نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

Microsoft پۈتۈن تەسۋىرلىك كۆزئەينىكى (كۆرمەي تۇرۇڭلار)

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

1-ئاينىڭ 21-كۈنى Microsoft شىركىتى Windows 10 ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى(消费者预览版)نى ئېلان قىلدى. ئاساسلىق يېڭىلىقلار باشلاش تىزىملىكىنىڭ تەڭشىلىشى، ئاۋازلىق ياردەمچى كورتانا (Cortana)، ئىچكى نەشرىدىكى Xbox ئەپلىرى، كېيىنكى ئەۋلاد تور كۆرگۈچ ئىسپارتان (Spartan) بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېلان قىلغان پۈتۈن تەسۋىرلىك كەيمە ئۈسكۈنە – خولو لېنزىسى(HoloLens) كەسىپداشلارنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردى.

خولو لېنزىسى نۆۋەتتە دۇنيادىكى «ئەڭ ئىلغار پۈتۈن تەسۋىرلىك كومپيۇتېر» بولۇپ، ئىچىدە CPU, GPU ھەمدە پۈتۈن تەسۋىرلىك سۈرەت بىر تەرەپ قىلغۇچ بار، بوشلۇق ئاۋاز ئۈنۈمىنى قوللايدۇ، كۆپ خىل سەزگۈچ (سېنزور) قاتارلىق بولۇپ، رېئال مۇھىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، رېئال بىر تەرەپ قىلىپ، مەۋھۇم ئۇچۇرغا ئېرىشىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ ۋەھشەت (ۋەھشى+دەھشەت) ئۈسكۈنىدۇر. تەھلىلچىلەر بۇ قېتىم Microsoft ھەقىقەتەنمۇ قايتا ئويغاندى، كەلگۈسى نەچچە يىل ئىچىدە قايتا باش كۆتۈرىدۇ دېيىشمەكتە.

ئالدىراپ كەتكەنلەر http://bbs.izdinix.com/thread-62031-1-1.html نى كۆرگەچ تۇرۇڭلار.

(تېخى پۈتمىدى، داۋامىنى نېسىپ قىلسا بىرنەچچە كۈن ئىچىدە يوللايمەن)

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
11 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئالىم مۇئەللىم سىزگە ئاللاھ رەھمەت، مەرھەمەتلەر قىلسۇن، مىللىتىمىز ئۈچۈن كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بېرىۋاتىسىز. بولۇپمۇ مىكروسوفتكە ئالاقىدار ئىشلاردا ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمنىڭ مىللەتلەر تىزىملىكىدە بولۇشى نەقەدەر ھاياجانلىنارلىق! كىم بىلىدۇ يەنە قانداق ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز تېخى!
    مەن ئۇيغۇرچە ۋىندوۋس ئىشلىتىشكە باشلىدىم. ـتەرجىمىدە بەزى سۆزلەر ئېنگىلىزچىنىڭ سۆزلۈكتىكى قارشىلىقى بولسىمۇ، ئۇيغۇرچىدا شۇ ئورۇنغا ئانچە باپ كەلمىگەن تەسىر بېرىدىغانلىرى خېلى بارىكەن. بەزى يېڭى سۆزلەر بولغاندا بۇنىڭغا كۆنۈكۈش شەرت بولاتتى؛ كۆنۈككەندىن كېيىن نورمال تۇيۇلۇۋېرەتتى، ئەمما بۇنداق سۆزلەرنى دېمەكچى ئەمەسمەن. مەسىلەن: توربەت ئېچىلىۋاتقاندىكى، … نى كۈتۈۋاتىدۇ، دېگەن سۆزگە ئوخشاشلار. بۇنى تەخىر قىلىڭ، ئېچىلىۋاتىدۇ، دېگەندەك ئىپادە قىلىشقىمۇ بولاتتى. تۈركچىنى ئۈلگە قىلساق، بەزى بىزدە قارشىلىقى تېپىلمىغان سۆزلەرنى جۈملىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئۇزۇن بىرىكمىلەر بىلەن ئىپادىلىگەندىن كۆرە، تۈركچىدە يېڭىدىن ياسالغان سۆزنى قوبۇل قىلساق تېز ئۆزلىشەتتى. چۈنكى تىلىمىز تۈرك تىلىنىڭ بىر دېئالېكتىغۇ؟ تەرجىمە جەريانىدا ئۈن يوق، سۆز يوق، ئىش ۋۇجۇتقا چىققاندا پۇتاق تېپىش دەپ قاراشقىمۇ ھەققىڭىز بار. ئەمما مەن تەرجىمە قىلىنىۋاتقاندىن بىخەۋەر ئىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى am 06:41
  • IT ئائېلىسى تور بېكىتىدۇمۇ مىكروسوفىتنىڭ خولو كۆز ئەينىكىنى گۇگىلنىڭ Goolr Glass بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، ئاخىرىدا مىكروسوفتنىڭ بۇ يېڭى ئۈسكۈنىسىنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلات ئىكەنلىكى ۋە گۇگىل كۆز ئەينىكىنىڭ پەقەت كۆز ئالدىمىزغا ئېسىۋالىدىغان مەشخۇلات قىلىش قىيىن بولغان كىچىك ئېكرانلىق يانفون ئىكەنلىكى سۆزلىنىپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 13:09
  • 可穿戴 كەيمە ئۈسكىنە دەپ ئېلىندىما , مەن بۇنى ئېلىپ -يۈرۈشلىك ئۈسكىنە دەپ ئىشلىتىپ كەپتىمەن.
    —————————————–
    —————————————
    可穿戴نى ‹‹تاقالما بويۇم›› دەپ ئوموملاشتۇرغاندەك قىلغان ئىدى. ئالدىنقى قىتىم بىر يەردە كۆرگەندە ئىسىمدە بار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 12:41
    • شۇنداق، 可穿戴نى ‹‹تاقالما بويۇم›› دېدۇق، ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار لۇغىتىدىن ئىزدەپ باقساڭلار بولىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 16:43
  • 可穿戴 كەيمە ئۈسكىنە دەپ ئېلىندىما , مەن بۇنى ئېلىپ -يۈرۈشلىك ئۈسكىنە دەپ ئىشلىتىپ كەپتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى am 07:02
  • ئاۋۇ تېمىسىدىكى «كۆرمەي تۇرۇڭلار» دىگەن خەتنى كۆرۈپ قىزىقىپ كىرىپ بېقىپتىمەن ! ھا ھا ھا …

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى am 10:21
  • ئۇ كۆزئەينەككە ھەقىقەتەن ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. بىر ئىنقىلاب باشلىۋېتىدىغان بولدى. گۇگۇلمۇ نەچچە يىللار بۇرۇن ياسىغان، ئەمما ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىزچىل ياقتۇرماسلىقىغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭ باھاسى قانچە چىقار ئەمدى؟ نەچچە ئون مىڭ سوم بوپ كەتمىسە بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى am 09:23
  • كۇرۇشكە بەۆ تەقەززا بوپ كىتۋاتمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى am 09:13
  • رەھمەت ئالىم مۇئەللىم ، مەن مۇشۇ Windows نىڭ خەۋەرلىرگە ئالاھىدە قىزقىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى am 08:49
  • تېخنىكىنىڭ ئىلغارراقلىرى شۇ Microsoft تىن چىقىدۇ دە ئەلۋەتتە ،

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى am 08:48