز ئىلىپ بەرگەن، تۇنجى قىتىم قاچىلىغاندا نورمال ئاكتىپلاندى بىر ئايدىن كېيىن سىستىمىنى يىڭىدىن قاچىلايدىغان بولۇپ قىلىپ قاچىلىسام ئاكتىپلانمىدى تېلېفون قىلىپمۇ ئاكتىپلىغىلى بولمىدى .
سىستىمىنى ئلىشىپ بەرگەن قىرىندىشىمىزغا ئەھۋالنى دىسەم ئۇ ماڭا مەن ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ باقاي دەپ ئەتىسى ئۇچۇر قىلىپ مىكروسوفىتتىن ئۇچۇر كەلدى سىزنىڭ ئاچقۇچ نومۇرىڭىز توردىن ئۆچۈرلۈپ كىتىپتۇ ئۇلار يىڭىدىن تولۇقلاپ بىردىغان بولدى دەپ ئەتىسى يىڭىدىن بىر ئاچقۇچ ئەۋەتىپتۇ بۇنى قاچىلىدىم بۇمۇ نورمال ئاكتىپلاندى. ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ يەنە سىستىمىنى باشقا قاچىلىدىم ئەپسۇس ئالدىنقى قىتىمغا ئوخشاشلا بۇمۇ ئاكتىپلانمىدى تېلېفون قىلىپ ئاكتىپلىماقچى بولۇپ تېلېفون قىلسام ئۇلار 对不起这个ID无效 دەيدۇ ،سىستىمىنى ئىلىپ بەرگەن بالىغا يەنە ئۇچۇر قىلسام ئۇ بالا يەنە شۇ مىكروسوفىتتىكىلەرگە ئۇچۇر يوللاپ قويدۇم دەپ ئەتىسى يەنە تولۇقلاپ بەردى دەپ يىڭى ئاچقۇچ ئەۋەتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن 250 كويلاق بۇ ۋىن8 دىن ۋاز كىچىپ توردىن ۋىن7 چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتىمەن.
ئۇنداق ئىش يوق، ئىشەنچىسىز مەنبەلەردىن سېتىۋاپسىزدە.
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم :مەن 12 -ئايدا كۆزنەك 8 نى سېتىۋالغان ،ھازىرغۇ باشقا مەسىلە يوق ،شۇ windows update دىن يېڭىلانما يېڭىلىسام بىرقىسىم يېڭىلانمىلارنى قاچىلاش مەغلۇپ بولدى دەپلا ئۇچۇر چىقىدۇ 校园先锋 دىن سېتىۋالغان ھەم ئوڭۇشلۇق ئاكتىپلاپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋالغان ….سىلىچە سىستىمىنى قايتا قاچىلىسام بۇلارمۇ ؟
بەزى پىروگراممىلارنى توختىتىپ، قايتا سىناپ بېقىڭ.
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن قايتا يېڭىلاپ بېقىڭ.
سىستېمىنى مەلۇم ۋاقىتقا قايتۇرۇپ، مەسىلەن: 7 كۈن بۇرۇنقى، 10 كۈن بۇرۇنقى،…دېگەندەك، ئاندىن قايتا سىناپ بېقىڭ.
تەنھا ئەپەندىم،مەنمۇ تىل بولىقى قاچىلىغاندا مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققان ئىدىم،مىكروسوفىتتىن سورىغان جاۋابى ئالىم مۇئەللىم دېگەنگە ئوخشايدۇ،بىراق تەپسىلى قانداق قىلىش كىرەكلىكى تەپسىلى يىزىلغان ،تۆۋەندىكى مەنزىلنى ئىچىپ بىرىلگەن جاۋاپقا قاراڭ.
http://answers.microsoft.com/en-us/windows/forum/windows_8-windows_update/it-cant-complete-installing-an-english-language/17f14ccd-54e6-48c5-98ce-7cf6e3f31a8a?lc=1033&auth=1
مەن مۇ كۆردۈم ئۇنداق ئاچقۇچلارنى ئاكتىپلىغىلى بولمىدى دىسە يەنە بىرىدىكەن شۇ ۋاقىتتا ئاكتىپلىسا بولىدىكەن يىرىم سائەتتىن كىيىن ئاكتىپلىغىلى بولمايدىكەن …
window8.1توغرىسىدا قانداق ئۇچۇرلار بار؟
تەرجىمىسى 13-ماي كۈنى تاماملاندى، باشقىسىنى دېسەم بولمايدۇ، كەچۈرۈڭ.
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم :مەن 12 -ئايدا كۆزنەك 8 نى سېتىۋالغان ،ھازىرغۇ باشقا مەسىلە يوق ،شۇ windows update دىن يېڭىلانما يېڭىلىسام بىرقىسىم يېڭىلانمىلارنى قاچىلاش مەغلۇپ بولدى دەپلا ئۇچۇر چىقىدۇ ،ئۈزىدە تەمىنلىگەن ئوڭشاش ئىقتىدارىنىمۇ ئىشلىتىپ باقتىم ،يەنىلا بولمىدى ،شۇڭا ئازراق ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ بىر مەسلىھەت بەرگەن بولسىلىرى ،ئاۋارە قىلدىم .
تەرجىمە قىلىدىغان ئىشقا مىنى پەقەت قاتناشتۇرمىدىڭىز؟مۇئەللىم،بۇ قىلغىنىڭىز پەقەت بولمىدى.(xxxئىپادىسى)
قاتناشتۇراي دېسەم 8.1 دە پەقەت يېڭىلىنىش ئاز، ۋەزىپە كۆپ ئەمەس، بۈگۈن ھەممىسى تاماملاندى. كېيىنكى قېتىم بولسۇن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئالىم مۇئەللىم مەن ۋىندوۋىس8گە ئەپ ياساش توغۇرلۇق دەرىسلىك تاپالمىدىم، سىزدە بارمىدۇ؟ بولسا تەمىنلەپ بىرەلەسىزمۇ؟ جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن!
ئېلخەت:jahangir213@qq.com
بۇنىڭ كۆرۈپ بېقىش نوسىخىسى چىقتىغۇ دەيمەن،يىلنىڭ ئاخىرىدا ئاندىن رەسمىي تاقىتىلىدىكەن.
نوكىيا لۇميا 520 ياخشىمىدۇ ياكى 620 مۇ ئەجەپ ئىككىلىنىپ قالدىم . .
ھەر ئىككىلىسى ياخشى.
تور بەتلەردە سىلىشتۇرۇش دەيدىغان ئىقتىدارى بارلىقى ئىسىمدە شۇنى سىناپ بىقىڭ
ئالىم مۇئەللىم مەن ۋىندۇۋىس 8نى1-ئايدا باشقىلاردىن ئالغان 2-ئايدا قايتا قاچىلىسام ئاكتىپلانماي تۇرۋالدى ھەرقانداق قىلىپمۇ ئاكتىپلىيالمىدىم ئاخىرى ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئەھۋالنى دىسەم ‹مەن سېتىۋالغان ئېلخەت بىلەن ئۇچۇر يېزىپ باقاي لىكىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئىرشەلمەي قالسام خىجىللىقىمنى بىلدۇرمەن›دىدى ،مەن مەيلى دىسەم 2كۇندىن كىيىن ‹جاۋاپ كەلدى› دەپ يېڭى نۇمۇرنى ئەۋەتىپ بەردى نۇمۇرنى سېلىپلا ئاكتىپلىۋالدىم لىكىن ھازىر قايتا قاچىلاي دىسەم يەنە شۇنداق ئاۋارچىلىق چىقارمىكىن دەپ ئەنسىرەپ قاچىليالمايۋاتىمەن قانداق قىلسام بۇلا مەسلىھەت بەرسىڭىز بوپتىكەن
كۈندە قارايمەن ، ھېچبىر يېڭىلىق يوققۇ؟