نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

Windows8 دىكى ئۇيغۇرچە

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

مىكروسوفت Windows8 ئىجادىيەتچىلەر كۆرۈپ بېقىش (نەشىرى)
Microsoft Windows8 Developer Preview

مىكروسوفت شىركىتىنىڭ2011-يىللىق BUILD (ئىجادىيەتچىلەر) يىغىنى 2011-يىل 13-سېنتەبىردىن 16-سېنتەبىرگىچە كالىفورنىيە ئىشتاتى ئانىخېيىم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

Windows8 نىڭ ئۈستەليۈزى كومپيۇتېرلىرى نەشىرى Intel ۋە AMD شىركىتى ئىشلەپچىقارغان X86 قۇرۇلما (تىپىدىكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ) لاردا خىزمەت قىلىدۇ، Windows8 نىڭ تاختا كومپيۇتېرلىرى نەشىرى ARM ئۆزەك (تىپىدىكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ) لاردا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، X86 قۇرۇلمىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى قوللىمايدۇ.

ئۆزىمىزنىڭ گېپىگە كەلسەڭ، Windows7 گە سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىشلەر مۇنداق:

(1) ئاي ناملىرى
ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ يەرلىك ئۇچۇرى قايتىدىن تۈزىتىلگەن بولۇپ، ئاي ناملىرى ئۈچۈن يانۋار، فېۋرال،….دېكابىر دەپ ئېلىنغان ۋە سۈكۈتتىكى ھالەتتكە تەڭشەلگەن، ئاي ناملىرىنىڭ تەرتىپ بۇيىچە ئاتىلىشى يەنى 1-ئاي، 2-ئاي،…12-ئاي ساقلاپ قىلىنغان، ۋاقىت ئۆلچىمى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئۆلچىمى يەنى 24 سائەتلىك فورماتى قوللىنىلغان، 12 سائەتلىك ئۆلچەمدە چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن دەپ ئېلىش ساقلاپ قېلىنغان.
سۈكۈتتىكى چېسلا فورماتى مۇنداق: 2011-يىل 15-سېنتەبىر پەيشەنبە، ئەمما، يەنە كىچىككىنە مەسىلە بار.

(2) ئارايۈز خەت نۇسخىسى
بىر قىسىم خەت نۇسخىلىرىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئۇلانماسلىقى تۈزىتىلگەن، Windows 8 نىڭ ئىنگلىزچە،… قاتارلىق سىستېمىلاردىكى سۈكۈتتىكى ئارايۈز (يەنى ئېكران) خەت نۇسخىسى يەنى Segoe UI دىكى ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەر قايتىدىن ياسالغان بولۇپ، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆپ ئېنىق ۋە ياخشىلىنىش بولغان.

(3) Microsoft Uighur
بۇ خەت نۇسخىسى ئارايۈز ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بېسىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولغاچقا، بۇ قېتىم چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان. بۇ خەت نۇسخىسى 6-رايوندىكى بارلىق ئەرەبچە (ئۇيغۇرچە، قازاقچە،…) ھەرپ-بەلگىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەرەبچە ئاھاڭ بەلگىلىرى (يەنى زىر-زەۋەرلەر)نى تولۇق ئويلاشقان بولغاچقا، ئۇيغۇرچە ھەرپ-بەلگىلەر چوڭلۇقى ئىنگلىزچە، خەنزۇچە،…باشقا ھەرپ-بەلگىلەرگە قارىغاندا نىسبەتەن كىچىك كۆرۈنىدۇ. ئەرەبچە داڭلىق خەت نۇسخىسى Traditional Arabic دىمۇ مۇشۇنداق ئالاھىدىلىك بار. ھەرگىزمۇ باشقا سەۋەب تۈپەيلىدىن كىچىك ياسالغان ئىش مەۋجۈت ئەمەس.

(4) ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ نامى
ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى تاللىغاندا، ئۇنىڭ قىسقارتىلما نامى ئۈچۈن ئۇيغۇر دېگەن سۆزنىڭ بىرىنچى بوغۇمى يەنى «ئۇي» دەپ ئېلىنغان.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
30 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ناھايىتى ئەتراپلىق ياخشى خۇلاسىلەپسىز. ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىرىمىز يۇقارقى نۇقتىلارغا ھەممىدىن بەكرەك قىزىقىمىز. سىزگە مەندىن تەشەككۇرلەر بولسۇن. (مەن چۈشۈرگەن بولساممۇ، ئالدىراشچىلىقتىن سىناشقا مۇمكىن بولمىغان ئىدى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى am 09:06
  • ماۋۇ گەپنى ئاڭلاپ تىزراق ئىشلىتىپ بېقىشقا تەقەززا بولۇپ كىتىپ بارىمەن مەن !!!……….

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 12:47
  • ياخشى كىشىلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ئارقىسىدا ياخشى ئىشلار بارغانسېرى ئاۋۇۋاتىدۇ. ئۈزۈلمىگەي بۇنداق ياخشى ئىشلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 22:22
  • ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ يېڭى مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ ئارا يۈزىدىكى سىنبەلگە ۋە سەنئەتلىك تۇيغۇلىرى Windows Phone 7 (مىكروسوفتنىڭ ئەقىلفونلار ئۈچۈن ئىشلىگەن يېڭى مەشخۇلات سىستىمىسى ، ئەپسۇس بۇ سىستىمىنىڭ بازاردىكى ئىگىلىگەن نىسبىتى iOS ۋە Android سىستىمىلىرىغا قارىغاندا يەنىلا خېلى كۆپ تۆۋەن، ئەھۋالدىن قارىغاندا يانغۇن بازىرىدا مىكروسوفىتنىڭ رىزقى يوق ئوخشايدۇ،PC مۇھىتىدىكى رىزقىنى خېلى ياخشى بەرگەن ئىدى.) نىڭ ئۇسلوبغا ئوخشاشكەن . باشىقلارغا قانداق تەسىر بەرگىنىنى بىلمىدىم گۈزەللىك تۇيغۇسى جەھەتتە ماڭا پەقەت ياخشى تەسىر بەرمىدى. نىمىشقىكىن Windows Phone 7نى كۆرگەندىلا ھىچبىر ئارامبەخىش تۇيغۇسىىنى ھىس قىلالمىغان ئىدىم . ئەپسۇس بىز ئايرىلالمايدىغان PC مەشخۇلات سىستىمىسىمۇ شۇ ئۇسلۇبقا يۇزلىنىپ كىتىپتۇ. خۇددى بىل گەيتىس ئىلگىرى ئېيىتقاندەك بىز بارلىق ئىشلەتكۇچىلەر بىر كارۋانغا مىنىگلىك ، لىكىن كارۋاننى باشلايدىغان تۆگىنىڭ ئارغامچىسى گەيتىس ئەپەندىمنىڭ قولىدا . ئۇ ئوڭغا بۇرۇلسا ئوڭغا ، سۇلغا بۇرۇلسا سولغا بۇرۇلۇشقا مەجبۇرمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 13:46
  • 《图片天下》دىگەن بۇسۆزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئۇيغۇرچە سۆزلۈك تاپالماي قالدىم.ئالىم مۇئەللىم بۇ سۆزنى ‹ سۈرەتتىكى دۇنيا›دەپ ئېلىشقا بولامدۇ.رەخمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى am 06:20
  • قىممەتلىك نەتىجىلىرىڭىز ئۈچۈن ئاپېرىن ئالىم ئەپەندىم! جەنابىي ئاللاھ يولىڭىزنى تېخىمۇ راۋان، ئىشىڭىزنى تېخىمۇ ئاسان قىلغاي، ئامىن!
    ئەمدىكى سۆزۈم، كۆرگەنسىز، بۇ تەشەككۈر خىتىمدە مەلۇم بولغىنىدەك ، ‹ي› ھەرىپىنىڭ توملىغى باشقا ھەرپلەردىن پەرقلىق، – «ئۇرۇق» كۆرىنىدىكەن.
    WinXP دە ”“ ’ ‘ لارنى كونۇپكا تاختىسىدىلا چىقارغىلى بولاتتى. ھەرپلەرنىڭ ئارىلىرىغا ‐‐ قويۇپ سۆزلەملەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۇزارتىشقىمۇ (سوزۇشقا) بولاتتى. ماۋۇ Win7 دە بۇ مەشخۇلاتلارنى ئىشلىگىلى بولمايدىكەن . بۇنى ئويلاپ كۆرگەن بولسىڭىز.
    خەير، ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 19:46
  • ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ! بىر ئىشلىتىپ بېقىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. ئاۋۇ ‹‹ ئەخلەت ساندۇقى›› دىگەن گەپنى ‹‹سېۋەت›› دەپلا ئاپسىز ھە! قاراپ بىر ھازاغىچە كۈلۈپتىمەن… خەنزۇچىدىن ئۆز پېتى تەرجىمە قىلماي مۇشۇنداق ئالساق ھەقىقەتەن قىسقا ھەم مەنىلىك بولىدىكەن ئەمەسمۇ! سالامەتلىك تىلەيمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى am 08:45
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئالىم ئاكا ۋە باشقا قېرىنداشلار، مەن بۇ ئىشتىن ئاجايىپ سۆيۈنىمەن ھەم پەخرلىنىمەن. ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلسۇن. خەير ئامان بولۇڭلار ، ئاللاھقا ئامانەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى am 10:58
  • Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسقىسى چىقارمۇ ؟ بۇرۇن مۇشۇ توغرىسىدا ئازتولا گەپلەرمۇ بۇلۇنغان ئىدى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:20
  • Windows 8نىڭ كۈرۈنمە يۈزىدىكى ئۇيغۇرچە يېزىق يۇنىكود قوللىمامدۇ؟ بۇنى چىرايلىق قىلىپ تەڭشىگىلى بۇلامدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى am 09:47
  • Windows 7 چېغىدا ھەرقانداق يەردە ئۇيغۇرچە خەتلەر نورمال ئۇلىنىپ كۆرۈنەتتى . ھېلىقى « ئە » ۋە « ئى » ھەرىپلەرنىڭ بەزى جايلاردا ئولانماسلىق مەسىلىرى ئاللابۇرۇنلا ھەل بۇلۇنغان ئۇنداق ئىشلارنى Windows 7 دە ئۇچىراتقىلى بولمايتى ( مەن سىناپ باققان جايلىرىدا نورمال ) كىرگۈزگۈچ قاچىلاشمۇ ھاجەتسىز . ئەمدى 8 چىققاندا خېمىغا يېنىپ كەتمەس . خەتلەر شۇنداق نورمال كۆڭلۈم شۇنداق سۈيۈندى . ئەمدى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى سېستىمىغا تونۇتۇش ، نورمال كۆرسىتىش، كىرگۈزگۈچ دىگەندەك مەسىلىلەر كەلمەسكە كەتكۈدەك .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 23:01
  • Microsoft Uighur دىگەن بۇ خەت نۇسقىسىنىڭ نامى Microsoft Uyghur غا ئۆزگەرمەپتۇ، مەن سناق نۇسقىسدىن كۆردۈم، بۇنى چۇقۇم ئۆزگەرتىش كېرەكقۇ دەيمەن، بۇ سېتىمىنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچكە تىل يېزىق كۇمىتىتى بېكىتكەن ئۇيغۇر لاتىن لايىھەسىنىڭ كىرگۈزگۈچىسنىمۇ قۇشقان بولسا بەك ياخشى بولاتتى، مۇمكىن بولسا ئالىم ئەھەت ئاكا بۇنى ئويلىشىپ كۆرسە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 17:09
    • ياق، بۇ ئۆزگىرىپ كەتسە ئىلگىرى Microsoft Uighur خەت نۇسخىسىدا بېسىلغان ماتېرىياللار توغرا كۆرۈنمەيدۇ، شۇڭا، ئۇلار بۇنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيمىز دېدى، ھەر قانداق نەرسىنى ھېلى ئۇنىڭغا، ھېلى بۇنىڭغا ئۆزگەرتىش ياخشى ئىش ئەمەس.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى am 00:03
    • مەن بولۇپمۇ Windows دەك سىستېمىدا لاتىنچە دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قالمىسام، لاتىنچىنىڭ ھاجىتى بارا-بارا قالمىغىلى تۇردى

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى am 00:08
  • ئۇيغۇر يىزىقىمۇ خېلى ئىتىبارغا ئېلىنىپتۇ ، تىرىشچانلارغا رەھمەت ، ئاللا سىلەرگ مەرھەممىتىنى ئايىمىسۇن
    ياخشى ئىشلار ئۈزۈلمەي مەڭگۈ داۋاملاشسۇن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى am 10:56
  • بەك ياخشى خەۋەر ئىكەن. ئۈچۈنچى سۈرەتتىكى كومپىيۇتېرنىڭ ئىكرانى سىزنىڭمۇ؟ ئىكران يۈزىنى راسىتلا ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولامدۇ؟ ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى am 08:44
  • ناھايىتى ياخشى ئىشكەن، ئەمدى ئىلىگىرىكى يۇنىكودلۇق كىرگۈزگۈچلەردە ئۇرۇلغان خەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇ يېڭى مەشغۇلات سېستىمىسدا ھىچقانداق خەق نۇسخىسى قاچىلماستىن بىۋاستە مىكروسوفت ئۇيغۇر خەت نۇسخىسىغا تەڭشەپلا توغرا چىقارغىلى بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 23:21
باھا بېتى: 1 2