Windows 8 Beta مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8 Beta مۇشۇ ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن

[ IT خەۋەرلىرى ]

Windows 8 ئىستىمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى 29-فېۋرال تارقىتىلىدىكەن

Windows 8 Beta نەشرىنىڭ نامى «Windows 8 ئىستىمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى»گە ئۆزگەرتىلدى. مىكروسوفت شىركىتى ئىلگىرى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا، Windows 8 Beta نى ئېلان قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئېنىق ۋاقتىنى ئاشكارلىمىغان ئىدى. يېقىنقى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مىكروسوفت شىركىتى «Windows 8 ئىستىمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى» ۋە «Windows Store ئەپ دۇكىنى»نى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنى ئېلان قىلماقچى بولۇۋېتىپتۇ. تارقىتىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى ۋاقتى بويىچە 2-ئاينىڭ 29-كۈنى (چارشەنبە) كەچ 8:00 دىن 10:00 غا توغرا كېلىدۇ.

Windows 8 ئىلگىرىكى Windows بىلەن زور پەرقلىنىدىغان بولۇپ، پۈتۈنلەي Metro (مېتىرو – يەر ئاستى پويىز) ئارايۈزى ئىشلىتىلگەن، Windows Store ئەپ (قوللانما دېتال) دۇكىنى تەسىس قىلىنغان، باتارېيە سەرپىياتى تېخىمۇ ئۇزارتىلغان، مەشغۇلات يۈزىدىن 17 يىللىق تارىخقا ئىگە «باشلاش» كۇنۇپكىسى ئاخىرى ئېلىۋېتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ARM بىر تەرەپ قىلغۇچنى قوللايدىغان بولۇپ، Windows 8 نى كومپيۇتېردىن باشقا يەنە تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگىمۇ قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

قارىغاندا، كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر ۋە تېلېفون ئارىسىدىكى رىقابەت تېخىمۇ كەسكىن بولىدىغان ئوخشايدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
78 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • نىمىلا بولمۇسۇن XP غا كۆنۇپمۇ قالغانتۇق …..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 23:04
    • يەنە 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، Windows8 گىمۇ كۆنۈپمۇ قالىسىز، لېكىن ئۇ چاغدا Windows 2020 ياكى Windows 11 چىقىشى مۇمكىن

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى am 11:36
  • windows 8 بۇنى قانداق قاچىلاپ ئىشلىتىمىز .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 20:29
  • ئالىم مۇئەللىم سىلەر تەرجىمە قىلغان جاۋا چ چ نى تېلپۇنۇمدا يەشكەن ئدىم ئەمما ئېچىلمايۋاتىدۇ ؟بۇ نېمە سەۋەبتۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى am 09:32
  • مەن ئۆتكەندە win8 نى قاچىلاپ كۆرۈپ باققان .ھەقىقەتەن بولىدىكەن سىستېما تىلىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ تەڭشىگىلى ،يەنە بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولىدىكەن.لىكىن تەمىنلىگەن خەت نۇسخىللىرىنى ئانچە ياقتۇرمىدىم.(win7 ئۈستىگە قاچىلىغاندا دىققەت قىلىڭ ،نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش(升级)دەپ قاچىلاپ قالسىڭىز ،ئەسلىگە ئەكىلىش ئۈچۈن سىستىمىنې قايتا قاچىلاشقا توغرا كىلىدۇ.)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 17:58
    • بۇ تېخې ئالدىمىزدا تارقىتىلدۇ . ئۇ win8 ئەمەس ماش خەقنىڭ ئىشى چىخمغان نەرسىنمۇ دوراپ ياساپ بولدغان مەنمۇ بىر چاغدا قاچىلاپ يۈرۈپتكەنمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 19:15
  • ئالىمكا سزدىن سورايدغان سوئالىمنى نەگە يېزىشنى تاپالماي مۇشۇ يەرگە كىردىم.
    1-سوئال : html5 مودا بولۋاتدۇ .ھەم ئىقتىدارىمۇ ئادەمنى قايىل قىلدۇ. ئەگەر مۇشۇنى ئۆگەنمەكچى بولساق ئىشنى نەدىن باشلايمىز ؟قانداق ئۆگەنسەك تېز ھەم ياخشى ئۆگەنگىلى بولدۇ.
    خاترە دەپتەر، تور بەت تەھىرلەيدغان . تور بەت ياسايدغان دېتاللارنى ئشلەتسەك ئوخشاش كود ئارقىلىق ئاخىردا ئېرىشدغان ئۈنىمى ئوخشاشمۇ؟
    2-سوئال :ئالىمكا مېنىڭ ھىس قېلشىمچە ھازىر ئۇيغۇر كومپيوتۇر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى خېلى ياخشى دەپ قارايمەن . بىزدە خۇددى پۇتبولغا قىزقاندەك قىزقىش بار .خۇددى پۇتبولنى پۇل بەرمسىمۇ ئۆز قىزقشى بېلەن ئويناۋاتقانلار كۆپ بولغاندەك .كومپيوتۇردىمۇ خالسانە ئەمگەك قىلدغانلار خېلى كۆپ . ئوت شۇنچە ئۇلۇق بولسىمۇ ئۇنىڭ قىلچە سۇسلاپ قېلىشىنى خالمايمىز بەزى چاغدا مۇشۇنداق قېرىنداشلىرىمغا ئىش ھەققى بەرسە قانچىلىىك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەر دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن . مەن بىر ئوقۇتقۇچى كەسپىم فىزكا ئەمما كومپيوتۇرغا بەك قىزقىمەن . كومپيوتۇر بىلەن شۇغۇللانغىلى 7~8 يىلچە بولۇپ قالدى.
    ئورنى بىر يەردە بولمسىمۇ توردا تۇرۇپ
    قىلدغان خىزمەت بولسا پەقەت مەنلا ئەمەس نۇرغۇن قولدىن ئىش كېلدغان تورداشلىرىمىز بۇ خىزمەتنى قىلاتتى.چۈنكى بىزدەك مۇشۇنداقلارنى تەشكىللەيدغان كۈچ يوق .بەزى چاغلاردا ئۆزەم چىقىشنمۇ ئويلايمەن . ھەممىسگە بولمسىمۇ 15~20 مسگە باش بولۇپ ئاستا- ئاستا تەرەققى قىلىشنى . شۇ چاغلارغمۇ ئاز قالدى. پىكىرىمگە قانداق قارايسىز ؟ بۇ جەھەتتە ئازراق تەلىم بەرسىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:32
  • قاتتىق دىتالغا قۇيىدىغان تەلىپى قانداقتۇ؟ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىچكى ساقلىغۇچ دىگەنلەر يەنە سىن كارتىغا قويغان تەلىپى قانداقتۇ.بۇلۇپمۇ سىن كارتا ۋە مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچقا قويغان تەلىپىنى بىلسەك بۇلامدۇ.64 بىتلىككە بەكىرەك كۇچىگەندۇ ھە،يەنىلا 32 يۇرىۋەرمەيلى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 21:25
  • مەنمۇ بىر ئايدىن بېرى windows7 بىلەن Office2010 نى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن (گەرچە يېشىۋىتىلگەن نوسخا بولسىمۇ)، ھەر ئىككىسىدە يېڭىلىق خېلىلا كۆپ. لېكىن مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم windows8 نىڭ Windows Store دېگەن بۇ ئەپ دۇكان. بەلكىم مۇشۇ دۇكان تۈپەيلى قوللانما دېتاللارنى ئىلگىركى سىستېمىلاردىكىدەك ئەركىن- ئازادە ئىشلىتەلمەسلىكىمىز مومكىن. مۇشۇ Windows Store دېگەن خۇددى مىكروسوفىتنىڭ قاتتىق دېتاللارنىڭ قوزغىتىش پىروگىراممىسىنى تىزىملاش ئارقىلىق، قاتتىق دېتال شىركەتلىرىنى ئۆزىگە بىقىندۇرغىنىغا ئوخشاش، ئەمدى قوللانما دېتاللارنى ساتىدىغان شىركەتلەرنى ئۆزىگە باغلىۋالدىغان «ھىلە- مىكىرى»مىكىن دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:21
    • پىروگىراممىچىلارنىڭ باھارى ئەمدى باشلىنىدۇ، جاپاغا چۇشلۇق ھاردۇق ئەمدى چىقىدۇ. يۇمشاق دېتاللارمۇ ئەرزانلايدۇ. ساختا دېتاللارغا ئورۇن قالمايدۇ. ھەممەيلەن ئىشلىگەن دېتاللىرىمىزنى مىكروسوفت شىركىتىگە تاپشۇرىمىز، ئىشلەتكۈچىلەرمۇ بۇ ئەپ دۇكانلىرىدىن سېتىۋالىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى am 08:39
    • ئۆزەمگە لازىملىق يومشاق دېتالنى ھەق تۆلەپ ئىشلىتىشكە رازىمەن،ئۇمۇ باشقىلارنىڭ ئەمگەك نەتىجىسى،نوكىئا نىڭ دۇكىنىدىن ئانچە-مۇنچەيومشاق دېتال سېتىۋىلىپ تۇرىمەن. لىكىن كومپۇتېردىكى بەزى يومشاق دېتالنىڭ باھاسى ھەددىدىن زىيادە قىممەت،ئادەتتىكى پۇخرا سېتىۋىلىشقا چىقىش قىلالمايدۇ،دىگىنىڭىزدەك بولسا ياخشى بولاتتى. يەنە بىر ئىش ئالىم مۇئەللىم ،بۇرۇنقى windows7،windowsxpنىڭ كومپۇتېر بىلەن قوشۇپ بېرېلگەن سېستىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېسكىسى بولسا ،ئازراق پۇل قوشۇپ windows8 غا ئالماشتۇرغىلى بولارمۇ؟مەنچە بولۇش كېرەك دەپ ئويلايمەن،ئەمەلىيەتتە قانداقكىن بىلمىدىم،مەندە windows7،windowsvista،windowsxpھەر بىرىدىن بىردىن بارتى. ئەگەر بولسا دوسلارنىڭ دېسكىلارنى ئىزدەپ ساقلاپ قويىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى am 09:50
باھا بېتى: 1 2 3