نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Speed bump يەنى 减速带 نى ئۇيغۇرچە نېمە دەيمىز؟

[ ئاتالغۇلار، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]


2011-يىل 14-سېنتەبىردە Windows8 Developer Preview (ئىجادىيەتچىلەر كۆرۈپ بېقىش نەشىرى) ئېلان قىلىندى. نۇرغۇن تورداشلار بۇنى سىناپ ئىشلىتىپ بېقىپتۇ، مەنمۇ ئەڭ بۇرۇن سىناپ باققانلارنىڭ بىرسى. بۇ Windows نىڭ ئېكران يۈزىدىكى بىر نەچچە ئاتالغۇنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»گە قوشۇۋېتەي دېگەن ئىدىم، ئەمما، مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆز بېشىمنى قاتۇردى. كېيىن بۇ سۆزلەر ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا چوقۇم ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يېڭى ئاتالغۇلار ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇلار Start screen, Charms, Apps, Tiles, Speed bump دىن ئىبارەت. مەن بۇ جەھەتتە كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقماقچى، ئاۋۋال بۇ رەسىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ئاندىن بۇ ئاتالغۇنى چۈشەندۈرەي:

(رەسىمنى ئېلىۋەتتىم)

(1) Charms
چۈشەندۈرۈش: بىر خىل كۇنۇپكا بولۇپ، Windows نىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ، مەسىلەن: ئىزدەش، ئورتاقلاشتۇرۇش، باشلاش، ئۇلىنىش ۋە تەڭشەك دېگەندەك.

تەۋسىيە (ئىلگىرى-كېيىن تەرتىپى يوق): يولباش؛ كۇنۇپكا؛ تۈگمە؛ مەپتۇن؛ ئەپچىلەم؛ تېز كۇنۇپكا؛ …
خەنزۇچە(چوڭ قۇرۇقلۇق): 快捷按钮
خەنزۇچە(جۇڭگو تەيۋەن): 按鈕
تۈركچە: düğme (تۈگمە)
ئۆزبېكچە: (تەرجىمىسى تېپىلمىدى)
ئەرەبچە: تميمة (ئادەملەر بويۇنلىرىغا خەتەردىن ساقلايدۇ دەپ ئېسىۋالىدىغان تىلتۇمار، تۇمارنى كۆرسىتىدۇ)

(2) Speed bump
چۈشەندۈرۈش: باشلاش ئېكرانىنى يۆتكىگەندە، Speed bump ئۇنى ھەر بىر گۇرۇپپا يېيىلمىلار(Tiles)نىڭ بېشىغا كەلگەندە تورمۇزلاش(ۋاقىتلىق توختاش)نى ئاسانلاشتۇرىدۇ.

تەۋسىيە (ئىلگىرى-كېيىن تەرتىپى يوق): تورمۇز رايونى(دائىرىسى)؛ ۋاقىتلىق توختاش رايونى(دائىرىسى)؛…
خەنزۇچە(چوڭ قۇرۇقلۇق): 减速带
خەنزۇچە(جۇڭگو تەيۋەن): 捲動減速區
تۈركچە: hız kesici (سۈرئەت كەسكۈچى، تېزلىك ئاستىلاتقۇچى دېگەن مەنىدە)
ئۆزبېكچە: (تەرجىمىسى تېپىلمىدى)
ئەرەبچە: مساحة إيقاف التمرير (يۆتكىلىشنى توختىتىش بوشلۇقى دېگەن مەنىدە)

(3) Apps
ئۇيغۇرچە: ئەپلەر (ئەپ دېگەن تۈپ سۆز ئۇيغۇرچىدە بار، شۇڭا، ئەپلىك دېتال، ئەپتال،…دېگەندىن ئومۇملىشىۋاتقان بويىچە ئەپ دەپ ئالساق، بىزدەك جايىدا، ئىخچام تەرجىمە قىلغان يەنە بىر مىللەتنى تاپقىلى بولمايدۇ)

(4) Tile
چۈشەندۈرۈش: باشلاش ئېكرانىدىكى يۆتكەشكە بولىدىغان ئوبيېكىتلار، مەسىلەن: ئېچىلغان ئەپلەر، ئىختىيارى بەلگىلىۋالغان مەزمۇنلار، تور بېكەتلەر، ھاۋا رايى، قاتناش ئۇچۇرى،…

ئۇيغۇرچە تەۋسىيە: يېيىلما (كۆپلۈكى يېيىلمىلار)

خەنزۇچە(چوڭ قۇرۇقلۇق): 图块
خەنزۇچە(جۇڭگو تەيۋەن): 動態磚
تۈركچە: karo (خىش، كاھىش، كېسەك دېگەن مەنىدە)
ئۆزبېكچە: (تەرجىمىسى تېپىلمىدى)
ئەرەبچە: مساحة إيقاف التمرير (كىچىكلىتىلگەن نۇسخا ياكى كىچىك رەسىم دېگەن مەنىدە)

مەن يەنە Cloud Computing (بۇلۇت ھېسابلاش) دېگەندەك ئادەتلەنگەن ئاتالغۇنى «لەيلەك» دېگەندەك ئۆزگەرتىشنى قوللىمايمەن، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭىدىن چىقماقچى بولغان ئاتالغۇنى تېزىرەك بېكىتىشنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن. قېنى كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقاي.

ئاددىي پىرىنسىپ: ئىمكان قەدەر يېڭىدىن سۆز ئىجاد قىلماسلىق، ئامال بار ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ (دىققەت: قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەس) ئاساسىي لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەردىن تولۇق پايدىلىنىش، قېزىپ چىقىش، يېڭى مەنا يۈكلەش. بۇنداق قىلىش مۇمكىن بولمىغاندا، قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئاتالغۇسىدىن پايدىلىنىش، مەسىلەن: ئۆزبېكىچە، تۈركچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە. بۇلاردىنمۇ مۇۋاپىق ئاتالغۇ تېپىلمىغاندا، يېڭىدىن ياساپ بېقىش، لېكىن ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. يېڭىدىن ياساپمۇ چىقالمىغاندا ئىنگلىزچە ئاتاش، مەسىلەن: كومپيۇتېر دېگەندەك، ئەمما، بۇنى خېلە بىر مەزگىلگىچە چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

================== 18-دېكابىر
دەسلەپكى بىرلىككە كەلگەن ئاتالغۇلار
charm تۈگمىلەر
tiles يېيىلمىلار
Apps ئەپلەر

ئويلىنىش باسقۇچىدىكى ئاتالغۇ
speed bump
نامزاتلار (ئىلگىرى-كېيىن تەرتىپى يوق) بەلدەم، بەلدەڭ، ئاتلاق

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
171 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 8
  • apps نى ئەپلەر دىگەنكىن، Charms نى ئەپچىلەم دەيلىك، ھې ھې

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 17:21
  • 1.Charms تېزلەتمە
    2.Speed bump تورمۇزخانا
    3.Apps ئەپلەر
    4.Tile يېيىلما
    مەن مۇشۇنچىلىك ئويلىيالىدىم !

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 18:07
  • سالام ئالىم ئەھەت مۇئەللىم، كۆپچىلىك،

    چەتئەلدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلار ياكى مەخسۇس ئانالىزچىلار يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى پەرەز قىلىشىدىكەن، ياكى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقىدىكەن. مەسىلەن تاراتقۇلار ئالدىن خەۋەر بەرگەن iPad3 ۋە iPhone5 ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە پەرەزلەر شۇنداق. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىزمۇ پەرەز قىلىپ باقساق قانداق بولار، ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ Windows8 دىكى ئاتالغۇلار ئۈستىدە تورداشلاردىن پىكىر ئېلىشى, ئۇيغۇرسوفتنىڭ Windows8 نى تەرجىمە قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن، Windows8 تارقىتىلغاندا ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىمۇ تارقىتىلىشى مۇمكىن دەپ چۈشەنسەك قانداق بولار. بۇ پەرەز ئۇيغۇرسوفت ۋە ئالىم ئەھەت مۇئەللىمىگە بېسىم ئېلىپ كېلەرمۇ قانداق. ئەمما ھەممىمىز بۇ پەرەزنىڭ ئەمەلىيەت بولۇپ قېلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 20:18
  • (1) Charms
    تېز كۇنۇپكا؛ …
    (2) Speed bump
    سەكرەتمە ،

    (3) Apps
    ئەپ

    (4) Tile
    يايما

    Cloud Computing بۇلۇت

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 20:39
  • Tile نى يېيىش ياكى يېيىلما دېسەك ئۇقۇم جەھەتتىن خاتا بولغۇدەك، ئىزاھلىق لۇغەتكە قاراڭ. دەستىخان يېيىش، كىيىم يېيىش، مەخپىيەتلىكىنى يېيىۋېتىش،…دېگەندەك.

    شۇڭا، بۇنىڭغا قارىغاندا تىزىش، تىزما، ،..دېگەندەك مەنا سەل يېقىن كېلەمدۇ-قانداق؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 21:51
  • Speed bump ئاستىلاتقۇچ
    Apps ئەپ
    Cloud Computing بۇلۇت، بۇلۇت ھېسابلاش

    بۇلۇتنى ئۆزگەرتىشنى قوللىمايمەن، بۇلۇتنىڭ ئورنىغا باشقا ئاتالغۇ چىقىپ قالسا قەتئىي قوبۇل قىلمايمەن،
    ئۇنى ئۆزگەرتىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:11
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم!

    سالامەت تۇرۇۋاتامسىز؟ بىلوگىڭىزغا يوللىغان ئاتالغۇلارنى بىر قۇر كۆرۈپ چىقتىم. سىز يوللىغان ئاتالغۇلارغا مېنىڭ شەخسىي پىكرىم تۆۋەندىكىدەك:
    1- Charms
    ئەسلى مەنىسىدىن قارىغاندا ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان، مەپتۇن قىلىدىغان، ئەتىۋارلىق، جەزبىدار، ئامراق قاتارلىق مەنىلىرى باركەن. مېنىڭچە بولغاندا تۇمار دەپ ئالساق مۇۋاپىق بولىدىغاندەك تۇرىدۇ، چۈنكى توپچا ياكى تۈگمە دەپ ئالساق button بىلەن پەرقلەندۈرگىلى بولماي قالىدۇ، ئەگەر بۇ ئاتالغۇمۇ توپچىغا ئوخشاش دەپ قارىغاندا توپچا، ياكى تۈگمە دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ.
    ئەگەر مەنىسى بەك كۆپكەن، ئۇقۇم خاتالىقى كېلىپ چىقمىسۇن دېمىسىڭىز، قاداق دەپ ئالساقمۇ بولىدۇ، سەۋەبى ئالتۇن كۈمۈش قاداق دوپپىلارنى ھەممەيلەن ئەتىۋارلاپ كېيىدۇ، بۇنداق دوپپىلار ھەر قانداق كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. ئىنگلىزچە سۆزنىڭ مەنىسىگىمۇ ئۇيغۇن. ئەمما بۇ سۆزنىڭ ئېغىرلىق بىرلىكى، چىنىگە قاداق سېلىش، چىنىنىڭ قادىقى دېگەندەك مەنىسىمۇ بار.
    2- speed bump

    سۈرئەت ئاستىلاتقۇچ، تورموز دەپ مەنىسى بار، تورموز دېگەن سۆز رۇسچە ئىكەن، مېنىڭچە چۇلۋۇر، چۇلۋۇرلۇق، چۇلۋۇرلۇق تاسما دېگەن ئۇيغۇرچە ئىسىملاردىن قايسىسىنى ئىشلەتسەك بولۇۋېرىدۇ.

    3- apps

    قوللىنىشچان پىروگراممىلار، قوللانچاقلار دېگەندەك مەنىسى بار، بۇنى ئەپ دەپلا ئالايلى، ئەپنىڭ قولايلىق، باپ، مۇۋاپىق لايىق دېگەندەك مەنىسى بار، بۇ سۆز بەك جايىغا كەلگەن شۇڭا ھەممەيلەنگە خوپ كېلىدۇ. ئىمكانقەدەر ئەپ دەپ ئالايلى، مەنمۇ تەرجىمە قىلىۋاتقان ئاندىرويىد سىستېمىسىدا ئەپ دەپ ئېلىۋاتىمەن.

    4- tile
    بۇ سۆزنىڭ مەنىسى كاھىش ئىكەن، ئۇيغۇرچىدىكى ياي دېگەن پېئىل ئارقىلىق ئىسىم ياسىساق بولىدۇ. يايما، يايمالار، يايداڭ، يايداڭلار، بۇنىڭ ئىچىدە يايداڭ بەكرەك مۇۋاپىق، يايداڭنىڭ مەنىسى كۆرۈپ باقسىڭىز سىزنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىڭىزگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ.

    5- cloud computing

    بۇلۇت ھېسابلاش دەپ ئاتاۋېرەيلى، كۆپچىلىك ھەممەيلەن شۇنداق ئاتاۋاتىدۇ.

    يۇقىرىقىلاردىن باشقا سۆزگە تەكلىپ،بىز ھازىرغىچە بولغان ھەممە تەرجىمىلەردە share نى ھەمبەھىر دەپ ئالغان ئىدۇق، مۇمكىن بولسا سىلەرمۇ شۇنداق ئالغان بولساڭلار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئاتالغۇمۇ خېلى ئومۇملىشىپ قالدى.

    widget مۇشۇ ئاتالغۇغا مۇۋاپىق ھەممەيلەن خوپ كۆرىدىغان سۆز تاپالمىدۇق، مەن بۇنى تۇلۇق، پارچە، تەركىبلىگۈچ دېگەندەك تەرجىمە قىلىپ باقتىم ئەمما تازا جايىغا چۈشمىدى، مۇشۇ پۇرسەتتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باشنى قاتۇرىدىغان ئاتالغۇلارنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ بىرلىككە كېلىۋالغان بولساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
    بىر قېتىمدا 5 ئەتراپىدا ئازراق مۇددەتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ پىكىر تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىپ مۇۋاپىقىنى تاللاپ بىرلىككە كېلىۋالساق تەرجىمە ئىشلىرىمىزغا كۆپ پايدىسى تېگەتتى.

    ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەپ:

    ئابدۇقادىر ئابلىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:48
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

    apps بولسا app نىڭ كۆپلۇك شەكلى، app نى ئەپ دەپ ئالغانكەنمىز، apps نى ئەپلەر دەپ كۆپلۈك شەكلىدە ئالساق مۇۋاپىق بولىدۇ.

    tile بولسا ئىنگىلىزچىدە ھەم پېئىل، ھەم ئىسىم بولۇپ، پېئىل بولغاندا، ئوخشاش تۈردىكى نەرسىلەرنى رەتلىك تىزىشنى بىلدۈرىدۇ. بۇ دەل بىزدىكى «يەرگە چاقچۇق ياتقۇزماق، خىش ياتقۇزماق، خىش تىزماق» دىگەندىكى ياتقۇز، تىز دىگەن پېئىللارغا ماس كېلىدۇ. ئىسىم شەكلىدە بولسا، ئاشۇ تىزىلغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

    بىزدە سىز، سىزىش، سىزما … دىگەن گەپلەر بار، مەسىلەن، رەسىم سىزىش، تېز سىزما… دىگەنلەردەك. شۇڭا بۇ tile نى پېئىل شەكلىدە تىز، ئىسىم شەكلىدە تىزما دىسەك تەلەپكە يېقىن بولامدىكىن.

    cloud نى بۇلۇت دىمەسلىككە ھىچقانداق باھانە-سەۋەپلەر پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. cloud, bluetooth دىگەندەك بۇنداق دەلمۇ-دەل تەرجىمە قىلغىلى بولىدىغان سۆزلەرگە ئارتۇقچە، بىھۇدە باش قاتۇرۇپ يۈرمەيلى.

    بۇ يەرگە رەسىم چاپلىغىلى بولامدۇ؟ speed bump نىڭ رەسىمىنى چاپلاپ قوياي دىگەن. قارىغاندا ھەممەيلەن ماشىنا ھەيدەپ يۈرۈپمۇ speed bump نى ئاڭقىرالمىغان ئوخشايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 12:37
    • speed bump نى يەنى 减速带 نى بۇ يەردە جيەنسۇدەي دەيدۇ،
      ماشىنا ھەيدەپ تازا ئىتتىك كېتىۋاتقاندا، بولۇپمۇ مەكتەپ رايونىغا كىرگەندە جيەنسۇدەينى كۆرسەك، ماشىنىنى تورمۇزلاپ سۈرئەتنى ئاستىلىتىمىز، ئاستا دەسسەپ ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن يەنە سۈرئەتنى تېزلىتىمىز، مەن بۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىڭ ئاڭلاپ باقمىدىم، بىلىدىغانلار بارمۇ؟
      speed bump

      مېنىڭچە تېزلىك ئاستىلاتقۇچ، سۈرئەت كېمەيتكۈچ،…. (مېنىڭچە تېزلىك ياكى سۈرئەت دېگەن مەنىسى چىقىشى كېرەك)

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:28
      • speed bump نى يەنى 减速带 نى بۇ يەردە جيەنسۇدەي دەيدۇ،
        ———————————————–
        بىزنىڭ يەردە ئۇ نەرسىنى «ياتقان ساقچى»، يول بويىدىكى پالاس-پالاس قىلىپ خۇددى كېچىدە ساقچى ماشىنىسى باردەكلا يانىدىغان چىراقنى «يالغان ساقچى» دەپ ئاتايدۇ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:45
      • تۇرۇپلا ئېسىمگە ئاتنىڭ ئاغزىغا سالىدىغان يۈگەن كېپ قالدى. يۈگەننى شۇ ئاتنىڭ يۈرۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن سالىدۇ، ئۇقۇم جەھەتتىن ئوخشاش.چوقۇملا ماشىنىغا ئائىت ئاتالغۇ ئىزدەش ھاجەتمۇ؟ يۈگەن دېسەك بولماسمۇ؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 19:33
      • 减速带 نى «جاققاق»، «لاققاق» دەيدۇ. بۇ بۇرۇندىن تارتىپ بار. ئۆيى يول بويىدىكى كىشىلەر مۇشۇنداق «جاققاق» قويۇش ئارقىلىق ھارۋا قاتارلىق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىپ ھەر خىل خەتەرلەرنىڭ ئالىنى ئېلىپ كەلگەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:06
    • مەن ھازىرچە تىزما دېگەنگە قوشۇلىمەن. لېكىن يېيىش، يېيىلما دېگەنگە قوشۇلمايمەن،

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:51
    • يوللاردا ئىشلىتىلىدىغان 减速带 نى قەشقەرچە تەرجىمە قىلساق «داقىلداتما» دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ. لېكىن ماۋۇ كومپىيۇتېردىكىنى ئۇنداق دىسەك ماس كەلمەيدىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 12:05
  • ئالىم مۇئەللىم بىلەن ئالدىنقى قېتىم بۇ ھەقتە پاراڭلاشقاندا مۇشۇ بلوگدا مۇشۇنداق ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدا يازما يېزىشنى تەشەببۇس قىلىپ بۇ ئىشنىڭ بۇنچە تېز بولۇشنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.
    ماۋۇ كومپيۇتېرغا ئائىت كەسپىي ئاتالغۇلاردا مەن يەنىلا كۆپرەك ئۆگەنسەم بولغۇدەك. مەن يۇقىرىدىكىلەرنىڭ پىكىرىنىمۇ كۆردۈم. ئاخىرى ئابدۇقادىر ئابلىز ئاكىمىزنىڭ پىكىرىنىڭ %60 تىن كۆپرەكىنى قوللايدىكەنمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 15:38
  • ياخشىمۇ سىز ئالىم ئەھەت ئەپەندىم سىز بۇرۇن تور بېتىڭلاردا win 7 نىڭ تىل يامىقنى ئىلان قىلىپتىكەنسىز .شۇ ماڭا لازىم بۇلۇپ قالدى .بۇلۇپمۇ ئەرەپچىسى

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 17:42
    • مىكروسوفتنىڭ ئورگان تور بېكىتىدىكى ئۇلانما ئىدى، Windows7 ھەقىقىي بولسا ۋە كۆپ تىللىقنى قوللايدىغان بولسا Update نى باسسىڭىزلا تىل بولىقىنى چۈشۈرەمسىز دەپ سورايدۇ. شۇ يەردىن تاپسىڭىز

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:24
  • Charms نى « باش بالداق » دېسەكمىكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:55
  • Tiles نى «كەپ» ياكى «تىزىق»، «تىزغۇ»، «تېز بالداق، كەڭ بالداق…»«غاچتاختا»،«دۇچبەلگە، دۇچنەك»…
    مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئىلگىرى بار بەزى ئاتالغۇلارنى كۆچمە مەنىدە ئىشلەتكەندىن، يېڭىدىن ئاتالغۇ ئىجاد قىلغان مىڭ ئەۋزەل.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:22
  • 1) Charms
    «تېز كۇنۇپكا»، «تۈگمە» دىگەن لەر ئىخچام جايىغا كەلگەندەك… چۈشەندۈرىشىگە قارىغاندا «مەنبئە» دەپ ئېلىنسا قانداق بولاركىن
    (2) Speed bump
    «سەكرەتمە » بۇنىڭدىنمۇ ئىسىل كەلمەسمىكىن
    (3) Apps
    «ئەپ»، «ئەپلەر»
    (4) Tile
    «يايما» سۆزىگە قارىغاندا تىزما دىسە بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ يەنە بىر كاندىدات سۆز قوشاي «لەمپە»
    Cloud Computing
    بۇلۇت

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 21:56
  • speed bump نى بوسۇغا دېسەك قانداق

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى am 10:27
  • بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ھېساپلاش ، ھېسابلىغۇچ ، ھېساۋات، پىلانلاش قاتارلىق ئاتالغۇلارغا تەڭداش كېلىدىغان ‹‹ چوت ›› دىگەن بىر سۆز بار . مەسىلەن ئۆيدىكى چوت تالاغا توغرا كەلمەپتۇ ( مەنىسى: بىراۋنىڭ مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدە تۈزگەن پىلانى ئەمىليەتكە ماس كەلمەسلىك ) . يەنە مەسىلەن ‹‹خامچوت ›› دىگەن ئاتالغۇ . بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى دەسلەپكى ھېساۋات دىگەن مەنىنى بېرىدۇ . دىمەك ‹‹ چوت ›› دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئىنگىلىزچىدىكى computing دىگەن ئاتالغۇغا بەكمۇ چۈشىدۇ . ھەم computing مەنىسىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەرگەندىن باشقا يەنە ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر بوغۇملۇق ساپ تۈپ سۆز . شۇنداق بولغىندا cloud computing نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى ‹‹ بۇلۇتچوت ›› بولسا مۇۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن . ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ‹‹ بۇلۇت ھېسابلاش ›› بولسا جەمئىي بەش بوغۇمدىن تۈزۈلگەن سۆز بىركىمىسى بولۇپ بىر قەدەر ئۇزۇن ، قولايسىز بولغاننىڭ ئۈستىگە كىشگە بىرخىل چۈشىنىكسىز تەسىر بېرىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆز بىرىكمىسىنى ئاتالغۇ ئورنىدا ئىشلىتىش پەقەت ئامالنىڭ يوقلىقىدىن بولىدىغان ئىش .
    ‹‹ بۇلۇتچوت›› قا كەلسەك ، بۇ ئىككى بۇغۇملۇق سۆز ، ھەرقانداق بىر كىشى ئاڭلىسلا مەنسىنى تەخمىن قىلالايدىغان قىسقا ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساپ فونتىكىلق ئالاھىدىلىكىگە چۈشىدىغان بىر ئاتالغۇ . شۇڭا مۇشۇ ئاتالغۇنى cloud computingنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى ئۈستىدە قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىمەن .

    ھۆرمەتلىك ئالىم ئەھەت ئاكا ۋە تورداشلارنىڭ بۇ توغرىسىدا باشقا پىكىر تەكلىپلەرنى بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . ئەگەر ئالىم ئەھەت ئاكا ۋە تورداشلار بىردەك بۇ ئاتالغۇ مۇۋاپىق بولماپتۇ دەپ قارىسا ، يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئويلاپ قويغان بىر قانچە ئاتالغۇلارمۇ بار . لىكىن ‹‹ بۇلۇتچوت ›› بۇلار ئىچىدە ئەڭ مۇۋاپىقى بولغاچقا ھازىرچە كۆپچىلىك بىلەن مۇشۇ ئاتالغۇ ئۈستىدىلا مۇھاكىمە قىلىشىپ بېقىشنى توغرا كۆردۈم . كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ساقلايمەن ئەمىسە .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى am 10:55
باھا بېتى: 1 2 3 8