ياخشى خىزمەتچى قەيەردە؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

ياخشى خىزمەتچى قەيەردە؟

[ تاغدىن-باغدىن ]

قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز ئىنگلىز تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، مەن بۇ ئىشلارنى ئىزچىل قىلىپ كەلگەن ئىدىم. لېكىن، يېقىندىن بۇيان خىزمەت مىقدارىمىز ئېشىپ كەتتى. بەزىدە مېنىڭ ۋاقتىمغا توغرا كەلمەيتتى. ئۇيغۇرسوفت ھەقىقەتەنمۇ بۇ جەھەتتىكى تايانچ كۈچلەرگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ئالدىنقى ھەپتە توردا ئېلان بەرگەن ئىدىم.

ھازىرغا قەدەر 20 گە يېقىن خادىمنىڭ تەرجىمىھالىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، بەزىلىرى بىلەن يۈز-تۇرانە پاراڭلىشىپمۇ باقتىم. ھەقىقەتەنمۇ ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسى ياخشى ئىكەن. بۇ خىزمەتنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسى كامىدا مەن بىلەن تەڭ بولۇشى يەنى ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى 6-دەرىجە (CET-6) دىن ياخشى نومۇر ئېلىشى كېرەك ئىدى. ئىش ئىزدەپ كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە بۇنداق سەۋىيەدىكىلەرمۇ خېلى كۆپ ئىدى. مەن ھەقىقەتەنمۇ خۇشال بولدۇم.

گەرچە بىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز ئۇچۇر ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، تېخنىكىلىق ماتېرىياللارنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يەنىلا ئاممىباب ساۋات خاراكتېرلىك مەزمۇنلار ئىدى. بۇنى چۈشىنىش ئەلۋەتتە ئۇلارغا تەس كەلمەيتتى، لېكىن، ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر تىلىدا راۋان ئىپادىلەشتە، ئاندىن ئىنگلىزچە جاۋاب قايتۇرۇپ راۋان يېزىشتا قىينالدى. يۈز-تۇرانە پاراڭلىشىش ئۈچۈن كەلگەنلەرگە مەن ئاددىي تېخنىكىلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇپ، بۇنى ئوقۇپ چۈشەندۈرۈپ بېرىشنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ تىل سەۋىيەسىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوقۇپ چۈشەندۇق-دەيدۇيۇ، لېكىن، ھېلىقى نېمە ئىدى؟ ئىشقىلىپ ھېلىقى بىر نەرسە، ھېلىقىچۇ؟-دەپ، ئۇيان-بۇيانغا قاراپ، سۆزلىرىنى تەكرارلايتتى، لېكىن، ئۇيغۇر تىلىدا ياكى خەنزۇ تىلىدا راۋان ئىپادىلەپ بېرەلمەيتتى. بۇ مەسىلە خىزمەت ئىزدەپ كەلگەنلەر ئۈچۈن ئاساسەن ئورتاق ئىدى.

مېنىڭچە باشقا بىر تىلنى ئۆگەنگەندە يېزىقچە ياكى ئېغىزچە چۈشىنىش قابىلىيىتىدىن باشقا يەنە شۇ نەرسىلەرنى ئۆز ئانا تىلىدا راۋان ئىپادىلەپ بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ئەلۋەتتە تىل سەۋىيەسىدىن باشقا يەنە شۇ ئاممىباب ساۋات خاراكتېرلىك مەزمۇنلارنى بىلىش چوقۇم تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ياخشى تەرجىمان بولالايدۇ. ناۋادا، بېرىلگەن مەزمۇنلارنى ئوقۇپ، سۆزلىگۈچىنىڭ مەقسەت ۋە مۇددىئاسى ئۈستىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىپ تېگىدىن چۈشىنەلەيدىغان ھەمدە ئۆز مەقسىتىمىزنى راۋان ئىپادىلەپ جاۋاب يازالايدىغان بولسا، بىزگە ھەقىقەتەنمۇ كۆپ پايدىسى تېگىدۇ. بولمىسا، بۇ خىزمەتنى ئالىم مۇئەللىم داۋاملىق ئۆزى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شىركەت مەسئۇلى بولغان ئادەم ئۆزى ھەم تەتقىقات ھەم تەرجىمانلىق ھەم باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالسا، ياخشى بولمايدۇ.

ياخشى خىزمەتچى زادى قەيەردە؟ مەن يەنە ساقلايمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
25 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • يۇقۇرقى ئېنگىلىزچە خېتىمدا دىففىكۇلت دىگەن سۆز چۈشۈپ قاپتۇ ، ئالىم مۇئەللىم باي پىپول دىگەننىڭ ئالدىغا كېلىدۇ .
    I believe that < nothing is impossible دىگەن جۈملە چۈشۈپ قاپتۇ. خەتنى يېزىپ بولۇپ قانداق تەھرىرلىدىم بىلمىدىم يوللىغاندا مۇشۇنداق چالا بولۇپ قاپتۇ.

    مېنىڭ بۇ ئېنگىلىزچە خېتىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى قوشۇپ قوياي :

    قەدىرلىك ئالىم ئەھەت ئەپەندى ياخشىمۇسىز :

    مەن سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىكى يازمىغا قىزىقىپ قالدىم ، مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ خىزمەت ئورنىغا مۇۋاپىق ئادەم ياكى ئەمەسلىكىمنى بىلمەيمەن ، بىراق مەندە ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان بىر روھ بار . مەن ئەزەلدىن باشقىلار تەرىپىدىن قىين دەپ قارالغان ئىشلاردىن قورقۇپ كەتمەيمەن . مەن ‹ مۆمكىن بولماس ئىش يوق › دىگەن گەپكە ئىشىنىمەن .
    مەن ئېنگىلىزچە ئۈگەنگىلى 8 يىل بولدى ، مەن ئېنگىلىزچىنى ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىن ئۆگەنگەن ، مېنىڭ خىزمىتىم بىلەن ئېنگىلىز تىلىنىڭ ھىچقانداق ئالاقىسى يوق . مەن ئېنگىلىزچىنى پۈتۈنلەي ئۆز كۈچىمگە تايىنىپ ئۈگەنگەن.
    ھازىر بولسا مەن ئېنگىلىزچە رومان ، شېئىرلارنى راۋان ئوقۇپ چۈشىنەلەيمەن .
    بىراق مەن راستىنلا كومپىيۇتېر كەسپى سۆزلىرىنى بىلمەيمەن ، ئەمما مەن ئۆزمنىڭ قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن .
    ئۇنىڭدىن سىرىت مېنىڭ ياخشى يېزىقچىلىق قابىلىيتىم بار . ئانا تىلىمنى راۋان ئىشلىتەلەيمەن . ئىلگىرى ئەدەبىي ژورناللاردا بەزى تەرجىمىلىرىم بېسىلغان .

    ئامەتلەر سىزگە يار بولسۇن .
    جەللي فىش

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 23:34
  • Hello ,
    Dear Mr Alim Ahat
    I am interested in your post in this blog . I don’t know if i am a suitable person for this position , but i have sustainable endeavour in my soul , I never afraid of doing something such as have been conserned by people i believe that .
    i have been learning english nearly 8 years . I’ve learned this language after allocated my current working position . Now I am working in the village . there isn’t any piece of involvement with english .
    I just learned this language rely upon my owen effort .
    Now , i can read American Englihs roman , fiction , and english poems ,
    I can understand them fluently .
    However , I really don’t know so much about computer professional conception .
    But i believe i can do it .
    Anyway , i have a good writing ability , i can use fluently my mather tongue
    I used to publish some of my translation work in the literature magazines .

    Good Luck
    Jeely fish

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 23:08
  • مۇشۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا، ئۆزۈمنىڭ بىرەر ئىنگلىزغا گەپ چۈشەندۈرۈش توغرا كېلىپ قالغۇچە ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىۋالسام بولدى، بۇنىڭغا خېلى ۋاقىت بار دەپ خام خىيال قىلغانلىقىمغا ئىنتايىن ئۆكۈنگەن ئىدىم، بۇ پۇرسەتنىڭ بۇنچە تېز يېتىپ كېلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىكەنمەن. «بىرىنچى ئەخمەق» بولۇپ قالساممۇ ئۆزۈمنى ماختاپ قوياي، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلىنى ئىنتايىن ياخشى ئۆگەنگەنمەن، مېنىڭچىمۇ تىل، تەرجىمانلىق خىزمىتىدە مۇھىمى باشقا تىل ئەمەس دەل ئانا تىل، ھازىرقى خىزمىتىممۇ تەرجىمانلىق (خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە) بۇ جەھەتتە ئۆزۈمنى خېلى-خېلى خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايمەن دەپ ئويلايمەن، چۈنكى خەنزۇ تىلىدا 7-دەرىجىدىن ئاشالمىغان بولساممۇ، 10-دەرىجىدىن ئاشقانلار ئىچىدىن مەن قىلىۋاتقان خىزمەتنى قىلالماي كەتكەنلەر نۇرغۇن. يەنە ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشىمۇ كومپيوتېر، كومپيوتېرنىمۇ پۈتەنلەي قىزىقىشىمغا تايىنىپ ئۆزلىكىمدىن ئۆگەندىم، ئەمما كومپيوتېر كەسپىدە ئوقۇغانلاردىنمۇ مېنىڭدىن ساۋات ئالغانلىرى خېلى بار، ئەتىراپىمدىكى مۇھىت سەۋەبلىكمۇ ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى ئويلىغان بولساممۇ، بەك كۆڭۈل بۆلمەپتىمەن، ئەمما ئاز-ئازدىن ئۆگىنىپ ماڭدىم، ھىچقانداق كۇرس تەربىيىسى ئالماي، ئۆزۈمنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئۆگەنگەنلىرىمگە تايىنىپ ئۆتكەن يىلى سىناب بېقىش نىيتىدە ئالىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىنىڭ 4-دەرىجە ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ 300 نومۇر ئاپتىمەن، قارىسام ھەر يىلى كۇرستا ئۆگىنىپ، قولىدىن لۇغەت چۈشۈرمىگەن ساۋاقداشلىرىممۇ بۇنچىلىك ئالالماپتۇ، ئەلۋەتتە، كېيىن بۇ نومۇرنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىلا ھەقىقىي نومۇر ئىكەنلىكىنى كېيىن بىلدىم، شۇڭا ئارتۇقچە پەخىرلىنىپمۇ كەتمىدىم، دېمەكچى بولغىنىم قىزىقىش ھەقىقىي ئۇستاز، خۇدا خالىسا ئىنگلىز تىلىنىمۇ ئەمدى چىڭ تۇتۇپ ئۆگىنىپ، ئالىم ئەپەندىنىڭ تەلىپىگە يەتكۈدەك بولۇشقا تىرىشىمەن. بەلكىم ئۇ كەمگىچە ئۇيغۇر سوفتتا ماڭا ئورۇن قالماسلىقى مۇمكىن، لېكىن بۇ تەلەپلەر ھەممىگە ئورتاق تەلەپ ئويلايمەن. ئاخىرىدا ئالىم ئەپەندىنىڭ بىر ياراملىق خىزمەتچىنى تېزىراق تېپىۋىلىشىنى، ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن!

    (ئىنكاس رايونىدا يەنە مەسىلە بار ئىكەن)

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 12:38
  • cool گەپ قىلىدىغانلار يوقما؟ يامان مىخكەنسىلەر جۇمۇ! كەچكىچە مۇشۇنداق ئۇسلۇبتا گەپ قىلىۋەرسەڭلەر، ئۆلچەملىك ساختىپەزلەردىن بولۇپ كېتىسىلەر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 17:23
  • ھازىرقى ئۇ مەكتەپ بۇ مەكتەپ، بۇ ئۇنۋان، بۇ دىپلوملارنى ئىلىپ كەلگەن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئارىسىدا، ھەتتا بىر يىلدىمۇ بىر خىزمەت ئورنىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك بالىلار ئاز ئۇچىرايدىكەن. نەچچە يىلدىن بىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كىلىپ، ھەتتا مەمۇرلۇق ئىمتاھانىدىنمۇ ئۆتۈپ، كەلگەن بالىلارنىڭ خىزمەت نەتىجە ۋە ئۈنۈمىنى كۆرۈپ تۇرۋاتىمەن، ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى ئىچىندۇرغۇدەك ئەھۋالدا، مۇستەقىل ياكى جانلىق پىكىر قىلىش يوق دىيەرلىك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى am 09:59
  • بۇنىڭ سەۋەبى ئۆز ئانا تىلىغا پىششىق بولمىغانلىقتۇر ، گەرچە ئىنگىلىز تىلىنى تولۇق چۈشەنسىمۇ ، ئۇنى خەنزۇ تىلىدا ياكى ئۇيغۇر تىلىدا مۇكەممەل (راۋان) ئىپادىلەپ بىرىش شۇ تىلنى سۆزلەش ، چۈشىنىش قابىلىيتىگە باغلىق ، «ھىلىقى نىمىتى ، شۇ ھىلىقىچۇ » دەپ ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى ئانا تىلدىكى چالا ساۋاتلاردۇر .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:12
  • 21-ئەسىردىكى ھەممىدىن قىممەتلىك نەرسە ئالتۇن ، ياكى ئالماس ، ياكى خوتەن قاشتېشى ئەمەس ، بەلكى ئختىساس ئىگىسىى ، لىكىن مەيلى شىركەت دىرىكتورى ، ياكى مەبلەغ سالغۇچى ، ياكى ئادەتتىدىكى ياللانما ئىشچى بولۇڭ شۇنى ھەر ۋاقىت ئىسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كىرەككى ئىقتىساسلىق دىگەن سۈپەتنى بىكىتىدىغان ئۆلچەم ھەرگىزمۇ ھازىرقى دەۋىردىكى مائارىپنىڭ مەھىسۇلاتى بولغان ئىمتاھان نومۇرى ئەمەس. چۈنكى ئەمەلىي ئىقتىدار بىلەن ئىمتاھان نومۇرى ئوتتۇرىسدا ماس قەدەملىك ئىچىنىشلىك دەرىجىدە تۆۋەن . مەن مۇشۇ ئىنكاسىم ئارقىلىق مەزكۇر بلوگقا دىققەت قىلىۋاتقان بارلىق ئوقۇرمەنگە ئامىرىكىلىق خۇاڭ چۈەن يۈ ئەپەندىمنىڭ بىر يۈرۈش كىتابىنى تەۋسىيە قىلىمەن :
    تاۋباۋ تورىدىكى سېتىش ئادىرىسى :
    http://item.taobao.com/item.htm?id=9543353133

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 16:04
  • ھازىر ئالى مەكتەپلەردە ئىنگىلىز تىلى ئۈگىنىش كەيپىياتى بەك يۇقىرى، ئەمما بەك بىر تەرەپلىمە، كۆپىنچىسىنىڭ مەقسىدى ئېنىق ئەمەس. ئۆز كەسپىنى ئۈگىنىشكە بەكلا سەل قارايدۇ، ئىنگىلىز تىلى ئۈگەنسىمۇ سۆزلەشكىلا يېتىۋالىدۇ. ئەمىليەتتە تەبئىي پەن ،سانائەت پەنلىرىدىكى باللىلار ئۈچۈن ئوقۇپ چۈشىنىش- يېزىش قابىليىتى ئەڭ موھىمتى.يەنە كىلىپ مەخسۇس تىل ئوقۇغانلاردىن باشقىلار ئۈچۈن تىل دىگەن بىر قۇرال بولۇپ ،ھەرگىزمۇ ئالدىراپ جان بېقىش ۋاستىسى بولۇپ قالماسلىقى كىرەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 15:33
  • مېنىڭ ئىنگىلىزچە سەۋيەممۇ ياخشى ئەمەسدە ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 16:24
  • 2005-يىلى رادىل ئەپەندىنىڭ كۆڭۈلدىكى سۆز پروگراممسىدا « خىزمەتچى قۇبۇل قىلاي دېسەم، ئۇ مەن بىر پارچە ئاق قەغەز دەيدۇ، كومپىيۇتېرنى تاشلاپ بەرسەم، بۇ نېمە دەپ سورايدۇ. مەن ئۇلارنى قۇبۇل قىلىپ، يەنە مائاش بېرىپ تەربىيەلىشىم كېرەك! ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزىمىزدىكىلەر چىقالمىغاندىكىن، مەن باشقىلارنى قۇبۇل قىلىمەندە!» دېگەن مەزمۇندا سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم. مۇشۇ تېمىغا قۇستۇرۇلغان رەسىم ھەقىقەتەن ئوبرازلىق ئىكەن. ئىشىكتىن كىرگەن ئادەم تاشلانغان ياغاچ، بولقا ۋە مىخلاردىن پايدىلىنىپ ئورۇندۇقنى ياسىيالىىسا، ئاندىن ئىش ئورنىغا ئېرىشىدۇ، دېگەن گەپ! ھەقىقەتەن ئوبرازلىق رەسىمكەن.
    ئۆزىمزىگە تەلەپنى قاتتىق قويايلى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 13:19
  • مېنىڭ بىلىشىمچە سىز دېگەندەك ئەھۋاللارمۇ بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىنگلىز تىلىنى پۇختا بىلىدىغانلار چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن بولۇشى ياكى ئۆزى بۇ يەردە ئىگىلىك تىكلىگەن بولۇشى مۇمكىن، يەنە كۆپ ساندىكىلەر بۇ يەردىكى ئىنگلىز تىلى مەكتەپلىرىدە دەرس ئۆتۈپ ئايدا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىشى مۇمكىن، شۇڭا، بۇ يەرگە كەلمەسلىكى ئېنىق. ئادەتتىكى سەۋىيەدىكى بالىلارغا تەربىيەلەش پۇرسىتى بېرىش ۋاقىت ئۆتكۈزگەن بىلەن باراۋەر، چۈنكى، بۇ ئىش ساقلاپ تۇرمايدۇ، زادى باشقىلارغا تايىنىۋېلىش ۋە مۇھتاج بولۇش ئەڭ يامان ئىش ئىكەن، شۇڭا، 5-قەۋەتكە چۈشۈپلا «ئاتلان ۋىتامىن ئىنگلىز تىلى»دا ئوقۇيمىكىن يا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 16:52
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم~
    يازما ۋە ئىنكاسلىرىڭىزدىن ئۆزۈمنىڭ كەمتۈك جايلىرىنىڭ جىقلىقىنى ھېس قىلدىم.ئېىنگىلىز تىلىغا يەنىمۇ كۈچىمىسەم بولمىغۇدەك قىلىدۇ.مانا بىلوگىڭىزنىڭ ئۆنۈمىنى سىز ھېس قىلمىغان بىلەن مەن ھېس قىلغاندەك بولدۇم، توردىكى قىسقا يازمىلار بىلەنمۇ بىزنى يىتەكلەش ئۈنۈمىگە يەتتىڭىز. ھارماڭ.
    قۇرۇق گەپنى قويۇپ نەخ گەپنى قىلسام، مېنىڭچە سىزنىڭ ياخشى خادىملارغا ئېرىشەلمەسلىكىڭىزدىكى ئاساسلىق سەۋەب، سىز دېگەن تەلەپكە چۈشىدىغانلار سىزنىڭ بىلىك ۋە بىلوگدىكى بۇ يازمىلىرىڭىزنى كۆرگەن بولۇش ئېھتىماللىقى تولىمۇ تۆۋەن بولغانلىقىدىنمىكىن دەپ قارىدىم.مەسىلەن:تولۇقتا ئوقۇلداش بولغان، ئېنگىلىزچىدە سىزنىڭ تەلىپىڭىزگە مۇتلەق چۈشىدىغان ساۋاقداشلىرىمدىن بىر نەچچىسى بار ،لېكىن ئۇلار بىلىك ۋە ئالىم ئەھەد بىلوگىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ،يەنە كېلىپ ئوقۇش پۈتتۈمىدۇق تېخى.ئاندىن مەن بىلىدىغان ئوقۇش پۈتتۈرگەن،ئېنگىلىزچە ۋە كومپيۇتېردا تەلەپكە چۈشىدىغان بىرقانچەيلەن بار بار ،ئۇلار مەمۇر بولۇپ مائاشلىق ئىشلەۋاتىدۇ،سىزنىڭكىگە كېلىشكە قىزىقماسلىقى مۇمكىن.كىچىك بولساممۇ تەكلىپىم، تەشۋىقنى جىقراق قىلىپ باقسىڭىز چۇقۇم چىقىدۇ دەپ ئويلايمەن.ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاي.(قوشۇمچە ئىلتىماس:شىركەت توربېتى ۋە بىلوگىڭىزنىڭ تورناملىرى توغرىلىق بۇنىڭغا مەسئۇل تېخنىك باشقۇرغۇچىڭىزغا ئېيتىپ قويسىڭىز،مىنۇت ۋاقتىنى چىقىرىپ wwwنى يازمىسىمۇ كىرگىلى بولىدىغان قىلىۋەتسە، مەندەك يازماي كىرىپ ئادەتلىنىپ قالغانلار توربەت تاقىلىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ قالمىسۇن.)

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 14:50
  • 1. بەلكىم تەلىۋىڭىز بەك يۇقىرى بوپكەتكەندۇ ۋە ياكى دەماللىققا تەمتىرەپ قالغاندۇ ، مىنىڭچە ئاساسىي شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلگەنلەرنى سىناق ئىشلىتىپ ئاندىن تاللاش ئېلىپ باسىڭىزمۇ بولىدۇ. خىزمەت ئورنى بويىچە بۆلۈپ، بەكرەك كومپىيوتىر بىلىمى تەلەپ ئورۇنغا تىل تەلىپىنى سەل قويۇۋىتىش ياكى تىل تەلىپى بەكرەك يۇقىرى ئورۇنغا كومپىيۇتىر تەلىپىنى سەل قويىۋېتىشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولامدىكىن .
    2. تەلىۋىڭىزگە ماس كىلىدىغانلار ئۇقماي قالدى، ياكى سەل چوڭراق يەرلەرگە كىتىپ قالدى. ئەمما بەك ئالدىراپ كەتمەي سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ بېقىڭ ، چوقۇم چىقىشىغا ئىشىنىمەن. ياخشى باشقۇرۇرش سېستىمىسى، كۈچلۈك خادىم قوشۇنى بىر شىركەتنىڭ روناق تېپىشىنىڭ ئاساسىدۇر.
    ئاخىردا شىركىتىڭلارغا ئۇتۇق -مۇۋەپپىقيەتلەر تىلەيمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 16:38
    • باشقىلارنىڭ بىزگە قويغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى، بۇنى كۆرسىڭىز تېخىمۇ ھەيران قالىسىز. مەن تېخى خىزمەتچىلەرگە ئەڭ ئاساسىي تەلەپ – ئىنگلىز تىلىنى دېدىم.
      ئىنگلىز تىلىغا پۇختا دېگۈچىلەر كومپيۇتېرغا ئائىت ساۋات خاراكتېرلىك (پەننى ئومۇملاشتۇرۇش) ماقالىلەرنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىسە، بۇ ئىشنى قىلىشتا ھەقىقەتەنمۇ قىينىلىپ قالىدۇ.
      مەن ئەلۋەتتە ساقلايمەن، لېكىن، بۇنداق خادىم تېپىلغۇچە بارلىق ئىشلارنى ئەلۋەتتە ئۆزەم قىلىپ تۇرىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 20:57
  • ئالىم مۇئەللىم ،،،،،مەن ئەۋەتكەن خەت باردىمۇ؟ مەن سز بىلەن تىلفۇندا كۆرۇشكەن بالا ،،،

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 15:44
  • يازمىڭىزنى كۆرۈپ پەخىرلىنىش ئىچىدە ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدىم.مەن ئۆزۈمگە ئىشەنگەن ئاساستا شۇ بىر نەچچىلەر قاتارىدىن بوپ قالماسمەن دەپ ئويلايمەن.چۈنكى مەن تىل ئۈگىنىش جەريانىدا،ئانا تىلغا قانچە پىشىق بولغانسىرى ئۆزگە تىللارنى شۇنچە تېز ۋە ئۈنۈملۈك ئۈگەنگىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان . كۆپىنچە بالىلاردا تىلنىڭ ئۆزىگىلا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇتىلنى كومپىيۇتېر ياكى كەسىپ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىڭى تۆۋەن.سىز بىزگە بۇ پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگەن ئىكەنسىز يەنە ئازراق تەربىيلىنىشكە پۇرسەت بەرسىڭىزلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تولۇقلاپ كىتەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىىشەنچىم كامىل.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 15:10
    • تىل دېگەن بىر خىل ۋاسىتە، ئۇنى ئۆگىنىشتىكى ئاساسىي مەقسەت- ئۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش. ھەرگىزمۇ How are you? I’m fine thank you, bye بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
      شۇڭا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، قوشۇمچە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇش پۈتتۈرگەنگە قەدەر، تۆۋەن دېگەندىمۇ ئۆز كەسپىگە ئائىت باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى ئىنگلىز تىلى كىتابلىرىنى كۆرەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتسە، كېيىنكى ئىلگىرلىشىگە كۆپ پايدىسى بولىدۇ.
      ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر كومپيۇتېردىن پايدىلىنىش ئاممىباب ساۋات خاراكتېرلىك (پەننىي ئومۇملاشتۇرۇش تىپىدىكى باشلانغۇچ) تېخنىكا بولۇپ، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقانلار بۇنى جەزمەن بىلىشى كېرەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 21:03
باھا بېتى: 1 2