ئۇيغۇرچە 50 مىليون سۆزلۈك ئامبىرى (پېئىلنىڭ تۈرلىنىشى) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرچە 50 مىليون سۆزلۈك ئامبىرى (پېئىلنىڭ تۈرلىنىشى)

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

ئالدىنقى يىلى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ يېڭى نەشرىنى ئىشلەش ۋە قائىدە ئامبىرىنى قۇرۇش جەريانىدا، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇللار بىلەن تەھلىل قىلىپ، بوغۇمغا ئايرىش، ئاجىزلىشىش، تۈرلەش قائىدىلىرىنى تېخىمۇ ئىخچام قائىدىگە يىغىنچاقلىغان ئىدىم، قائىدىگە چۈشىدىغان پېئىل، ئىسىم، سۈپەتلەرنى ئاپتوماتىك تۈرلەپ غايەت زور ماتېرىيال ئامبىرىنى قۇرۇپ چىققان ئىدىم.

مەسىلەن: تۈپ پېئىل «ياز-»نى مىسال ئالسام،
(1) يېزىل (پېئىلنىڭ ئۆزەك شەكىللىرى، مەجھۇل دەرىجە)
(2) يېزىلغان (پېئىلنىڭ تۇرغۇن سۆز شەكىللىرى، پۈتكەن تۈر)
(3) يېزىلغىنىڭىز (پېئىلنىڭ خەۋەر شەكىللىرى، 2-شەخس سىپايە تۈر)
دەپ تۈرلەشكە بولىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىدا بىر تۈپ پېئىلنى يۇقىرىقىدەك پېئىلنىڭ ئۆزەك شەكىللىرى، پېئىلنىڭ تۇرغۇن سۆز شەكىللىرى، پېئىلنىڭ خەۋەر شەكىللىرى (يەنە 3 شەخس بىرلىك ۋە كۆپلۈك) بويىچە قاتمۇقات تۈرلەپ چىققاندا، جەمئىي 5040 خىل تۈرلەشكە بولىدىكەن. ئىلگىرى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار بۇ نەزەرىيەنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى، مەن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى 8455 تۈپ پېئىلنى تۈرلەپ، 42613200 (42 مىليوندىن ئارتۇق) سۈنئىي تۈرلەنگەن پېئىل ئامبىرىنى قۇرۇپ باقتىم. ئۆز ئەمەلىيىتىمدىن ئۆتكۈزدۈم. مېنىڭ بۇ ئامبىرىمدا ھەر قانداق بىر پېئىلنى قانداق شەكىلدە يازسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ ئەسلىي تۈپ پېئىلىنى %99.99 تېپىپ بېرەلەيدۇ. ھازىر مېنىڭ ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈك ئامبىرىدىكى تەكرارلانمىغان ھەر خىل مۇرەككەپ تۈرلەنگەن سۆز-ئىبارىلەر 50 مىليونغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان خام ماتېرىيال ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قورال دېتال ئارقىلىق «ئاپتوماتلاش-» دېگەن تۈپ پېئىلنى كىرگۈزۈپ، بىر كۇنۇپكا چەكسىڭىزلا مۇنداق نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز.
================
(1) ئاپتوماتلاشماق
(2) ئاپتوماتلىشىش
(3) ئاپتوماتلىشىپ
(4) ئاپتوماتلاشقان
(5) ئاپتوماتلىشىدۇ
(6) ئاپتوماتلاشتى
(7) ئاپتوماتلىشىدىغان
(8) ئاپتوماتلىشە
(9) ئاپتوماتلىشىشقا
(10) ئاپتوماتلىشىشى
(11) ئاپتوماتلاشسا
(12) ئاپتوماتلىشاتتى
(13) ئاپتوماتلىشار
(14) ئاپتوماتلاشقاندا
(15) ئاپتوماتلاشماقتا
(16) ئاپتوماتلىشىشنى
(17) ئاپتوماتلاشماي
(18) ئاپتوماتلاشقاندىن
(19) ئاپتوماتلىشىپتۇ
(20) ئاپتوماتلىشىۋاتقان
(21) ئاپتوماتلىشىشتىن
(22) ئاپتوماتلاشتىم
(23) ئاپتوماتلاشما
(24) ئاپتوماتلاشقۇچى
(25) ئاپتوماتلاشمايدۇ
(26) ئاپتوماتلىشىشنىڭ
(27) ئاپتوماتلىشىدىكەن
(28) ئاپتوماتلاشقاندەك
(29) ئاپتوماتلاشقىلى
(30) ئاپتوماتلىشىمەن
(31) ئاپتوماتلاشقانلىقىنى
(32) ئاپتوماتلىشىمىز
(33) ئاپتوماتلاشقانىدى
(34) ئاپتوماتلىشىپلا
(35) ئاپتوماتلاشقانلىقى
(36) ئاپتوماتلاشماسلىق
(37) ئاپتوماتلاشماقچى
(38) ئاپتوماتلاشقىنى
(39) ئاپتوماتلىشىڭ
(40) ئاپتوماتلاشتۇق
(41) ئاپتوماتلىشىشتا
(42) ئاپتوماتلىشىۋاتىدۇ
(43) ئاپتوماتلاشمايدىغان
(44) ئاپتوماتلىشاي
(45) ئاپتوماتلاشسىمۇ
(46) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقىنى
(47) ئاپتوماتلاشسۇن
(48) ئاپتوماتلىشىلغان
(49) ئاپتوماتلاشمىسا
(50) ئاپتوماتلاشقۇچ
(51) ئاپتوماتلاشمىدى
(52) ئاپتوماتلاشماس
(53) ئاپتوماتلاشساق
(54) ئاپتوماتلاشسام
(55) ئاپتوماتلاشقانلار
(56) ئاپتوماتلىشىسەن
(57) ئاپتوماتلاشتىڭ
(58) ئاپتوماتلىشايلى
(59) ئاپتوماتلاشساڭ
(60) ئاپتوماتلىشىپمۇ
(61) ئاپتوماتلىشىڭلار
(62) ئاپتوماتلىشالايدۇ
(63) ئاپتوماتلاشقانلىق
(64) ئاپتوماتلاشماستىن
(65) ئاپتوماتلاشسىڭىز
(66) ئاپتوماتلىشىۋاتاتتى
(67) ئاپتوماتلىشىلدى
(68) ئاپتوماتلاشقىن
(69) ئاپتوماتلاشماسلىقى
(70) ئاپتوماتلىشالماي
(71) ئاپتوماتلىشالايدىغان
(72) ئاپتوماتلاشتىكى
(73) ئاپتوماتلاشقۇدەك
(74) ئاپتوماتلاشقۇچىلار
(75) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقى
(76) ئاپتوماتلاشقانغا
(77) ئاپتوماتلىشىۋالغان
(78) ئاپتوماتلىشىسىز
(79) ئاپتوماتلىشىشتەك
(80) ئاپتوماتلاشقانلىقتىن
(81) ئاپتوماتلاشتىمۇ
(82) ئاپتوماتلاشقاچ
(83) ئاپتوماتلىشامدۇ
(84) ئاپتوماتلاشماڭ
(85) ئاپتوماتلاشقىنىچە
(86) ئاپتوماتلىشىشمۇ
(87) ئاپتوماتلاشمايمەن
(88) ئاپتوماتلىشىۋېلىپ
(89) ئاپتوماتلاشمايتتى
(90) ئاپتوماتلىشىشلار
(91) ئاپتوماتلىشىدىغانلار
(92) ئاپتوماتلىشىشتىكى
(93) ئاپتوماتلاشقانلىقىدىن
(94) ئاپتوماتلاشقاچقا
(95) ئاپتوماتلاشمايلا
(96) ئاپتوماتلىشىۋاتقاندەك
(97) ئاپتوماتلاشقۇسى
(98) ئاپتوماتلىشىۋېتىپ
(99) ئاپتوماتلاشقاندىلا
(100) ئاپتوماتلاشمايدىكەن
(101) ئاپتوماتلىشىشتى
(102) ئاپتوماتلاشسىلا
(103) ئاپتوماتلاشسىلام
(104) ئاپتوماتلاشقىنىنى
(105) ئاپتوماتلاشمىدىم
(106) ئاپتوماتلىشىۋاتقانلىقى
(107) ئاپتوماتلىشىشقىمۇ
(108) ئاپتوماتلىشىۋالدى
(109) ئاپتوماتلاشقانلىقىقا
(110) ئاپتوماتلاشقانلارنىڭ
(111) ئاپتوماتلىشارمۇ
(112) ئاپتوماتلاشمايمىز
(113) ئاپتوماتلاشقىنىغا
(114) ئاپتوماتلىشىۋېلىش
(115) ئاپتوماتلىشىشىمۇ
(116) ئاپتوماتلاشتىدىدە
(117) ئاپتوماتلاشماپتۇ
(118) ئاپتوماتلاشقانىكەن
(119) ئاپتوماتلىشىۋاتقاندا
(120) ئاپتوماتلاشقۇم
(121) ئاپتوماتلاشقۇچىنىڭ
(122) ئاپتوماتلاشقۇچە
(123) ئاپتوماتلاشقىنىم
(124) ئاپتوماتلىشىشتۇر
(125) ئاپتوماتلاشماڭلار
(126) ئاپتوماتلاشقانمۇ
(127) ئاپتوماتلىشاتتىم
(128) ئاپتوماتلاشقاننى
(129) ئاپتوماتلاشقانلارغا
(130) ئاپتوماتلاشقۇچىلارنىڭ
(131) ئاپتوماتلىشىۋېتىپتۇ
(132) ئاپتوماتلاشتىڭىز
(133) ئاپتوماتلاشقانلىرى
(134) ئاپتوماتلاشمايدىغانلىقىنى
(135) ئاپتوماتلىشالمىدىم
(136) ئاپتوماتلاشقانلارنى
(137) ئاپتوماتلاشمىساق
(138) ئاپتوماتلاشساڭلار
(139) ئاپتوماتلىشالايسىز
(140) ئاپتوماتلىشىۋال
(141) ئاپتوماتلىشالماسلىق
(142) ئاپتوماتلىشىدىغىنى
(143) ئاپتوماتلاشساممۇ
(144) ئاپتوماتلاشقانىدىم
(145) ئاپتوماتلىشىشىڭىز
(146) ئاپتوماتلىشاتتۇق
(147) ئاپتوماتلاشقاي
(148) ئاپتوماتلاشقانچە
(149) ئاپتوماتلىشىسىلەر
(150) ئاپتوماتلاشقاندىمۇ
(151) ئاپتوماتلىشىۋاتىمەن
(152) ئاپتوماتلاشقانلىقىنىڭ
(153) ئاپتوماتلىشامسىز
(154) ئاپتوماتلاشمايلى
(155) ئاپتوماتلاشمىغىن
(156) ئاپتوماتلاشماسلىققا
(157) ئاپتوماتلاشساقمۇ
(158) ئاپتوماتلاشقاندۇ
(159) ئاپتوماتلىشالمىغان
(160) ئاپتوماتلاشقاننىڭ
(161) ئاپتوماتلىشىۋېتىش
(162) ئاپتوماتلاشقانسېرى
(163) ئاپتوماتلاشقىنىڭ
(164) ئاپتوماتلىشىپتىكەن
(165) ئاپتوماتلىشىشنىمۇ
(166) ئاپتوماتلىشىپسىز
(167) ئاپتوماتلىشالىغان
(168) ئاپتوماتلاشقاق
(169) ئاپتوماتلاشقۇچىسى
(170) ئاپتوماتلىشالايمىز
(171) ئاپتوماتلاشقۇچىغا
(172) ئاپتوماتلاشقاندىكى
(173) ئاپتوماتلاشماسلىقنى
(174) ئاپتوماتلاشمامدۇ
(175) ئاپتوماتلىشىشچانلىق
(176) ئاپتوماتلاشمىغانىدى
(177) ئاپتوماتلىشىۋاتىمىز
(178) ئاپتوماتلاشقۇچىنى
(179) ئاپتوماتلاشقۇچىلارنى
(180) ئاپتوماتلاشمىدۇق
(181) ئاپتوماتلاشمايسەن
(182) ئاپتوماتلىشارمەن
(183) ئاپتوماتلىشىدىغاندەك
(184) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقىغا
(185) ئاپتوماتلىشىۋالدىم
(186) ئاپتوماتلاشقۇچىلارغا
(187) ئاپتوماتلىشالماس
(188) ئاپتوماتلىشالمىسا
(189) ئاپتوماتلاشقانلاردىن
(190) ئاپتوماتلىشىلمىغان
(191) ئاپتوماتلىشىشلارنى
(192) ئاپتوماتلىشىشىمىزغا
(193) ئاپتوماتلاشساڭمۇ
(194) ئاپتوماتلىشالايمەن
(195) ئاپتوماتلىشىپتىمەن
(196) ئاپتوماتلاشسىڭىزمۇ
(197) ئاپتوماتلىشالمايتتى
(198) ئاپتوماتلىشىشلارغا
(199) ئاپتوماتلىشىۋالسا
(200) ئاپتوماتلاشقانلىرىنى
(201) ئاپتوماتلاشقىنىدا
(202) ئاپتوماتلىشىۋاتقانلار
(203) ئاپتوماتلىشىۋېلىشقا
(204) ئاپتوماتلىشامسەن
(205) ئاپتوماتلاشماسلىقىنى
(206) ئاپتوماتلىشىۋېتىلگەن
(207) ئاپتوماتلاشقىنىدىن
(208) ئاپتوماتلاشسىڭىزلا
(209) ئاپتوماتلىشالىسا
(210) ئاپتوماتلىشىپسەن
(211) ئاپتوماتلىشىشچان
(212) ئاپتوماتلىشىۋاپتۇ
(213) ئاپتوماتلىشىۋالغاندىن
(214) ئاپتوماتلاشمايسىز
(215) ئاپتوماتلاشتىڭلار
(216) ئاپتوماتلىشىشچانلىقى
(217) ئاپتوماتلاشماقچىمۇ
(218) ئاپتوماتلاشمايدىغانلىقى
(219) ئاپتوماتلىشالىشى
(220) ئاپتوماتلاشتىغۇ
(221) ئاپتوماتلاشتىڭمۇ
(222) ئاپتوماتلىشىشىڭىزنى
(223) ئاپتوماتلىشالمىغاچقا
(224) ئاپتوماتلىشىدىغانغا
(225) ئاپتوماتلىشامدۇق
(226) ئاپتوماتلاشقىنىدەك
(227) ئاپتوماتلىشارمىز
(228) ئاپتوماتلاشساقلا
(229) ئاپتوماتلاشقاندۇر
(230) ئاپتوماتلىشىدىغانلارنىڭ
(231) ئاپتوماتلىشىلمىغاچقا
(232) ئاپتوماتلاشقىنىمىز
(233) ئاپتوماتلاشقۇچىلاردىن
(234) ئاپتوماتلىشىدۇدە
(235) ئاپتوماتلىشىشلاردىن
(236) ئاپتوماتلىشىۋات
(237) ئاپتوماتلاشقاندەكلا
(238) ئاپتوماتلاشمايۋاتىدۇ
(239) ئاپتوماتلاشمىدىڭ
(240) ئاپتوماتلىشىۋالاي
(241) ئاپتوماتلىشىشلا
(242) ئاپتوماتلاشقىنىمدا
(243) ئاپتوماتلىشىلمىدى
(244) ئاپتوماتلىشىشىچە
(245) ئاپتوماتلىشىۋېلىشى
(246) ئاپتوماتلاشقىنىڭىز
(247) ئاپتوماتلاشمىدىمۇ
(248) ئاپتوماتلاشقانلىقنى
(249) ئاپتوماتلاشقانلىقىمنى
(250) ئاپتوماتلاشمىقى
(251) ئاپتوماتلىشارسەن
(252) ئاپتوماتلاشقىنىمنى
(253) ئاپتوماتلىشىشىڭىزغا
(254) ئاپتوماتلىشارمىش
(255) ئاپتوماتلاشقانلارمۇ
(256) ئاپتوماتلىشىدۇكى
(257) ئاپتوماتلىشىشلارنىڭ
(258) ئاپتوماتلىشاتتىڭلار
(259) ئاپتوماتلىشالايدىكەن
(260) ئاپتوماتلاشتىڭىزمۇ
(261) ئاپتوماتلاشمىغىنى
(262) ئاپتوماتلىشىدىغاندۇ
(263) ئاپتوماتلىشىشنىلا
(264) ئاپتوماتلىشىشىڭ
(265) ئاپتوماتلىشىۋاتامدۇ
(266) ئاپتوماتلاشمىغۇچە
(267) ئاپتوماتلاشساملا
(268) ئاپتوماتلاشقانلىقىم
(269) ئاپتوماتلاشمامسەن
(270) ئاپتوماتلىشىۋاتسا
(271) ئاپتوماتلىشىۋالاتتى
(272) ئاپتوماتلىشىۋېرىپ
(273) ئاپتوماتلىشىۋېرىدۇ
(274) ئاپتوماتلاشقانتى
(275) ئاپتوماتلىشالايتتى
(276) ئاپتوماتلىشالماسلىقى
(277) ئاپتوماتلىشىدىغانلىقىدىن
(278) ئاپتوماتلىشىۋېلىشنى
(279) ئاپتوماتلىشالماپتۇ
(280) ئاپتوماتلىشالىدى
(281) ئاپتوماتلىشىۋېتىشكە
(282) ئاپتوماتلاشتىلا
(283) ئاپتوماتلاشقۇلۇق
(284) ئاپتوماتلاشقانىدۇق
(285) ئاپتوماتلاشقۇچنى
(286) ئاپتوماتلاشمايمۇ
(287) ئاپتوماتلىشىۋاتاتتىم
(288) ئاپتوماتلىشالامدۇ
(289) ئاپتوماتلىشىشىمىزنى
(290) ئاپتوماتلىشامسىلەر
(291) ئاپتوماتلاشقانتىم
(292) ئاپتوماتلاشقۇچىدۇر
(293) ئاپتوماتلىشىۋالغاندەك
(294) ئاپتوماتلىشامدىكىن
(295) ئاپتوماتلىشىدىكەنمىز
(296) ئاپتوماتلىشىشقىلا
(297) ئاپتوماتلىشىۋەرسە
(298) ئاپتوماتلاشقىنىمىزدا
(299) ئاپتوماتلاشماقتىمەن
(300) ئاپتوماتلىشىشىڭلارنى



(5035) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغانلىقلىرىدىن
(5036) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغانلىقلىرىغا
(5037) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغاننىلا
(5038) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغۇچىلارمىز
(5039) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغۇچىلىققا
(5040) ئاپتوماتلاشتۇرۇلغۇدەكلا
==============
مېنىڭ بايقىشىمچە ئۇيغۇر تىلى ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدە ئىسىم تەخمىنەن %50 نى، پېئىل تەخمىنەن %25 نى، باشقا سۆز تۈركۈمى %25 نى ئېگەللەيدۇ. خالىغان بىر تەبئىي جۈملىدە گەرچە پېئىلنىڭ سانى تېخىمۇ ئاز بولسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ تۈرلىنىش شەكلى ئەڭ كۆپ ۋە مۇرەككەپ بولىدىكەن. زامان ۋە شەخس قوشۇمچىلىرى تۈپ پېئىلنىڭ كەينىگە ئۇلىنىپ ھەر خىل مەنانى بىلدۈرىدىكەن، مەن بىلىدىغان ئىنگلىز تىلىدا مۇنداق ئالاھىدىلىك يوق، بەلكىم باشقا تىلدىمۇ بۇنداق ياخشى ئالاھىدىلىكنى تېپىش تەس بولۇشى مۇمكىن. ئالدىنقى يىلى مەن بۇنداق چوڭ تىپتىكى ئۇچۇرلارنى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش سېھرىي كۈچىگە تېخىمۇ قايىل بولغان ئىدىم ھەمدە مۇشۇنداق بىر تىلنىڭ ئۆز ئانا تىلىم بولۇپ قالغانلىقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلانغانىدىم.

2-ئاينىڭ 21-كۈنى «دۇنيا ئانا تىل» بايرىمى، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

تۆۋەندە مىسال بېرىلدى.
================
بىز زاۋۇتىمىزغا ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىشىمىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئاپتوماتلاشتى. بىز بۇنىڭدىن ئىشلەپچىقىرىشتا ئاپتوماتلىشىش زۆرۈرلىكىنى قاتتىق تونۇپ يەتتۇق. ئاپتوماتلاشتۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش بىزنىڭ ئىقسادى كىرىمىمىزنى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىز تېخىمۇ ئاپتوماتلىشىشقا يۈزلەندۇق. خوجايىننىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەڭلار تامغا ئېسىلغان « ئەگەر ئىشلەپچىقىرىشىم ياخشى بولسۇن دېسەڭ ئالدى بىلەن ئاپتوماتلىشىۋال (ئاپتوماتلاش)» دېگەن گەپنى كۆرگىنىڭىزدە بۇ گەپنىڭ نەقەدەر توغرا ئېيتىلغانلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمايسىز.
================

ئۇيغۇر تىلىنى داڭلىغان نەچچىنچى ئەخمەق؟نى بۇ يەردىن كۆرۈڭ

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
82 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۈم،بۇنىڭدا سىز ئا ياكى ئە ھەرىپىنىڭ ئاجىزلىشىنى قانداق ھەل قىلدىڭىز؟
    مەندىمۇ 3000 غا يېقىن پېئىل بار ئىدى ،مەنمۇ سىناپ باقاي دېگەن.
    يېقىندا مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر تۈر بىلەن ھەپلىشىۋاتقان،توردىن ئىزدىسەم سىزنىڭ بىلوگىڭىز چىقتى،بولسا ئېغىر كۆرمەي مۇشۇ تۈپ سۆزنى تارتىش[词干提取] بىلەن ئۇيغۇرچە مەنە جەھەتتە ئوخشاشلىق جەھەتتە ھېسابلاش (字符相似度ئەمەس) بىر دەرىسىڭىزنى ئاڭلىغۇم بار ئىدى ،ئېلخەت ئاددىرېسىمنى قالدۇرۇپ قويدۇم،خېتىڭىزنى ساقلايمەن.رەھمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 15:23
    • ئاجىزلىشىشنىڭ قائىدىسى بار، ئاۋۋال ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇ قائىدىنى ئۆگەنگەچ تۇرۇڭ، ھازىر بەكلا ئالدىراش ئىشلەۋاتىمەن، چېچىمنى قاشلايدىغانغىمۇ ۋاقىت يوق دېگەندەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 17:03
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، بەلكىم كوررېكتورلۇق سېستىمىسى ۋە شىركىتىڭىزنىڭ، ئوقۇ-ئوقۇتۇشنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بوپ كەتكەنسىز(دەيمەنغۇ ئەمدى، مەۋسۇم ئاخىرىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدىن كومسىيەلىككە ئورۇنلشتۇرۇپ قويدىمىكى دەپ چاخچاق ھە ) لېكىن قارىسام ھەربىر تېمىڭىزدا دېگۈدەك سۇئال سورىغۇچىلارنىڭ سۇئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرماپسىز. رەھمەت سىزگە
    ئەمدى نەق گەپنى قىلسام، ئۆتكەندە سىزدىن كومپىيوتېر تېلشۇناسلىقى توغرۇلۇق بىر نەچچە ئايدىڭ بولمىغان سۇئاللىرىمنى سورىغانىدىم، جاۋابىڭىزدىن قانائەت ھاسىل قىلدىم ھەم ماتېرىيال كۆرگەچ بىر نەچچە مەسىلىگە يولۇقۇپ ھەل قىلىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالدىم.
    1- مەسىلەم : سىز 2013-يىلىغۇ دەيمەن ئاتلاندا لېكسىيە سۆزلىگەندە (توردىن كۆرگەنتىم لېكسىيە سىن فىلىمىنى) ئۇيغۇر تىلمىزدىكى سۆزلەرنى بوغۇم بويىچە پارچىلاش توغرۇلۇق قىسقىچە سۆزلەپتىكەنسىز، سوزۇق تاۋۇشلارنى ئاساس قىلىپ بوغۇمغا ئايرىساق بۆلۈش فۇنكىتسىيەسىنى قانداق ئىشلەتسەك مۇۋاپىق بولىدۇ ؟ ئەگەر بۇ بويىچە قارىساق سۆزلەرنى بوشلۇق بويىچە ئايرىپ سانىساق بولغۇدەك، بۇ ۋاقىتتا قايسى فۇنكىتسىيەنى ئىشلەتسەك مۇۋاپىق بولار ؟
    2- «ئا ، ئە » ھەرپىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ئاجىزلاشقان ھەرپلەرنى ئەسلىگە قايتۇرۇش جەھەتتە قانداق بىرتەرەپ قىلىشتىن تەلىم بەرسىڭىز.
    3- مۇمكىن بولسا يېنىڭىزغا بېرىپ شاگىرت بولغاچ ئۆگەنسەم دېگەن ئارزۇيۇم بارتى، قوبۇل قىلارسىزمۇ ؟
    جاۋابىڭىزغا تەشنامەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 14:53
    • 1- مەسىلەم : سىز 2013-يىلىغۇ دەيمەن ئاتلاندا لېكسىيە سۆزلىگەندە (توردىن كۆرگەنتىم لېكسىيە سىن فىلىمىنى) ئۇيغۇر تىلمىزدىكى سۆزلەرنى بوغۇم بويىچە پارچىلاش توغرۇلۇق قىسقىچە سۆزلەپتىكەنسىز، سوزۇق تاۋۇشلارنى ئاساس قىلىپ بوغۇمغا ئايرىساق بۆلۈش فۇنكىتسىيەسىنى قانداق ئىشلەتسەك مۇۋاپىق بولىدۇ ؟ ئەگەر بۇ بويىچە قارىساق سۆزلەرنى بوشلۇق بويىچە ئايرىپ سانىساق بولغۇدەك، بۇ ۋاقىتتا قايسى فۇنكىتسىيەنى ئىشلەتسەك مۇۋاپىق بولار ؟
      جاۋاب: بۇ فۇنكتسىيەنى ئۆزىڭىز يازىسىز ئەلۋەتتە. سۆزلەرنى پەقەت بوشلۇق بىلەن ئايرىش كۇپايە قىلمايدۇ، ئويلىشىدىغان تىنىش بەلگىلەرمۇ بار. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن فونكتسىيەلەر بار، شۇلارنى ئىشلەتسىڭىز ئەڭ ئوبدان بولىدۇ. بۇنى قايتا يېزىپ يۈرمەڭ، ئەمما بۇغۇمغا ئايرىيىدىغان فۇنكتسيەنى ئۆزىڭىز يازىسىز.
      ==========================
      2- «ئا ، ئە » ھەرپىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ئاجىزلاشقان ھەرپلەرنى ئەسلىگە قايتۇرۇش جەھەتتە قانداق بىرتەرەپ قىلىشتىن تەلىم بەرسىڭىز.
      جاۋاب: ھازىرچە ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكا كىتابىنى تەۋسىيە قىلاي، بۇنىڭدا ئېنىق قائىدىلەر بار.
      ==============
      3- مۇمكىن بولسا يېنىڭىزغا بېرىپ شاگىرت بولغاچ ئۆگەنسەم دېگەن ئارزۇيۇم بارتى، قوبۇل قىلارسىزمۇ ؟
      جاۋاب: ھازىرچە ئىشلىرىمىز سەل ئالدىراش، بەزىدە ئىشلەۋاتقان بالىلار بىلەنمۇ يېرىم كۈن پاراڭلاشماي ئىشلەپ كېتىمىز، يېتەكلەشكە ۋاقىت چىقماي قالسا، زېرىكىپ قالىسىز، ئىشلىرىمىز سەل ئىزىغا چۈشكەندە مەن يەنە مۇشۇ بىلوگىدا خەۋەر قىلاي، ئۆزلۈكىڭىزدىن ئۆگىنىپ تۇرۇڭ،

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 22:06
  • مۇئەللىم سىزگە كۆپ رەھمەت. ئەمدى بۇنى قانداق ئىشلىتىدىغىنىمىزنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن. سىزنى كۆپ ئاۋارە قىلغانلىقىمدىن تولىمۇ خىجىلمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 14:48
  • رەھمەت مۇئەللىم، مەن ھازىر چەتئەلدە ئوقۇۋاتقاچقا سىز بىلەن بىۋاستە ئالاقىلىشىش پۇرسىتىگە ۋاقتىنچە ئېرىشەلمەي قالدىم. مەن ئۆز تەتقىقاتىمدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىنى (2011-يىللىق يېڭى نەشرى) ساندان قىلىپ ئاندىن سۆزلەرنى سىتاستىكىلاش ۋە قوشۇمچە قولۇشۇش ئەھۋالىرىنى ئىشلەي دېگەن. كومپىيۇتىر بىلىملىرىم كەمچىل بولغاچقا ساندان مەسلىسىدە سەل قىينىلىپ قالدىم. باشقىلارغا بۇ توغرىسىدا دېسەم سىز بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىشنى ئېيتىقان ئىدى. 50 مىليۇن سۆزلۈك ھەقىقەتەن كۆپ. قارىسام بۇ لۇغەتكە 60 مىڭ ئەتراپىدا سۆز كىرگۈزۈلدى دەپتۇ. ئەمەلىيەتتە ماڭا ئۇنداق كۆپ سۆزلۈك بولمىسىمۇ بولاتتى. مۇئەللىم سىزدە مەخسۇس لۇغەت ساندانى بارمىدۇ؟ (بۇنى سوراشنىڭ تازا مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، ئەمما سىز ئىشلەپ بولغان بولسىڭىز مەن كۆپ ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىپ قايتا ئىشلەپ يۈرمەي دەپ ئويلىدىم.) مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز. سىزگە كۆپ رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 17:37
    • بۇ لۇغەتتە 60 مىڭ سۆز چىقمايدۇ. مەندە مۇنداق ئامبارلار بەك كۆپ، سىلەردەك تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن مەن ئايرىم ئېغىز ئېچىپ بېرىشنى ئويلاشتىم. ئەلۋەتتە ھەممە سانداننى ئوچۇق ھالەتتە تەمىنلەپ بېرەلەيمەن. سىز پەقەت خالىغانچە ئىزدىيەلىسىڭىزلا بولدى. بۇ جەھەتتە سىز قايتىدىن ساندىن قۇرۇپ، پىروگرامما يېزىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 21:15
  • ئالىم مۇئەللىم، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا تېخىمۇ بەرىكەت ۋە مول ھوسۇل تىلەيمەن. مەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ياسىلىشى توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقان بىر ئىزدەنگۈچى. مەن ھازىرىقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىنى تىل ماتىرىيالى قىلاي دېگەن ئىدىم. ئەگەر مۇمكىن بولسا سۆز ئامبىرىڭىزنى ماڭىمۇ تەمىنلەپ بېرەلەرسىزمۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى am 03:44
    • مەن پات يېقىندا بۇ ئىقتىدارنى كوررېكتورلۇق دېتالىغا قوشماقچى. يەنى سىز بۇ 50 مىليون سۆزلۈكنى خالىغانچە ئىزدىيەلەيسىز. شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ باقارسىز، رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى am 07:59
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !
    ئالىم مۇئەللىم مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۈستىدە ئىزدەنگۈچى ئىدىم،ئۇزاقتىن بېرى تاپالماي ۋە ياكى نەدىن تېپىشنى بىلەلمەي تۇراتتىم.ئەگەر مۇمكىن بولسا سۆز ئامبىرىڭىزنى ماڭا تەمىنلەپ بىرەلەسىزمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 17:39
    • نېمىگە ئىشلىتىسىز؟ ئۆزىڭىز نەدە؟ نېمە ئىش قىلىسىز؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 16:52
      • مەن سۇجوۋ ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئۇقۇغۇچىسى .بۇيەردىكى مۇئەللىمگە ئەگىشىپ سۆز ۋە جۈملە مەنىسىنى بىرتەرەپ قىلىش(语义分析)سۆز تۇمۇرىنى تېپىش توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقان ئىدىم.ماڭا ھازىر بىرقەدەر چوڭ ھەم تۇلۇق بولغان(语料库)لازىم بۇلىۋاتىدۇ.بۇنداق ماتىرياللارنىڭ بار يوقلىغىنى بىلمىدىم.تورلادا خېلى ئىزدەپمۇ تاپالمايۋاتىمەن.شۇڭا سىزنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىڭىزنىڭ ئاساسىدا بىر ئىزدىنىپ باقاي دىگەن .بۇنى ئۇچۇر قېدىرىش ئىزدەش قاتارلىقلارنىڭ ئۈنۈمىنى ۋە توغرىلىق دەرىجىسىنى يۇقۇرىلىتىش تەرەپكەلەرگەئىشلەتمەكچى ئىدىم.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:42
  • ئالىم مۇئەللىم ماڭا ئۇيغۇرتىلى لۇغەت تەركىۋى لازىم ئىدىم ،پەقەت بۇ توغرىسىدا يېزىلغان ماتىرىياللارنى تاپالمىدىم ،مەن ئىككىنىچى دوختورخانىدا ،بىزنىڭ بىر تەتقىقاتىمىزغا كىرەكلىك ئىدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 18:31
  • ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇسىز؛
    مەنمۇ كومپىيۇتىرساھەسىدەتىڭىرقاپ يۇرگەن بىر زەررىچە ، بۈگۈن تورئارلاپ يۇرۇپ مەخسەتسىزسىزنىڭ توربېكىتىڭىزگەكىرىپ قاپتىمەن ، مەن سىزنىڭ ئۇيغۇركومپىيۇتىرچىلىقى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىڭىز ۋە بۇساھەگەقوشقان تۆھپىڭىزدىن بۇرۇندىن ئىنتايىن پەخىرتۇيغۇسى ئىچىدە خەۋەرداربولۇپ تۇرىۋاتىمەن.
    بۇگۈن سىزگە بۇخەتنى قالدۇرالىغىنىمدىن ھەم پەخىرلىنىمەن.
    ھەمدەسىزگەمۇنداق بىركىچىككىنەتەكلىپنى بەرسەم ، مىللىتىمىزنىڭ ، مىللىي تىل يىزىقىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر ئويلىنىپ كۆرگەن بولسىڭىز.
    1- ئۇيغۇركومپىيۇتىر ساھەسىدە قوليازمىنى تونۇيدىغان ۋە TXTكە ئۆزگەرتىدىغان بىرسېستىما ناھايىتى كەمچىل بولۇپ كەلمەكتە . ماڭائايان بۇسېستىما10يىل بۇرۇنلا دۇنياغاكەلگەن لېكىن ھازىرغىچەكەڭ خەلقىمىز قارىسىنى كۆرمىدى. مومكىن بولسا مۇشۇ سېستىمىنى كەڭ قېرىنداشلىرىمىز نىڭ ئىشلىتىشىگەھەقسىز تارقىتىپ بىرىشنى ئويلىشىپ كۆرگەن بولسىڭىز.
    2- سىز ئۇيغۇر تىل-يىزىق گىرامماتىكىسى توغۇرسىداناھايىتى كۆپ تەتقىقاتلارنى ئىلىپ باردىڭىز،بۇجەھەتتىمۇ خېلى كۆپ تەجىربە ۋە نەتىجىلىرىڭىزبار . مومكىن بولسا شىركەت توربېكىتىڭىزدە 金山词霸 غائوخشاش تورداتەرجىمەۋەتەھرىرقىلالايدىغان ھەقسىز سېستىماچىقىرىپ بەرگەن بولسڭىز . بىلىمەن بۇ سىزنىڭ ‹ئۇيغۇرسوفىت ئەل كوررىكتورى› نىڭ ئىختىدارى ، يەنەكېلىپ بۇيومشاق دىتال شىركىتىڭىزنىڭ كىرىم مەنبەلىرىنىڭ بىرى ، شۇندھك بولسمۇ مىللىتىمىز ئۈچۈن شۇ قۇربانلىقنى بېرىشنى ئويلىشىپ باققان بولسىڭىز.
    شۇنداقتاسىزنىڭ مىللەت ۋە تىل ئۇچۇن قوشقان تۆھپىڭىز ‹ھوشۇر ئىسلام› مۇئاللىم نىڭكىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن بولاتتى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى am 01:38
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىمكا قانداق ئەخۋالىڭىز؟ ئالدى بىلەن تىنڭىزسالامەت بۇلشىنى ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولشىنى تىلەيمەن.
    ئالىمكا سىزنىڭ ۋاقتىڭىزنى ئالماي ئەمدى مەن ئاساسلىق مەخسىتمگە كەلسەم مۇشۇ ئۇيغۇرچە 50 مىليون سۆزلۈك ئامبىرى قۇرۇپ چىققپتۇ،مۇمكىن بولسا تۇرنىڭ تەرجىمە ئامىرىغا 翻译 google
    ئۇيغۇر تىلىنى قاتقۇزۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەقىياتى ۋە ئۇيغۇرمىللتنىڭ مىللەت ساپاسنى ئاشۇرۇشتىكى تۇرتكۇلۇك رول ئوينايدىغان ئۆتكەلنى يىڭىشكە ياردەم قىلشڭىزنى تۆۋەن چىلىك بىلەن ئۆتۇنىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 19:52
  • تىل نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ،ئانا تىمىز ئەسلىدىنلا ئېسىل تىل ئۇنىڭ ئورنىنى يۇقۇرى قىلىدىغانمۇ،ئورنىنى تۆۋەن قىلغانمۇ ئەسلىدە بىزــ ئۆزىمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 15:53
  • ئالىم ئەھەت ئەپەندىدىنمەن ناھايىت بەك مەمنۇن بولدۇم .ئانا تىلىمىزنىڭ قانۇنىيىتى،ئېسىللىقى مېنىڭچە يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئاشۇنداق پېئىل تۇرلىنىشىدە دەپ قارايمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 15:50
باھا بېتى: 1 2 3 4