بۇ ئاتالغۇلارنى نېمە دەپ ئاتايمىز(جىددىي)؟
[ ئاتالغۇلار ]تۆۋەندىكى بۇ ئاتالغۇلارنى نېمە دەپ ئاتايمىز؟ بۇ پۈتۈنلەي يېڭى ئاتالغۇ بولۇپ، باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسى تېخى تولۇق بارلىققا كەلمىدى. تۈرك ۋە ئۆزبېكلەرمۇ ھازىر بىزنى ساقلاپ تېخى تەرجىمە قىلماپتۇ، ئۇلارمۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارغا قاراپ باقىدىغان بولدى. 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 10:00 دىن بۇرۇن تاماملىنىش كېرەك. تەرجىمانلىق ئىش ئورنىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭمۇ سىناپ بېقىشىنى قارشى ئالىمەن. ۋاقىت توشقاندا ۋاي ئىسىت ئاۋۇ، ماۋۇ دېمەي ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى قەھرىمان تەرجىمان كېرەك. قېنى مەرھەمەت.
1. assistive technology
تەكلىپ: ياردەمچى تېخنىكا
2. captive portal
يەشمىسى: A Web page that a user of a public-access network has to view and interact with for authentication, accepting terms of use, or security updates.
تەكلىپ: كىرىش ئېغىزى
3. convertible
يەشمىسى: تاختا كومپيۇتېر(tablet) ۋە خاتىرە كومپيۇتېر (Laptop)قىلىپ ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان بىر خىل كومپيۇتېر
تەكلىپ: ئۆزگىرىشچان كومپيۇتېر ياكى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان كومپيۇتېر
4. HCK
يەشمىسى: ئۆز پېتى ئالايلى بولدى، خۇددىي DVD, VCD دېگەندەك
تەكلىپ: HCK
ئەسلىي ئۇزارتىلمىسى: قاتتىق دېتال گۇۋاھنامە قورالى
5. heat
خەنزۇچە: 未快取读写量 (تازا مۇۋاپىق كۆرمىدىم)
يەشمىسى: The amount of non-cached reads and writes observed for a particular file and offset.
تەكلىپ: غەملەكسىز ئوقۇش-يېزىش مىقدارى
تۈركچە: sıcak okuma/yazma
6. top-level folder
خەنزۇچە: 最上级文件夹
تەكلىپ: ئۈستۈنكى قىسقۇچ
7. Tracking Protection
خەنزۇچە: 跟踪保护
تەكلىپ: ئىز قوغلاشتىن قوغداش
8. two-step verification
خەنزۇچە: 双步验证
تەكلىپ: ئىككى باسقۇچلىق تەكشۈرۈش
9. Windows HCK
تەكلىپ: Windows HCK
Windows قاتتىق دېتال گۇۋاھنامە قورالى
10. Windows Push Notification Service
خەنزۇچە: Windows 推送通知服务 (WNS)
تەكلىپ: Windows ئۇقتۇرۇش يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى
11. WNS
تەكلىپ: WNS
- يازما كۆرۈلۈشى: 22,070 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 03-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 14:28
- ئالدىنقى يازما :6 مۇھىم ئەپنىڭ نامىنى قانداق ئاتايمىز؟
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 6.0 (يېڭى ئىملا قائىدىسى) يۇمشاق دېتالى ئېلان قىلىندى
7.ئىزلاشتىن قوغداش
10.windowsبىلدۈرگۈسى
كۆزنەك،باشلاش كۆزنىكى دەيدىغان گەپلېرىڭىز بار ئىدىغۇ مۇئەللىم!…
مىنىڭچە بولسا verification نى دەلىللەش ،confirm جەزىملەش ،ئىسپاتلاش دىسە مۇۋاپىق بۇلىدۇ.چۈنكى:
verification
:the evidence that proves something is true or correct
دەلىل:1.ئىسىم ،مەلۇم بىر ئىش ،ۋەقە ،ھادىسە ياكى ئوي پىكىرنىڭ راست،توغرا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان رېئال ئەھۋال ۋە ئەمەلىي نەرسە.
2.توغرا ،خۇلاسە ،يەكۈنگە ئېرىشىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئاساس،ئىسپات،ھۆججەت.
مۇشۇنىڭغا ئاساسەن verificationنى دەلىللەش دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.بۇنىڭدا ھىچقانداق تەكشۈرۈش دىگەن مەنە يوق.
confirmنىڭمۇ بەزىدە «دەلىللەش»دىگەن مەنىسمۇ بار ،كۆپراق ئىسپاتلاش،جەزىملەش دىگەن مەنىدە قولىنىدۇ.
شۇڭا بۇ سۆزنىڭ خاتالىق دەرىجىسى سەل ئېغىر.
دېمىدىممۇ؟ ئۆزبېكلەرمۇ بىزدىن پايدىلىنىپتۇ، تۈركلەرمۇ شۇنداق.
tr-TR: iki aşamalı doğrulama
uz-Latin-UZ: ikki bosqichli tekshirish
zh-CN: 两步验证
captive portal نى› تور ئۆتكىلى‹ دەپلا ئالساق مۇۋاپىقتەك قىلدۇ، تىلىمىزدا تەكشۇرۇپ قارار قىلغاندىن كىيىن يولغا قۇيۇلىدىغان ئىشلارغا نىسبەتەن ئۆتكەلدىن ئىۆتكۈزۈش دەيدىغان سۆزبار
ناھايىتى ياخشى پىكىر ئىكەنتۇق ،بىراق بۇلار يوللىنىپ بولدى.ئەپسۇس.كىيىن مۇشۇنداق تەرجىمە ئىشلىرىدا نەزەرىڭىز بىلوگتا بولسۇن.
قارىغاندا بۇ يېڭى ئاتالغۇلار windows8 نىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنماقچى بولغان يېڭىلانما نەشىرى Windows8 blue (بۈگۈن قارىسام بەلكىم windows8.1 دىيىلىشى مۇمكىن دەپتۇ ) دا چىقىدىكەندە ؟؟
مۇئەللىم،Type Cover بىلەن Touch Cover نى ئۇيغۇرچە نىمە دەپ ئاتىدۇ؟
خەت بېسىش ياپقۇچى، سەزمە ياپقۇچ
بۇنى ئۆزگەرتىشكە بولسا مەن مۇنداق تەكلىپ بېرىمەن:
باسمىلىق ياپقۇچ،سەزمىلىك ياپقۇچ
باسما ياپقۇچ، سەزمە ياپقۇچ
بۇ يەردە Typeبىلەن Touch مىنىڭچە خەت يازغاندا قولنىڭ ئىككى خىل ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ.مۇشۇ ئىككى ھالەتنى قۇبۇل قىلىدىغان 2 خىل ياپقۇچ بار.
Typeبولسا كۇنۇپكىنى مەلۇم بىسىم بىلەن بىسىپ خەت يازىدىغان ھالەت،
Touch بولسا بارماقنى كۇنۇپكىغا يىنىك تەككۈزۈپ خەت يىزىش ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ .
مۇئەللىم قانداق قارايدىكىن؟
ياكى بولمىسا باسمىلىق يىپنچا،سەزمىلىك يىپىنچا؟
« تۈرك ۋە ئۆزبېكلەرمۇ ھازىر بىزنى ساقلاپ تېخى تەرجىمە قىلماپتۇ، ئۇلارمۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارغا قاراپ باقىدىغان بولدى» ماۋۇ گەپ ۋەھشەت ئەھۋالكەن.
convertible
بۇ كومپىيوتىرنىڭ سىرتقى شەكلىنى ئۆزگەتكىلى بولغاندىكىن شەكىلچان كومپيوتىر دىسەك بۇلارمۇ؟
بەزى ئاتالغۇلارنى تۆۋەندىكىدەك ئاسا تېخىمۇ قىسقا،چۈشىنىشلىك بولامىكى
captive portal
دەلىللەش قوۋۇقى
convertible
ئۆزگىرىشچان بىلپات(بىلىم -ئۇچۇرپاتىدىغان)
HCK
سەپلىمە دەلىللىەۈچ
two-step verification
ئىككى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش
Windows HCK
Windows سەپلىمە دەلىللىگۈچ
ئەممىسە يىڭى ئاتالغۇلارنى ساقلايمىز!~~