نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

تەرجىمانلىق ئىش ئورنىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلار سەمىگە

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
ئالدى بىلەن بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، تەرجىمانلىق خىزمەت ئورنى ئىلتىماس قىلغانلىقىڭلارغا كۆپ رەھمەت. مەن بەزى ئىشلار ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى لايىق كۆردۈم.

مەن خۇشاللىق بىلەن شۇنى بىلدۈرىمەنكى بۈگۈنگە قەدەر ماڭا خەت يازغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىزمەتكە سىناق قوبۇل قىلىندى، بۈگۈن ماڭا خەت يازغانلارنىڭ ھەممىسىنى گۇرۇپپىغا ئايرىپ، جاۋاب خەت يازدىم، خەتتە يەنە سىناق ئېلىش ئۈچۈن تەرجىمە قىلىدىغان ۋەزىپىمۇ ئەۋەتتىم، جەمئىي 1102 سۆز. نورمال ئەھۋالدا 2-3 سائەت ئىچىدە تاماملاشقا بولىدۇ. مەن ئەتە ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 10:00 دىن بۇرۇن جاۋابىڭلارنى ساقلايمەن. دەرھال خېتىڭلارنى تەكشۈرۈپ، خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان، چوقۇم تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىڭلارنى ھەمدە ۋاقتىدا تاماملاپ بولالايدىغانلىقىڭلار ھەققىدە 2-3 قۇر جاۋاب يېزىۋېتىڭلار، ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە بولىدۇ. بەلكىم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خەت ئالاقىمىز ئىنگلىز تىلىدا بولۇشى مۇمكىن.

بۇ ئىشلارنى كېچىكتۈرمەي سۈپەتلىك تاماملاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.

1. ئېلېكتىرونلۇق خەت (E-mail) تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىڭىز ھەققىدە قىسقىچە جاۋاب يېزىۋېتىڭ، ناۋادا بىزدىن سىزگە ۋەزىپە ئەۋەتىلگەن بولسا، تاماملاش ۋاقتى ئېنىق ئەسكەرتىلىدۇ. بىزگە قايتۇرغان جاۋاب خېتىڭىزدە يەنە بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكى ئىچىدە تاماملاپ بولالايدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ۋەدە بېرىشىڭىز كېرەك.

2. ۋەزىپىنى تاماملاپ بىزگە ئەۋەتكەن كۈنى بىزنىڭ دەلىللەش خېتىمىزگە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. ناۋادا، ۋەزىپىنى سۈپەتسىز تاماملىغان بولسىڭىز، تۈزىتىش پىكىرىنى يېزىپ ئەۋەتىپ بېرىشىمىز مۇمكىن، سىز تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان چوقۇم شۇ كۈنى كەچتە ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:00 دىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بولۇشىڭىز كېرەك.

3. Microsoft ھېساباتىڭىز بولۇشى كېرەك، بولمىسا live.com ياكى Hotmail.com دىن ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسى ئىلتىماس قىلىڭ.

4. ئالاقىگە قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، بۇ يەرگە http://dl.pconline.com.cn/html_2/1/86/id=46597&pn=0.html كىرىپ، Microsoft Messenger نى قاچىلىۋېلىڭ (بىز QQ نى ئىشلەتمەيمىز)، Microsoft ھېساباتىڭىز بىلەن تىزىملاپ كىرىپ، ئوچۇق ھالەتتە تۇرۇشىڭىز لازىم، جىددىي ئەھۋاللاردا بىز بىلەن پاراڭلىشىشقا قۇلايلىق بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Microsoft Skype نى قاچىلاپ، Skype دىن ھېسابات نومۇرىڭىز بولۇشى كېرەك، تورغا چىققان ھامان Skype ئوچۇق ھالەتتە تۇرۇشى كېرەك، بىز بەزىدە Skype ئارقىلىق ئاۋازلىق سۆزلىشىمىز.

5. كومپيۇتېرىڭىزدا Windows 7 ياكى Windows 8 بولۇشى ھەمدە Office 2007 ياكى Office 2010 بولۇشى كېرەك، Windows XP ھەمدە Office 2003 ئىشلەتسىڭىز بولمايدۇ.

6. بىز سىزگە يەنە Excel ھۆججىتى ئەۋەتتۇق، يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە دەم ئېلىش ۋاقتىڭىز،ھېيت-بايرام كۈنلىرىڭىزنى ئەسكەرتىڭ، بىز بۇ كۈنلەردە ۋەزىپە بەرمەيمىز. ئەستايدىل تولدۇرۇپ ئەۋەتىپ بەرگەيسىز.

7. ئاخىرىدا يەنە سىزگە بىرنەچچە جۈملە (تەخمىنەن 1100 سۆز) ئەۋەتتۇق، 2013-يىل 3-ئاينىڭ 24-كۈنى يەكشەنبە ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 10:00 دىن بۇرۇن ئەۋەتىپ بېرىڭ. بىز تەرجىمە سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشى تەرجىمانلارنى تاللايمىز. بۇ ئىشقا قىزىقىدىغانلارنىڭ داۋاملىق alim.ahat@hotmail.com غا خەت يېزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ سانىغا ھازىرچە چەك قويۇلمايدۇ، چۈنكى بەزى تەرجىمانلار داۋاملىق قىلىپ بولالماسلىقى مۇمكىن، يەنە بەزى تەرجىمانلارنىڭ ئىشى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سەپلەيدىغان زاپاس تەرجىمانلار قوشۇنى بولۇشى كېرەك، جىددىي ۋەزىپە كېلىشتىن ئىلگىرى ئاز دېگەندە 3 كۈن ياكى 10 كۈن بۇرۇن خەت ئەۋەتىپ ئۇقتۇرۇش قىلىمىز.
======================
(2) ئىشتىن سىرت تەرجىمانلاردىن باشقا يەنە تەرجىمانلارنى باشقۇرىدىغان، مۇقىم ئىشلەيدىغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىمىز، ئىنگلىزچە سەۋىيەسى ياخشى بولۇشى كېرەك، ئاساسلىق خىزمىتى تەرجىمانلارغا ۋەزىپە ئەۋەتىپ، كۈندىلىك خىزمەت مىقدارى ۋە سۈپىتىنى نازارەت قىلىدۇ.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى: alim.ahat@hotmail.com
============================
(3) ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرىدىكى سېتىش بۆلۈمىگە يۇمشاق دېتال مۇلازىمەت خادىمى قوبۇل قىلىمىز.
ئالاقىلىشىش ئورنى: قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى تۆتىنچى قەۋەت 4319-نومۇر، تېلېفون: 2813300 2839871

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
61 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئالىمجان مۇئەللىم ، مەن بۇرۇن Uighursoft Localization‏ دىگەن گۇرۇپپىغا قۇشۇلغان ، لىكىن بۇ گۇرۇپپا قۇرۇلۇپ ھېچقانداق ۋەزىپە تاپشۇرۋالمىدىم ، ھازىرمۇ ئادەم لازىم بولسا ، بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتى بارمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 17:13
    • ئەلۋەتتە بار، لېكىن كېلىۋاتقان ۋەزىپە بەك كۆپ بولمىغاچقا، مۇشۇ يەردىلا ئۆزىمىز بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز. يېتىشەلمىگەندەك سىلەرنى ئىزدەيمەن. رەھمەت سىزگە.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى am 10:13
  • ئالىم مۇئەللىم،تەرجىمانلىق ئىش ئورنىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى ئاخىرلاشتىمۇ؟مەنمۇ سىزگە خەت يازغان ئىدىم جاۋاب كەلمىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 14:49
  • ئەسسالام ئەلەيكۇم مۇئەللىم ،مەن كومپىيوتېرغا ناھايىتى قىزىقىدىغان بىر ئوقۇغۇچى .مەن بۇ بىلوگنى ئەمدى تۇنجى قېتىم كۆرىشىم ..كەسپىم بىئولوگىيە ،ئەمما بىزگە c++پروگراممىسى ئۆتىلىدۇ ، ئېنگىلىزچە سەۋىيەم ئالتىنچى دەرىجە.ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇغان ،ئىشتىن سىرت خادىم قۇبۇل قىلامدۇ؟يەنە ئىشتىن سىرت خىزمەت قىلىدىغانلار نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ ؟ چوقۇم ئىشخانىدا ھازىر بولىشى كېرەكمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 13:53
  • ئالىم مۇئەللىم مەن تەرجىمە قىلىپ ئېۋەتكەن ھېچقانداق جاۋاپ يوق تۇرىدۇ؟ بىر قاراپ باقسىڭىز بوپتىكەن، رەخمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 23:48
  • ماقۇل بولىدۇ . مەن تەرجىمانلىق ئىش ئورنىغىمۇ ئىلتىماس قىلغان ئىدىم ، ئۇنىڭدىن ھىچ خەۋەر يوق . يەنە بىر گەپ ، مەن ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۈېرسىتىتىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىمەن ، ئۇ مۇقىم خىزمەت ئورنىغا ئىلتىماس قىلىۋەرسەم بولارمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى am 07:37
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم !
    مەن سىز دېگەن تەرجىمانلانى باشقۇرىدىغان ئىش ئورنىغا ئىلتىماس قىلاي دېگەنىدىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 22:02
    • ئۇنداقتا تەرجىمەھالىڭىزنى ئەۋەتىڭ، خەتنىڭ تېمىسىغا مۇقىم خىزمەت دەپ يېزىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 22:11
  • تەرجىمانلارنى باشقۇرۇپ، ۋەزىپە ئەۋەتىدىغان، مۇقىم ئىشلەيدىغان خىزمەتچى تېخى قوبۇل قىلىنمىدى، شۇڭا، سىلەرگە خەۋەر بېرىلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 60 نەچچە تەرجىمان ھەممىسى تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتىپتۇ، ماڭا كېرەك بولغىنى ئاكتىپ ھالەتتىكى 15 تەرجىمان ئىدى، بەك كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ ئىشنىڭ سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا بۇ مەسىلىلەر تېخى ھەل قىلىنمىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 20:54
  • مۇئەللىم، سىز ئەۋەتكەن جەدۋەل، تەرجىمىلەرنى ئورۇنلاپ ئەۋەتكىلى خېلى بولۇپ قالدى. رەتلەپ كۆرۈپ چىقىش ئاياقلاشمىدىمۇ ياكى مەن شاللاندىممۇ؟ 3 – ئاينىڭ 24 – كۈنى باشقا بىر ئې خەتتىن تاپشۇرۇۋالدىم دېگەن خەت كەلگەندىن بېرى ھېچ خەۋەر يوق. كۆرۈۋاتقان بولساڭلار ياكى تاللىنالمىغان بولسام بىرەر ئۇچۇر بېرىۋەتكەن بولسىڭىز. رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى am 10:12
  • ياكى تەرجىمانلارغا ۋەزىپە بۆلىدىغان مەخسۇس خادىم تېخى چىقمىغان، ياكى ئىشلار تېخى باشلاش باسقۇچىدا، ۋە ياكى ھەپتە ئارىسىدا ئالىم مۇئەللىممۇ خىزمەت بىلەن ئالدىراش. جىددىيلىشىپ كەتمەڭلار..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى am 08:22
  • ئالىم ئەپەندى مەن سىزگە تەرجىمانلىق خىزمىتى توغۇرلۇق ئى – خىە ت ئەۋەتكەن قىسقىچە تەرجىمالىم بىلەن تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ بىلمىدىم . بۈگۈن شىركەتكە نەچچە قىتىم تىلپون قىلسام سىزنى كەلمەيدۇ دىدى . ۋاقتىڭىز چىقىپ قالسا بىر كۆرۈپ باقسىڭىز مىنىڭ ئىسمىم ئەكبەر . ئىنگىلىزچە ئەۋەتكەن ئىلخەتنى . رەخمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 21:36
  • مۇئەللىم ،تەرجىماننىڭ ئىشلىرى قانداق بۇلىۋاتىدۇ،توختاپ قالدىغۇ بۇ ئىشلار؟
    تەرجىمىلەر دىگەندەك ياخشى چىقمىغان ئوخشىىمامدۇ؟بولسا تەرجىمە قىلىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى بىر بىرلەپ كۆرسىتىم بەرسىڭىز ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 20:51
باھا بېتى: 1 2 3