ياخشى خىزمەتچى قەيەردە؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

ياخشى خىزمەتچى قەيەردە؟

[ تاغدىن-باغدىن ]

قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز ئىنگلىز تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، مەن بۇ ئىشلارنى ئىزچىل قىلىپ كەلگەن ئىدىم. لېكىن، يېقىندىن بۇيان خىزمەت مىقدارىمىز ئېشىپ كەتتى. بەزىدە مېنىڭ ۋاقتىمغا توغرا كەلمەيتتى. ئۇيغۇرسوفت ھەقىقەتەنمۇ بۇ جەھەتتىكى تايانچ كۈچلەرگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ئالدىنقى ھەپتە توردا ئېلان بەرگەن ئىدىم.

ھازىرغا قەدەر 20 گە يېقىن خادىمنىڭ تەرجىمىھالىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، بەزىلىرى بىلەن يۈز-تۇرانە پاراڭلىشىپمۇ باقتىم. ھەقىقەتەنمۇ ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسى ياخشى ئىكەن. بۇ خىزمەتنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسى كامىدا مەن بىلەن تەڭ بولۇشى يەنى ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى 6-دەرىجە (CET-6) دىن ياخشى نومۇر ئېلىشى كېرەك ئىدى. ئىش ئىزدەپ كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە بۇنداق سەۋىيەدىكىلەرمۇ خېلى كۆپ ئىدى. مەن ھەقىقەتەنمۇ خۇشال بولدۇم.

گەرچە بىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز ئۇچۇر ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، تېخنىكىلىق ماتېرىياللارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يەنىلا ئاممىباب ساۋات خاراكتېرلىك مەزمۇنلار ئىدى. بۇنى چۈشىنىش ئەلۋەتتە ئۇلارغا تەس كەلمەيتتى، لېكىن، ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر تىلىدا راۋان ئىپادىلەشتە، ئاندىن ئىنگلىزچە جاۋاب قايتۇرۇپ راۋان يېزىشتا قىينالدى. يۈز-تۇرانە پاراڭلىشىش ئۈچۈن كەلگەنلەرگە مەن ئاددىي تېخنىكىلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ، بۇنى ئوقۇپ چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ تىل سەۋىيەسىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوقۇپ چۈشەندۇق-دەيدۇيۇ، لېكىن، ھېلىقى نېمە ئىدى؟ ئىشقىلىپ ھېلىقى بىر نەرسە، ھېلىقىچۇ؟-دەپ، ئۇيان-بۇيانغا قاراپ، سۆزلىرىنى تەكرارلايتتى، لېكىن، ئۇيغۇر تىلىدا ياكى خەنزۇ تىلىدا راۋان ئىپادىلەپ بېرەلمەيتتى. بۇ مەسىلە خىزمەت ئىزدەپ كەلگەنلەر ئۈچۈن ئاساسەن ئورتاق ئىدى.

مېنىڭچە باشقا بىر تىلنى ئۆگەنگەندە يېزىقچە ياكى ئېغىزچە چۈشىنىش قابىلىيىتىدىن باشقا يەنە شۇ نەرسىلەرنى ئۆز ئانا تىلىدا راۋان ئىپادىلەپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئەلۋەتتە تىل سەۋىيەسىدىن باشقا يەنە شۇ ئاممىباب ساۋات خاراكتېرلىك مەزمۇنلارنى بىلىش چوقۇم تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ياخشى تەرجىمان بولالايدۇ. ناۋادا، بېرىلگەن مەزمۇنلارنى ئوقۇپ، سۆزلىگۈچىنىڭ مەقسەت ۋە مۇددىئاسى ئۈستىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپ تېگىدىن چۈشىنەلەيدىغان ھەمدە ئۆز مەقسىتىمىزنى راۋان ئىپادىلەپ جاۋاب يازالايدىغان بولسا، بىزگە ھەقىقەتەنمۇ كۆپ پايدىسى تېگىدۇ. بولمىسا، بۇ خىزمەتنى ئالىم مۇئەللىم داۋاملىق ئۆزى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شىركەت مەسئۇلى بولغان ئادەم ئۆزى ھەم تەتقىقات ھەم تەرجىمانلىق ھەم باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالسا، ياخشى بولمايدۇ.

ياخشى خىزمەتچى زادى قەيەردە؟ مەن يەنە ساقلايمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
25 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • يەنە بىر چاقچاق، ياخشى خىزمەتچى ياخشى لېدىر بار يەردە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 17:00
  • مۇشۇ يازمىڭىزنى ئەگەر 2007-يىلى كۆرگەن بولسام چوقۇم بىرىنچى بولۇپ UighurSoftTeam غا قوشۇلغان بولاتتىم، ئەپسۇس…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 16:40
  • good

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 20:41
  • ئانا تىل، خەنزۇتىلى، ئېنگلىزتىلىدىن ئىبارەت بۇ ئۈچ تىل ئارىسىدا بالىلارنىڭ كاللىسى پىرقىراپ قالدى.
    شىنجاڭ سىفەن داشۆنىڭ قوش تىل تولۇق كۇرسنى پۇتتۇرگەن بىر ئوقۇتقۇچى بىر پارچە تەرجىمىھالىنى خەنزۇچە يازالماي تەرلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم.
    ھازىرقى داشۆلەردە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارامدىغاندۇ ياكى بىكار تۇرماي DJ ئۆگىتەمدىغاندۇ دەپ قالىمەن
    شۇڭا ئۇچرىغانلا بالىلارغا ياخشى ئوقۇش، ئاسپىرانلىقتا ئوقۇش، چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش ھەققىدە گەپ قىلىپ باقىمەن تېخى…..
    رىقابەتلىك دەۋىردە بىز تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز لازىم….

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 12:04
  • س مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ،مەن كىلەر يىلى بىر يىل ئوقۇش توختاتماقچى،بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كىيىن
    ،سىناپ بېقىشنى ئويلاۋاتىمەن… سىزگە قىسقىچە ئەھۋالىمنى قانداق ئېۋەرتىپ بىرىمەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى am 10:12
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالىم ئەھەد ئەپەندىم
    مەن ئىچكىردىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى.مىنىڭ كەسپىم جۇغراپىيە
    ئۇچۇر سيستىمىسى.تەتقىقات يۆنىلىشىم جۇغراپىيە ئۇچۇرلىرىغا ئائىت پروگىرامما يېزىش .بىر يېرىم يىلدىن بۇيان
    تۆت تەتقىقات تىمىسىغا قاتنسشتىم،بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇتۇنلەي پروگىرامما تۈزۈش بىلەن تاماملىنىدىغان
    تەتقىقات تىمىلىرى(javaۋە Csharpلاردە ئىشلىگەن ،VCئاساسىممۇ ياخشى).ئىنگىلىزچە سەۋىيەمگە كەلسەم
    ،تولۇق كۇرۇس مەزگىلىدە 4-دەرىجىدىن ئۆتكەن ،كىيىن 6-
    دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ باقمىدىم.ھازىر گرې ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.
    ئەگەر مومكىن بولسا ،ۋاقىتلىق ئىشلەش پۇرسىتى بارمىدۇ )يېرىم يىللىق ياكى بىرەر يىللىق دىگەندەك (

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 23:23
    • ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
      ئاز دېگەندىمۇ بىر يىل مۇقىم ئىشلەپ بېرەلەيدىغان خادىم بولۇش كېرەك. مۇقىم ئىشلەيدىغان خادىملاردىن يەنە بىرسى كېرەك بولۇۋاتىدۇ، ناۋادا، بۇلار يېتىشەلمىگەندە ئاندىن ئىشتىن سىرت ئىشلەيدىغانلارغا ئىش تاپشۇرساق بولىدۇ. ناۋادا، قىزىقسىڭىز قىسقىچە ئەھۋالىڭىزنى ماڭا خەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىڭ. رەھمەت !

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى am 09:03
  • ASSAMU ALAKUM، I am an English major student ، and I am looking for a job(I am senior student now). I wonder whether the recuiting notice of Uyghur soft is still valid، or could I apply for the job NOW؟ THANK YOU!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى am 10:40
باھا بېتى: 1 2