مىكروسوفت Windows 10 ئېلان قىلىندى.
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بۈگۈن مىكروسوفت Windows 10 ئېلان قىلىندى.
چۈشۈرۈش ئادرېسى مانا:
https://www.microsoft.com/zh-cn/software-download/windows10
1. مۇقىم تور ئۇلىنىشى بولسۇن؛
2. يېتەرلىك ساقلاش بوشلۇقى بولسۇن (ئاز دېگەندىمۇ 4GB)؛
تۇنجى قېتىم قاچىلىغان بولسىڭىز، ئاكتىپلاش كودىنى كىرگۈزۈڭ، Windows 7/8/8.1ھەقىقىي نەشرىنى ئىشلىتىۋاتقانلار بىۋاسىتە يېڭىلىيالايدۇ. ئوغرى نەشرى ئىشلىتىۋاتقانلار Windows 10 غا يېڭىلىيالمايدۇ.
(ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي)
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 24,286 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 07-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 20:22
- ئالدىنقى يازما :«شېرىن چۈش»تە ئالىم ئەھەتنىڭ قانداق ئارزۇسى باردۇ؟
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ يېڭىلانمىسى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى تارقىتىلىدۇ
تېخىمۇ كۆپ
Windows 8 دا نىمىشقا خەت يازسام ئۇلانماي ئۈزۈلۈپ چىقىدۇ. قانداق ئوڭشايمەن؟
win10 سېستىمنى قانداق نەدىن ئالمىز نەچە پۇل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، Windows 10 دا Microsoft Uighur خەت نۇسخىسى يوق ئىكەن ئەمەسمۇ، سىرتتىن ھېچقانداق خەت نۇسخىسى قاچىلىمىغان ۋاقىتتا ياكى ئاممىۋىي كومپيۇتېرلارنى ئىشلەتكەندە بۇ خەت نۇسخىسى خېلى ئىشقا يارايتتى.
http://www.microsoft.com/typography/fonts/font.aspx?FMID=2082
ئاۋۇ كونا بەت بولۇشى مۇمكىن، ئۇ خەت نۇسخىسى مېنىڭكىدە بار، ياكى باشقىلار بەك سەت ياكى كۆرۈمسىز دەپ پىكىر بېرىپ تۇرۇۋالغاندىمۇ يا؟
ئۇ ئىنكاسنى يازغان كۈنى Microsoft Uighur خەت نۇسخىسىنى تاپالماي قالغان ئىدىم، كېيىن ئۆزۈم توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاپ قويدۇم.
http://www.microsoft.com/typography/fonts/
بېتى كونىدەكمۇ قىلىدۇ، Fonts by Product دېگەن تىزىملىكىگە قاراپ باقسام ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتى Windows 8 دەپ چىقىدىكەن.
بۇ مەسىلىنى يەنە باشقا كومپيۇتېرلاردىمۇ سىناپ باقساق بولغۇدەكç
http://alpbeg.cn/?p=939
مىكروسوفتتىكىلەر ئاۋۇ بەتنى يېڭىلاپ بولالمىغان ئوخشايدۇ
=================================
ئالىم مۇئەللىم كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ تەڭشەلگەندىن كېين سېستىما ئۆزى تەمىنلىگەن خەنزۇچە كىرگۈزگۈچتە خەنزۇچە خەت باسقاندا چىققان تاللىماقچى بولغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ يۆلۈنىشى تەتۈر چىقىۋاتىدۇ ، مەسلەن ni دەپ باسساق 你 دىگەن خەت باشتا كۆرۈلمەي ئىشلىتىلىش نىسپىتى ئەڭ تۈۋەن بولغان 柅 دىگەنگە ئوخشاش خەتلەر باشتا كۆرۈلىۋاتىدۇ ، دىگەن گېپىم چۈشۈنۈشلۈك بولماي قالدى بولغاي ئۆزىڭىز سىناپ باقسىڭىز ، بەت ئوڭدىن سولغا توغۇرلانغاندا خەنزۇچە كىرگۈزگۈچتىكى خەتلەرمۇ تەتۈر بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ، ئىشلىتىشكە بەك قولايسىز بوپ قالدى ،بۇ bug بىر ئوڭشالغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى ..
، windows8 ۋاقتىدا نورمال ئىدى windows10 غا نەشىرىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن بىر مەسىلە يۈز بەردى ئۆزىڭىز سىناپ باققان بولسىڭىز ،
يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:06

ماقۇل
windows10نى مىكروسوفـت تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىساق windows8نىڭ ئاكتىپلاش نومۇرى ئارقىلىق ئاكتىپلىغىلى بولمامدۇ؟چوقۇم 8.1نى قاچىلاپ ئاكتىپلىۋېلىپ ئاندىن بىۋاستە يېڭىلاش ئارقىلىق 10غا كۆتۈرگەندە ھەقىقىي نۇسخىغا ئېرىشكىلى بولامدۇ؟چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار،مەن 8.1گە كۆتۈرۈپ يۈرمەي بىۋاستە مىكروسوفـت تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلاۋاتقان ئىدىم
ھە راست، 10 غا يېڭىلىغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك ئاكتىپلاندى، ئۇندىن باشقا بۇنىڭغا ئايرىملا بالىلار ئۈچۈن ھېسابات نومۇرى قۇرغىلى بولىدىكەن، قارىغاندا ئۈنۈمى ياخشىدەك. قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولغاي!
ئاخشام يېڭىدىن سېتىۋالغان كومپيۇتېرىمدىكى ۋىن 7 نى ئىككى يىل بۇرۇن سېتىۋېلىپ كونا كومپيۇتېرىمغا بىر مەزگىل قاچىلاپ ئاكتىپلاپ ئىشلەتكەن 8 نىڭ ئاچقۇچ نومۇرى ئارقىلىق 8 گە كۆتۈردۈم. بۈگۈن يەنە 8 دە تۇرۇپ 10 غا ئوڭۇشلۇق يېڭىلىۋالدىم، ئاندىن دېسكا تازىلاش ئىقتىدارى ئارقىلىق بارلىق قالدۇق ۋە قاچىلاش ھۆججەتلىرىنى تولۇق تازىلىۋەتتىم، ھازىر 10 قاچىلانغان س دېسكىدا ئىشلىتىلگەن سىغىم ئارانلا 15 گېگابايت بوپتۇ، سېستىما ناھايتى يەڭگىل ۋە تېز ئىشلەۋاتىدۇ، لىكىن ئوفىس 7 قاچىلانماي ئوفىس 10 قاچىلاشقا بۇيرۇق بېرىپ قويۇپ چارىلىغاچ بۇ ئىنكاسنى يېزىۋاتىمەن، ئەتە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاپ ئىشلەتمەكچى، ئالىم مۇئەللىمگە ئالدىنئالا رەھمەت!